خۇ جىنتاۋ ئوتتۇرىغا قويغان «مەدەنىيەت ئىسلاھاتى»نى جاڭ چۈنشەن غۇلجىدا باشلىدى

بۈگۈن خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش دېگەن نام بىلەن غۇلجا شەھىرىدە يەرلىك خەلقنىڭ دىنىي ئېڭىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان سىياسىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇنازىرە قوزغالدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.12.16

سېنگاپوردا چىقىدىغان «سەھەرلىك گېزىت» بۈگۈن «غۇلجا ئۇچۇرلىرى» دەپ ئاتاپ بىر خەۋەر ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھازىر يېڭى چېگرادا دىنىى پائالىيەتلەرگە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ زەربە بېرىشكە باشلىغان. خىتاي دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىدىغان بۇ ھەرىكىتىنى غۇلجا شەھىرىدىكى دۆڭمەھەللە دېگەن مەھەللىدىن باشلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىدىكى ۋە ياشلاردىكى دىنىي ئاڭنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئالدى بىلەن مۇشۇ مەھەللىدىكى ئەرەبچە كېيىم كېيىدىغان، بومبا ساقال قويىدىغان تۈسنى پۈتۈنلەي كۆزدىن غايىپ قىلىشنى نىشانلىغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھازىر ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ئېلىپ بېىرۋاتقان بۇنداق سىياسىي ھەرىكەت چەتئەللەردە يامان تەسىر پەيدا قىلماقتا.

بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۇچۇر ۋاستىلىرى غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلغان ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، خىتاي ھازىر بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش دېگەن نام بىلەن غۇلجا شەھىرىدە يەرلىك خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا زەربە بەرمەكتە دەپ خەۋەر قىلغان ئىدى. بۇ خەۋەردىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىمۇ نەقىل ئالغان.

ئۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاينىڭ سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسى، خىتاينىڭ يېڭى چېگرا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومى 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ساقچى باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىپ، بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يېڭىدىن 5 مىڭ نەپەر ئەڭ زامانىۋىي قوراللانغان ۋە ئالاھىدە تەربىيىلەنگەن ساقچى يۆتكەپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرى يېڭى چېگرادا ئاساسلىق قوراللىق ساقچى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

بۈگۈن كوممۇنىست خىتاينىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى» يېڭى چېگرا ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، يېڭى چېگرا جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ھازىر ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا يەنە بىر «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى باشلىدى، بۇ ھەرىكەتتە پۈتۈن جامائەت خەۋپسىزلىك سېستىمىسى بىردەك ھەرىكەتكە كەلدى، ھازىر بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ بولغان بۇ ساقچى قىسىملىرى بۆلگۈنچى ۋە تېررورچىلارنى ئالدىن بايقاپ قاتتىق زەربە بېرىش، مۇقىملىقنى ساقلاش ھەرىكىتىگە كىرىشىپ كەتتى دەپ بايان قىلدى.

بۈگۈن «دوۋېي تور گېزىتى» يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى چېگرادا دىنىي ئاڭنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان سىياسىي ھەرىكەت قوزغىغانلىقىنى قايتىدىن خەۋەر قىلدى. ئۇنىڭدا، خىتاي ھۆكۆمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېڭىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن، 1944 - يىلى قوزغىلاڭ پارتلاپ، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان غۇلجا شەھىرىدە، مەدەنىيەت ئىسلاھاتى دېگەن نام بىلەن قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ؛ خىتاي گەرچە بۇ رايوندا ئۇيغۇرچە مىللىي ئاڭنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاللىقاچان قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تەسس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا خىتايچە ئاڭنى سىڭدۈرەلمىدى؛ بەلكى ئۇيغۇرلار بۇ شەھەردە 1997 - يىلى يەنە بىر چوڭ قوزغىلاڭ كۆتۈردى؛ بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، يېڭى ئەمەلدار جاڭ چۈنشەن يۇمشاق ۋە قاتتىق ۋاستىنى تەڭ قوللىنىدىغان سىياسەت يۈزگۈزۈۋاتىدۇ دەپ بايان قىلدى.

بۈگۈن بۇ ھەقتە قوزغالغان مۇنازىرىلەرنىڭ بىرىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋېنگېرىيىلىكلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىشىشىنى، ھونچە ئەنئەنىۋېي كېيىم كېيىشىنى چەكلىدى. گومىنداڭ تەيۋەندىكى يەرلىك تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىشىشىنى، تەيۋەنچە ناخشا ئېيتىشىنى چەكلىدى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى يېڭى چېگرادا قوش تىللىق مائارىپ دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى چەكلىدى. ھازىر يەنە ئۇلاردىكى دىنىي ئاڭنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئەرەبچە كېيىم كېيدىڭ، ساقال قويدۇڭ دەپ ئەيىبلەشكە باشلىدى. تىبەتتىمۇ سۇ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش دېگەن نام بىلەن، تىبەتلەرنى يۇرتلىرىدىن قارلىق تاغلارغا قوغلاشقا باشلىدى. بۇنىڭ ھەممىسى چوڭ مىللەتچىلىك، دەپ كۆرسىتىلدى.

يەنە بىر ئوبزوردا، خۇ جىنتاۋ «مەدەنىيەت ئىسلاھاتى»ئېلىپ بېرىشنى ئوتۇرىغا قويغان ئىدى، جاڭ چۈنشەن ئۇنى غۇلجىدا ئىجرا قىلدى، خۇ جىنتاۋنىڭ مەدەنىيەت ئىسلاھاتى دېگىنى يالغان گەپ ئىدى، بۇ يالغان گەپنى جاڭ چۈنشەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۆتكەپ كەلگەن ئەڭ زامانىۋېي قوراللانغان ساقچى قىسىملىرىغا تايىنىپ، ئۇيغۇرلارچە دىنىي ئاڭ ۋە تۈسلەرنى ئۆزگەتىدىغان ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇۋالدى. ئۇ، جەنۇبتىكى چىرىيە ناھىيىسدىمۇ، خۇددى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» بايان قىلغاندەك، ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا باشلىدى. خىتاي مەركىزى كومىتېتى جاڭ چۈنشەننى يېڭى چېگراغا سېكرىتار قىلىپ بەلگىلىگەندىلا، خوڭكوڭ زىيالىيلىرى ئۇنى قوي تېرىسىگە ئورىلىۋالغان چىل بۆرە دەپ تەسۋىرلىگەن ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.