ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈۋېتىلگەن ئادەم سانى ساختا ئېلان قىلىنماقتا


2008.02.20

بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىك مەيدانى قۇرۇلۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن، تۇرالغۇ ماكانلىرىدىن ئايرىلغان ئادەم سانى ئاران 14 مىڭ ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ 6034 ئائىلىنىڭ ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.

بېيجىڭ شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ جيامىڭ چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، بۇ ھەقتە ئېنىق سانلىق مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، ئۇ ئولىمپىك مەيدانىنى ياساش جەريانىدا توپلام 14 مىڭ 901 ئادەمنىڭ ئۆيلىرىدىن كۆچۈرۈلگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كۆچۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بىراق، جاڭ ئېيتقان سانلىق مەلۇمات، بىر قىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلار تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن سانلىق مەلۇماتتىن ئالاھىدە دەرىجىدە پەرقلىنىدىغانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

1 مىليون 250 مىڭ كىشىنىڭ ئۆي ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈلگەنلىكى مەلۇم

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىغا تەۋە "تۇرالغۇ ئۆي ‏- زېمىن ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىي قوغلاپ چىقىرىش مەسىلىسى مەركىزى" نىڭ ئېنىقلىشىچە، خىتايدا ئولىمپىك مەيدانى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تەييارلىق خىزمىتى جەريانىدا 1 مىليون 250 مىڭ كىشىنىڭ ئۆي ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولغان.

ئولىمپىك تەنتەربىيە سارىيىنى ياساش تۈپەيلى ئۆيلىرىدىن كۆچۈرۈلگەن ئادەم سانى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ئىككى ساننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ بۇ قەدەر چوڭ دەرىجىدە پەرقلىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت، ئولىمپىك مەيدانىنى ياساش ئۈچۈن، شۇ مەيدان دائىرىسىگە تەۋە جايدىكى كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلار توغرىسىدىكى ساننىلا ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ سان ئولىمپىكنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن رەتكە سېلىش، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان قۇرۇلۇشتا مەجبۇرىي ھالدا ئۆيلىرى چېقىۋېتىلىپ كۆچۈرۈلگەن ئادەم سانىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر: ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلارنىڭ سانىنى ساختا ئېلان قىلىش يامان ئاقىۋەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ

بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن خىتاي مەسىلىلىرى بۇيىچە تەتقىقاتچى، تۈركىيە ھاجەتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتورى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك مەيدانى بەرپا قىلىش شۇنىڭدەك ئولىمپىك مۇراسىمى ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈش جەريانىدا ئېلىپ بېرىلغان، ئاھالىلارنى ئۆي ‏- زېمىنلىرىدىن كۆچۈرىۋېتىش مەسىلىسىدە سانلىق مەلۇماتنى ئېنىق ئېلان قىلماي، ساختا مەلۇمات ئېلان قىلىشىنىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا خىلاپ بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن خىتاينىڭ ئەزەلدىن ساختا ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق خەلقئارانى ئالداپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مەيدانغا كېلىدىغان بىرىنچى خىل ئاقىۋەت توغرىسىدا توختۇلۇپ ئۆتىدۇ. ئۆي ‏- ماكانلىرىدىن ئايرىلغان بېيجىڭ ئاھالىسى، يەنى 1 مىليون 250 مىڭ ئادەمنىڭ ھەممىسى، ئۆز رازىلىقى بىلەن ماكانلىرىنى تاپشۇرۇپ بەرگەنمۇ، ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان ئۆي - زېمىنلىرىدىن كۆچۈرۈشكە قوشۇلمىغان ئاھالىلارغا نىسبەتەن، بۇيرۇق بۇيىچە مەجبۇرىي ھالدا كۆچۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق كۆچۈرۈلگەنمۇ؟ دېگەن مەسىلە بۇيىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مەيدانغا كەلگەن ئىككىنچى خىل ئاقىۋەت ھەققىدە توختۇلۇپ ئۆتىدۇ. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.