مېدۋېدېۋ موڭغۇلىيىدە ئۇران قازماقچى

رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ 25 - 26 - ئاۋغۇست كۈنلىرى ئۇلانباتوردا زىيارەتتە بولۇپ، موڭغۇلىيە پرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە خالخىن - گول ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىپ، تارىخنى ئەسلەپ ئۆتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.08.26
putin-medwedev-305.jpg ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﭘﯘﺗﯩﻦ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﻣﯧﺪﯞﯦﺪﯦﯟ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

تەھلىلچىلەر رۇسىيىنىڭ كونا تەسىر دائىرىسىدىكى رايونلارغا قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بۇ كۈنلەردە، كرېمىلنىڭ يېڭى رەھبىرى دمىترىي مېدۋېدېۋ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى موڭغۇلىيىنىڭ پايتەختى ئۇلانباتوردا ئىككى كۈن رەسمىي زىيارەتتە بولدى.

رۇسىيىنىڭ ئىتار - تاس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت مېدۋېدېۋ ئۇلانباتوردا تېخى يېقىندىلا سايلانغان پرېزىدېنت ساخىئاگىين ئەلبەگدورجى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، يەنە بىر قاتار كېلىشىملەرگە ئىمزا قويدى. مېدۋېدېۋ بىلەن ئەلبەگدورجىنىڭ تۈزگەن كېلىشىملىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىملىرى رۇسىيە بىلەن موڭغۇلىيىنىڭ بىرلىكتە ئۇران كانلىرىنى تېپىش ۋە قېزىش شىركىتى قۇرۇش توختامنامىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە بىر قاتار سودا - ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغان كېلىشىملەرمۇ ئىمزالانغان.

ئىككى پرېزىدېنت خەلقئارا مەسىلىلەر ۋە ب د ت نى ئىسلاھات قىلىش قاتارلىقلار مەسىلىلەر بويىچىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغان بولۇپ، رۇسىيە تەرەپ موڭغۇلىيىنىڭ يادروسىز دۆلەتلىك سالاھىيىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىككى تەرەپ يەنە ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ھەققىدە باياننامە ئېلان قىلغان بولۇپ، مېدۋېدېۋ موڭغۇلىيىنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيىنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرىدا ئېيتىلىشىچە، دمىترىي مېدۋېدېۋ موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ساھىبخانلىق قىلغان خالخىن - گول ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە قازانغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇرۇشقا قاتناشقان رۇسىيىلىك ۋە موڭغۇلىيىلىك كونا جەڭچىلەرنى قوبۇل قىلغان ھەمدە بۇ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مارشالى جۇكوۋنىڭ ئۇلانباتوردىكى ھەيكىلىگە گۈل چەمبىرەك قويغان.

مېدۋېدېۋ خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇقتىدا "خالخىن - گول ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى بىزنىڭ خەلقلىرىمىزنى ئۇز ‏ - ئارا باغلىغان قەھرىمانلىق بەتلىرىگە بولغان ھۆرمىتىمىز ۋە ئۇنى خاتىرىلىشىمىزنىڭ ئىسپاتى. خالخىن - گولدىكى جەڭلەردە بىزنىڭ دوستلۇقىمىز سىناقلاردىن ئۆتتى ۋە بۈگۈن كۈنلەردىمۇ بىز بۇنى خۇددى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا قەدىرلەيمىز" دەپ جاكارلىغان شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ موڭغۇلىيىنىڭ ئاساسلىق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي شېرىكى بولۇپ، ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن موڭغۇلىيىنىڭ 80% ئىقتىسادىي سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.

تارىخچىلار خالگىن - گول ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ ساقلىنىپ قېلىنىش كاپالىتى بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى، 1939 - يىلى 8 - ئايدا غەلىبە قىلغان بۇ ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتچىلىكىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى ئەسلىگەن.

خالخىن - گول موڭغۇلىيە چېگرىسى ئىچىدىكى بىر دەريانىڭ نامى بولۇپ، 1931 - يىلى ياپونلارنىڭ ھىمايىسى بىلەن مانجۇگو دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، خالخىن - گول موڭغۇلىيە بىلەن مانجۇرىيىنىڭ چېگرىسى بولۇپ قالغان. بىراق، مانجۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ئارىسىدا بۇ يەرنى تالىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا چېگرا توقۇنۇشلىرى داۋاملاشقان .

