ئەزەربەيجان يازغۇچىلار جەمئىيىتى تارمىقىدا مەھمۇت قەشقىرى ۋەخپى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ۋەخپ ئەزەربەيجان خەلقىگە ۋە پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا مەھمۇت قەشقىرىنى ۋە ئۇ مەزگىلدىكى قاراخانلار مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى تونۇتۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن. 2006-يىلى قۇرۇلغان بۇ ۋەخپ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بۇ ھەقتە نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. بىز بۇ ۋەخپ ۋە پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ۋەخپ باشلىقى يازغۇچى، شائىر ئىلھان قاراخانلى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
-ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز قانداق، فامىلىڭىز نىمىشقا قاراخانلى؟
- بىزنىڭ ئەجدادىمىز قاراخانلىقلاردىن. ئەزەربايجاننىڭ قاراخانلى يېزىسىدا ياشايمىز. تائوس رايونىنىڭ قاراخانلى يېزىسى بار. ئەجداتلىرىمىز قاراخانلىلىقلاردىن كەلگەن بولۇپ، كېيىن ئۇلار ئەزەربايجانغا كۆچۈپ كەلگەن ئىكەن. مەن ئەزەربايجان يازغۇچىلار جەمئىيىتىدە ئىشلەيمەن. نەشىر قىلىنغان كۆپ ساندا شېئىر ۋە ھېكايە كىتاپلىرىم بار. 2006-يىلىدىن بېرى مەھمۇت قەشقىرى ۋەخپىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن.
- ھۆرمەتلىك ئىلھان قاراخانلى ئەپەندى، مەھمۇت قەشقىرى ۋەخپىنى قۇرۇشىڭىزدىكى مەقسەت نىمە، قاچان قۇرۇلدى، بۇ ھەقتە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟
- ۋەخپنى قۇرۇشتىكى مەقسەت، سوۋېتلەر بىرلىكى مەزگىلىدە بىز قەدىمقى تارىخىمىزنىڭ، مەدىنىيىتىمىزنىڭ روھىدىن مەھرۇم قالدۇق. شۇڭا بىز مەدىنىيىتىمىزنى ئەزەربەيجاندا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە قايتىدىن جانلاندۇرۇش، تونۇتۇش ئۈچۈن بۇ ۋەخپنى قۇردۇق. مەھمۇت قەشقىرى تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم شەخىسلىرىدىن بىرى. تۈرك مەدىنىيىتىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان كىشىلەردىن بىرى. تۈركىي تىللار دىۋانى بىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك تارىخى ئابىدىمىزدۇر. ئۇ پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ داھىسى، شۇڭا بىز ئۇنىڭ نامىغا بىر ۋەخپ قۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. پائالىيىتىمىز بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. مەشھۇر قازاق يازغۇچىسى ئولجاي سۇلايمانوفنىڭ ئەسىرى، ئۇندىن باشقا تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ بېسىلىشىغا ياردەم قىلدۇق. بۇلاردىن باشقا تارىختىكى تۈرك ئالىملىرىنىڭ تۇغۇلغان ياكى ۋاپات بولغان كۈنلىرىنى خاتىرلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىۋاتىمىز.
- بۇ ۋەخپكە كىملەر ئەزا؟
- مەن بۇ ۋەخپنى قۇرغاندىن كېيىن ئەزەربەيجاننىڭ مەشھۇر يازغۇچى، شائىرلىرى ۋە ئىلىم ئادەملىرى ئەزا بولدى. داڭلىق يازغۇچىمىز ئانار، نىزامى جافەروف، گازەنفەر پاشايوفقا ئوخشاش نۇرغۇن مۇھىم ئەرباپلار ئەزا بولدى. بىز ۋەخپىمىزنى كېڭەيتىۋاتىمىز. كەلگۈسىدە تۈركىيە ۋە باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ مەھمۇت قەشقىرى ھەققىدە چوڭ پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى ئويلاۋاتىمىز.
