شىۋىتسىيىدە، ئۈمىد يۇلتۇزى ناملىق مەدەنىيەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

19-ماي كۈنى شىۋىتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ياۋروپادا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ "ئۈمىد يۇلتۇزى" دەپ ئاتالغان مەدەنىيەت كېچىلىكىنى ئۆتكۈزدى.

بۇ پائالىيەتكە شىۋىتسىيە، گېرمانىيە، بېلگىيە، نورۋىگىيە، قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن ياش-ئۆسمۈرلەر قاتناشتى.

بۇ پائالىيەتتە مەرھۇم كومپوزىتور كۈرەش كۈسەننىڭ ئىجادىيەتلىرى ئورۇندالغاندىن سىرت، يەنە ئۇيغۇرچە ناخشا-مۇزىكا قاتارلىق تۈرلۈك ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى. بۇ پائالىيەت توغرىسىدا، شىۋىتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇن مەلۇمات بېرىدۇ. يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇننىڭ مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.