خالخىن - گول موڭغۇلىيىگە تەۋە بولسىمۇ، لېكىن بۇ جاي ئەمەلىيەتتە ياپونىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېگرىسىغا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، 1936 - يىلىدىن كېيىن سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بۇ رايونغا كىرىپ ئورۇنلىشىپ، ياپونىيە ئارمىيىسى بىلەن تىركەشكەن ھەمدە 1938 - يىلى خاسان كۆلى ئەتراپىدا سوۋېت ئارمىيىسى بىلەن ياپونىيە ئارمىيىسى ئارىسىدا ئۇرۇش يۈز بەرگەن. 1939 - يىلى ماي ئېيىدىن باشلاپ، ياپونىيە موڭغۇلىيە چېگرىسى ئىچىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، سوۋېت ۋە موڭغۇل قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قوزغاپ تۇرغان، نەتىجىدە توقۇنۇشلار كېڭىيىپ، ئايروپىلان ۋە تانكىلارنى ئىشقا سېلىش دەرىجىسىگە يەتكەن. شۇ يىلى 6 - ئايدا ياپونىيە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغان بولۇپ، ئاۋغۇستقا كەلگەندە ئۇرۇش يۇقىرى پەللىگە يېتىپ، سوۋېت تەرەپ 60 مىڭ ئەسكەر، 500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان ۋە 500 دىن ئارتۇق تانكا، ياپونىيە تەرەپ 700 دىن ئارتۇق ئايروپىلان، 180 تانكا ھەمدە 75 مىڭ ئەسكەر چىقارغان.

سوۋېت، ئارمىيىسىگە مارشال جۇكوۋ قوماندانلىق قىلغان بولۇپ، كەڭ كۆلەملىك قاتتىق جەڭلەردىن كېيىن ياپونىيە ئارمىيىسى پۈتۈنلەي مەغلۇب بولغان. ئەمما، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋەرگەن بولسىمۇ، بىراق 15 - سېنتەبىر كۈنى موسكۋا، ئۇلانباتۇر ۋە توكيو ئارىسىدا ئۇرۇش قىلماسلىق شەرتنامىسى تۈزۈلگەندە توختىغان.

رۇسىيە تارىخچىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خالخىن - گول غەلىبىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ياپونيىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇپ قالغانلىقى ۋە 1941 - 1945 - يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدىمۇ، ياپونىيىنىڭ شەرق تەرەپتىن ھۇجۇم قىلماسلىقى ئۈچۈن شەرت ھازىرلىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرىدۇ. موڭغۇلىيە تارىخچىلىرى بولسا، خالخىن - گول ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى ئەمەلىيەتتە سوۋېت ۋە موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ بىرلىكتە قولغا كەلتۈرگەنلىكى، بۇ غەلىبىنىڭ ئوخشاشلا ياپونىيىنىڭ موڭغۇلىيىنى بېسىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قوزغىشىدا توساقلىق رولىنى ئوينىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

موڭغۇلىيە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ خۇددى 16 - سوۋېت ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىدەك ئورنىدىن قۇتۇلۇپ، موسكۋانىڭ تەسىر دائىرىسى ئاستىدىن چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى ھەمدە ئامېرىكا، خىتاي ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئەركىن ئالاقە قىلىپ، ئۆز ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش شۇنىڭدەك خەلقارادىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشتى.

مېدۋېدېۋنىڭ ئۇلانباتورنى زىيارەت قىلىشى رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى مۇلاھىزىلىك تېمىغا ئايلانغان بولۇپ، رۇس ئانالىزچىلىرى ئۇلانباتورنىڭ ئۆز دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا ئۆزىگە بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ھامىلىق قىلغان كرېمىلدىن ئايرىلىپ قالسا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەنلىكىنى، كرېمىلنىڭمۇ ئۆزىنىڭ بۇ كونا ئىستراتېگىيىلىك نۇقتىسىدىن ئايرىلىپ قالسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.