مەھمۇد قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتىن كېيىنكى تەسىراتلار


2006.12.20

12 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن "مەھمۇت قەشقىرى ۋە شەرقى تۈركىستان" تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا تۈركىيىدە مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان 20 ئىلىم ئادىمى قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

يىغىندىن كېيىن، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ يىغىندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى سورىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.