0:00 / 0:00
12 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن "مەھمۇت قەشقىرى ۋە شەرقى تۈركىستان" تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا تۈركىيىدە مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان 20 ئىلىم ئادىمى قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
يىغىندىن كېيىن، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ يىغىندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى سورىدى.