ئىككىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا «مەھمۇد كاشىغەرىي ھېكايە مۇسابىقىسى» ئاياقلاشتى

تۈركىي تىللىق 25 مىللەت ياشايدىغان دۆلەت ۋە رايونلار ئارىسىدا سەپەرۋەر قىلىنغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا «مەھمۇد كاشىغەرىي ھېكايە مۇسابىقىسى» 21 - دېكابر كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئاخىرلاشتى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.12.24
Mexmut-qeshqiri-kitabi-305 ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﮔﺎﺯﻯ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺗﯩﻞ ‏ - ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﻓﯘﺯﯗﻟﻰ ﺑﺎﻳﺎﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ، "ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Arslan


ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك ئالىمى مەھمۇد كاشىغەرىينى ئەسلەش ۋە بارلىق تۈركىي خەلقلەرنى ئوخشاش بىر مەقسەتتە بىر يەرگە جەم قىلىش مەقسىتىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى ۋە ياۋرو - ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن بۇ ھېكايە مۇسابىقىسى ئەزەربەيجان، باشقۇرتىستان، ئىراق، ئىران (تۈركمەن، ساھا، كاشگاي تۈركلىرى ياشايدىغان جايلاردا )، قاراچاي - بالكار جۇمھۇرىيىتى، قازاقىستان، قىرغىزىستان، قىرىم ۋە تۈركىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەت ۋە رايون ئىچىدە ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان. ئۆز دۆلەتلىرىدە تاللانغان ھېكايىلەر ياۋرو - ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆز - ئارا سېلىشتۇرۇپ باھالانغاندىن كېيىن ئالدىنقى ئايدا نەتىجىلەنگەن بولۇپ، شەنبە كۈنى رەسمىي مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئالدى بىلەن ياۋرو - ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياقۇپ ئۆمەر ئوغلى ۋە «تۈركلەر ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ باش كاتىپى دۇئەسىن كاسەينوۋ قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

ياۋرو - ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى رەئىسى ياقۇپ ئۆمەر ئوغلى ئەپەندى ئېچىلىش نۇقتىدا مۇنداق دېدى:

تۇنجى قېتىملىق خەلقئارالىق «مەھمۇد كاشىغەرىي ھېكايە مۇسابىقىسى» نى «دۇنيا مەھمۇد كاشىغەرىي يىلى» دا ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى مائارىپ تەتقىقات كومىتېتى پائالىيىتىمىزنى قوللىغان ئىدى. ئۇ يىلى مۇسابىقىگە ئون دۆلەت قاتناشقان ئىدى. بۇ يىل ئىككىنچى قېتىملىقىنى ئۆتكۈزىۋالدۇق ۋە بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە توققۇز دۆلەت ئىشتىراك قىلدى. «مەھمۇد كاشىغەرىي ھېكايە مۇسابىقىسى» تۈركىي مىللەتلەر ئەدەبىياتى بويىچە تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقە ھېسابلىنىدۇ. «مەھمۇد كاشىغەرىي ھېكايە مۇسابىقىسى» دىن بۇرۇن تۈركىي مىللەتلەر ئەدەبىيات ساھەسى بويىچە بىر يەرگە جەم بولۇپ باقمىغان ئىدى. بۇ ھېكايە مۇسابىقىسىگە نېمە ئۈچۈن مەھمۇد كاشىغەرىي دەپ نام بېرىلگەنلىكىگە كەلسەك، بىرىنچى قېتىملىق مۇسابىقە 2008 - يىلى دۇنيا مەھمۇد كاشىغەرىي يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن شۇ نام بېرىلگەن ئىدى. ئىككىنچى قېتىملىق مۇسابىقىسىدىمۇ بۇ نامنى ساقلاپ قېلىش قارار قىلىندى. چۈنكى، ھەممىمىز بىلىمىز كاشغەرىي دۇنياۋىي لۇغەت " دىۋانۇلۇغاتىت تۈرك" نىڭ ئاپتورى. ئۇ، ھازىر دۇنيانىڭ داڭلىق تىللىرى سانىلىۋاتقان ئىنگىلىزچە، فىرانسۇزچە، نېمىسچە، ئىسپانچە قاتارلىق تىللارنىڭ ھېچقانداق بىر لۇغىتى بولمىغان ۋە ئۇ تىللارنىڭ لۇغىتى يېزىلىشى ئۈچۈن تۆت بەش ئەسىر ئۆتىشى كېرەك بولغان بىر تارىخىي دەۋىردە تۈركلەرنىڭ تىللىرى ئۈچۈن بىر لۇغەت تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغ ئالىمدۇر.

ئارقىدىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يازغۇچىلارغا مۇكاپات بويۇمى تەقدىم قىلىندى. قىسقا دەم ئېلىشتىن كېيىن تۈرك دۇنياسى سەنئەت ئۆمىكى ئويۇن قويدى.

ئىككىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا «مەھمۇد كاشىغەرىي ھېكايە مۇسابىقىسى» نىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتىنى ئەزەربەيجانلىق يازغۇچى ئەجدەر ئول ئالدى ۋە 10000 تۈركىيە لىراسى بىلەن مۇكاپاتلاندى. ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات قىرغىزىستانلىق يازغۇچى ھايداربېك سارمانبېتوۋقا تەۋە بولدى. سارمانبېتوۋ 7500 تۈركىيە لىراسى بىلەن تەقدىرلەندى. ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يازغۇچى قاراچاي تۈركلىرىدىن مۇتەللىپ بەپپايېۋ بولۇپ، ئۇ 5000 تۈركىيە لىراسى بىلەن مۇكاپاتلاندى. ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن قازاقىستانلىق يازغۇچى دائۇرەن كۇئات بولسا 2500 تۈركىيە لىراسى بىلەن مۇكاپاتلاندى.

بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە تولىمۇ ئەپسۇس بىرمۇ ئۇيغۇر قاتناشمىدى.

بىز مۇكاپاتلانغاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەزەربەيجانلىق يازغۇچى ئەجدەر ئول بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

«سىز يىغىندىكى لېكسىيڭىزدە پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەھمۇد كاشغەرىيدىن روھىي ئوزۇق ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتىڭىز، پۈتۈن تۈرك دۇنياسى ئازاتلىقىنى قولىغا ئالغان بۈگۈنكى كۈندە مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ يۇرتى ھېلىغىچە خىتايلارنىڭ ئىشغالىيىتىدە تۇرماقتا. بۇ ھەقتە نېمە دېمەكچىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئەجدەر ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى:

ئالدى بىلەن «مەھمۇد كاشىغەرىي ھېكايە مۇسابىقىسى» نىڭ بىرىنچىلىكىنى ئالغاندىن كېيىنكى مەمنۇنىيىتىمنى بىلدۈرىمەن. چۈنكى بۇ ئىسمى يىراق تارىخقا ئۇلىشىدىغان ۋە بىزنىڭ پەخرىمىز بولغان بىر ئالىمنىڭ نامىغا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇسابىقە. بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئىنساننىڭ قەلبىنى بەخت تۇيغۇسىغا چۇلغايدۇ. تۈركلەرنىڭ روھى ئازات، شۇڭا ئۇلار ھامان ئازادلىققا ئېرىشىدۇ. ئەگەر مەھمۇدنىڭ روھى ئازادلا بولىدىغان بولسا شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ئۇنىڭ ئەجدادلىرىمۇ ھامان بىر كۈنى ئازادلىققا ئېرىشىدۇ.

«ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى ئەركىن پىكىرلىك شائىر ۋە يازغۇچىلار تۈرمىدە ياتماقتا. ياۋروپادا بۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىمزالار يىغىلىپ، دوكلاتلار سۇنۇلغان بولسىمۇ، تۈرك دۇنياسى بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچنېمە قىلمىدى. سىزچە نېمە قىلىشى كېرەك؟»، دېگەن سوئالىمىز ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:

ئىمزا يىغىش ۋە يىغىن ئېچىشنىڭ ھېچنەرسىگە پايدىسى يوق. سىياسىي ئەركىنلىكنى قولغا ئالغاندىلا ئۇ قېرىنداشلار ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.