خىتايدا ئالدى بىلەن نېمىنى ئەڭ چوڭ مەدەنىيەتسىزلىك دەپ قاراش كېرەك؟

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىدە 'مەدەنىيەتلىك بولۇپ، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى كۈتىۋېلىش' دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالدى بىلەن نېمىنىڭ 'مەدەنىيەتسىزلىك ئىللىتى' ئىكەنلىكىنى باھالاش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. 'شىنخۇا ئاگېنتلىقى'نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئون نەچچە كۈنلۈك باھالاش پائالىيىتى ئارقىلىق 10 تۈرلۈك ئىشنى 'مەدەنىيەتسىزلىك ئىللىتى' دەپ بېكىتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 'قالايمىقان تۈكۈرۈش، ئەخلەت تاشلاش، چوڭ كوچىلاردىن خالىغانچە ئۆتۈش' تىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئىشنى ئەڭ چوڭ مەدەنىيەتسىزلىك دەپ بېكىتكەن.

ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن 'مەدەنىيەت ئەلچىلىرى' كوچىلارغا چىقىپ 10 تۈرلۈك ئىللەتنى، يەنى قالايمىقان تۈكۈرۈش، ئەخلەت تاشلاش، چوڭ كوچىلاردىن خالىغانچە ئۆتۈش، ئۈنلۈك پاراڭ سېلىش، قالايمىقان تەرەت قىلىش، قالايمىقان ئېلان چاپلاش، سۆزلەشكەندە ئاغزىنى بۇزۇش، گۈل-گىيالارنى دەسسەش قاتارلىق 10 تۈرلۈك 'مەدەنىيەتسىزلىك' نى چەكلەشكە، بۇ ئارقىلىق ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىنى مەدەنىيەتلىك قىلىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.

ياۋروپادا چىقىدىغان 'غەرب شامىلى ژۇرنىلى'نىڭ تەھرىرى ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندى خىتايدا ئالدى بىلەن نېمىنى 'مەدەنىيەتسىزلىك ئىللىتى' دەپ چۈشىنىش كېرەكلىكى توغرىسىدا مۇلاھىزە ئوتتۇرىغا قويدى.

ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ئالدى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىغا ھۈرمەت قىلماسلىقنى مەدەنىيەتسىزلىك دەپ قاراش كېرەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايون قانۇنىنى ئىجرا قىلمىغانلىقىمۇ مەدەنىيەتسىزلىك. يالغانچىلىق- ساختىلىق، مەسىلەن: ساختا مال ئىشلەپ بازارغا سېلىشمۇ پۈتۈن دۇنيا يىرگىنىۋاتقان ئىپلاسلىق. ئالدى بىلەن بۇنداق مەدەنىيەتسىز ئىللەتلەرنى چەكلەش كېرەك. (ۋەلى)