- ئەزەربەيجانلىقلار مەھمۇت قەشقىرىنى ياخشى بىلەمدۇ؟
- مەھمۇت قەشقىرى ئەزەربەيجاندا ئاز تونۇلىدۇ. بىزنىڭ بۇ ۋەخپنى قۇرۇشتىكى مەقسىتىمىزمۇ مەھمۇت قەشقىرىنى، قاراخانلى دۆلىتىنىڭ تارىخىنى، مەدىنىيىتىنى تونۇتۇشتىن ئىبارەت. چۈنكى بۇ بىزنىڭ ئۆز مەدىنىيىتىمىز، ئۆز تارىخىمىز. ئەزەربەيجان تۈركىستان بىلەن غەرب ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان دۆلەت. بىز ئۆز تۈرك مەدىنىيتىنى ئەزەربەيجاندا ۋە ئەزەربەيجان ئارقىلىق دۇنياغا تونۇتۇش مەقسىتى بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بىزنىڭ ۋەخپىمىزنىڭ ئەزاسى رامىز ئەسكەروف تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى سۇلايمان دېمىرەلنىڭ ماددى ياردىمى بىلەن تۈركىي تىللار دىۋانىنى ئەزەرىچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى. بۇنىڭ بىلەن مەھمۇت قەشقىرى ئەزەربايجاندا تونۇلىشقا باشلىدى. ئەزەربەيجان خەلقى مەخمۇت قەشقىرى تۇغۇلغان قەشقەرنى، ئۇنى يېتىشتۈرگەن ئۇيغۇر خەلقىنى ياخشى بىلمەيدۇ. بۈگۈن 10مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر خەلقى ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستاننى، ئۇيغۇر خەلقى تارىختا ياراتقان شانلىق مەدىنىيەتلەرنى بىلىم ئادەملىرىنىڭ سىرتىدا ئاۋام خەلق ئانچە بىلمەيدۇ. ۋەخپىمىز قۇرۇلغاندىن كېيىن بىز بۇلارنى تونۇتۇشقا باشلىدۇق. ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قېرىندىشىمىز، ئۇلارنىڭ مەدىنىيتى، تارىخى بىزنىڭمۇ تارىخىمىز ۋە مەدىنىيىتىمىزدۇر. شۇڭا بۇنى تونۇتۇش، قايتىدىن تىرىلدۇرۇش بىزنىڭ بۇرچىمىز.
- ھۆرمەتلىك ئىلھان قاراخانلى ئەپەندى، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كۆپى مۇستەقىللىككە ئېرىشتى. ئەمما مەھمۇت قەشقىرىدەك ئۇلۇغ ئالىمنى يېتىشتۈرگەن ئۇيغۇر خەلقى قېيىنچىلىق ئاستىدا. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
- ئۇيغۇرلار بۈگۈن ئەڭ قېيىن ئەھۋالدا قالغان بىر تۈركىي مىللەت. توغرىسىنى دېسەم، ئۇيغۇلار ھازىر ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ يوق بولۇش خەۋپى ئاستىدا. خىتاينىڭ بېسىمى داۋام قىلىۋاتىدۇ. مەن بۇنى يېقىندىن تەقىپ قىلىۋاتىمەن. دۇنيادىكى ھەر بىر تۈركىي خەلقنىڭ ۋە ئىلىم ئادەملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش مەجبۇرىيىتى بار، بۇ بىر بۇرچ. ئۇلارغا ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلىش كېرەك. ھىچ بولمىغاندا ئۇلارنىڭ تارىخىنى، مەدىنىيىتى تونۇتۇش كېرەك. مېنىڭ بۇ ھەقتە پىلانلىرىم بار. يېقىندا ئېلىپ بارماقچى بولغان پىلانىم، ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ شەھىرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىشتىن ئىبارەت. مەنچە، ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ياردەمگە مۇھتاج بولغان بىر تۈركىي مىللەت. چۈنكى، تۈركىيە بولسۇن، ئەزەربەيجان بولسۇن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشىنى خالىمىغاچقا ھىچكىم ئۇلارغا ياردەم قىلىشقا يېقىن كەلمەيۋاتىدۇ. مەنچە، پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى، شانلىق تۈرك مەدىنىيىتىنىڭ ياراتقۇچىسى، مەھمۇت قەشقىرىنىڭ نەۋرىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارغا بارلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ياردەم قىلىشى كېرەك. (ئەركىن تارىم)