دوختۇرلارنىڭ خاتا داۋالىشى سەۋەبلىك مەجرۇھ بولۇپ قالغان يۇنۇس ئەپەندىنىڭ ئەرزى 7 يىلغىچە ھەل بولمىغان

دوختۇرلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ھەم خاتا داۋالىشى سەۋەبلىك مەجرۇھ بولۇپ قالغان يۇنۇس ئەپەندىنىڭ سەھىيە نازارىتىگە قىلغان ئەرزى ئادىل بىر تەرەپ قىلىنمىغىنى ئۈچۈن، يۇنۇس ئەپەندى ئادالەت تەلەپ قىلىپ بېيجىڭغىچە بارغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012-03-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
بىر ئوغلى مەلۇم بىر خىتاي تەرىپىدىن پىچاقلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن بىر بوۋاي، قاتىل قولغا ئىلىنىپ ئۇزۇن مەزگىل ئۆتمەيلا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن 9 يىلدىن ئارتۇق ئەرز قىلغان. 2009-يىلى 23 ئاپرېل.
بىر ئوغلى مەلۇم بىر خىتاي تەرىپىدىن پىچاقلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن بىر بوۋاي، قاتىل قولغا ئىلىنىپ ئۇزۇن مەزگىل ئۆتمەيلا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن 9 يىلدىن ئارتۇق ئەرز قىلغان. 2009-يىلى 23 ئاپرېل.
RFA

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يۇنۇس ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ جەرياندا بارلىق مال-مۈلكىدىن ئايرىلغاندىن باشقا، دائىرىلەر تەرىپىدىن ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەرزدارلار بارغانچە كۆپەيمەكتە. ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ، ئۆز ئەھۋالىنى بايان قىلغان يۇنۇس ئەپەندى، ئۆزىنىڭ دوختۇرلارنىڭ خاتا داۋالىشى سەۋەبلىك مەجرۇھ بولۇپ قالغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىپ ئەرز قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەرزىنىڭ 7 يىلغىچە ھەل بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇنۇس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2003-يىلى ئاقسۇدىكى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ 1-دېۋىزىيە دوختۇرخانىسىغا چىم بولۇپ قالغان بېلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن بارغىنىدا، دوختۇرلار داۋالاش جەريانىدا ئۇنىڭ بېلىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئوڭ پۇتىنى ماڭماس قىلىپ قويغان. يۇنۇس ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۈرۈمچىدىكى ھەربىي دوختۇرخانا ھەم شىنجاڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىلىرىغا قايتا تەكشۈرتكەندۇ دوختۇرلار ئۇنىڭغا ئاقسۇ يېزا ئىگىلىك 1-دېۋىزىيە دوختۇرخانىسىنىڭ خاتا داۋالىغانلىقىنى، قايتا ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئوڭ پۇتىنىڭ مېڭىش ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، يۇنۇس ئەپەندى ساقىيىش ئۈمىدىدە مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېت دوختۇرخانىسىدا قايتا ئوپېراتسىيە قىلدۇرغىنىدا بولسا، ئەسلى ئوپېراتسىيە قىلىشقا بەلگىلەنگەن باش دوختۇر قاتناشمىغان ئەھۋال ئاستىدا پراكتىكانت ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ ئوڭ بىقىنىدىكى زەخىملەنگەن ئۇستىخىنىنى ئېلىۋېتىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ سول بىقىنىدىكى ئىككى تال ساق قوۋۇرغىسىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋەتكەن. نەتىجىدە يۇنۇس ئەپەندى دوختۇرلارنىڭ خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكى سەۋەبىدىن، ئوپېراتسىيىدىن كېيىن ئەسلى سول پۇتى بىلەن ئاقساپ ماڭالايدىغان ھالەتتىن، سول پۇتىنىڭمۇ مېڭىش ئىقتىدارىدىن ئايرىلىپ، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغان مەڭگۈلۈك مەجرۇھقا ئايلانغان.

يۇنۇس ئەپەندى ئۆز بايانىدا، ئۆزىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى سەھىيە تارماقلىرىغا ئەرز قىلىپ نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، 7 يىل ئىچىدە 6 قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز قىلغانلىقىنى، ئەمما دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئەرزىنى يەنىلا تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بەرگەنلىكىنى، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بولسا ئۇنىڭ ئەرزىنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى ساقچىلار ئارقىلىق نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، ئەرز قىلماسلىققا مەجبۇرلىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ ھېقىقى ئادالەتكە ئېرىشمىگۈچە ئەرز قىلىشنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇنۇس ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئەرز قىلىش جەريانىدا يولۇققان ھەقسىزلىقلىرىنى بايان قىلىپ، 7 يىل داۋاملاشقان ئەرز جەريانىدا ئۆزىنى ئەڭ ئۈمىدسىزلەندۈرگىنى، خىزمەتتە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان دوختۇرلارنىڭ قانۇن بويىچە جازالىنىشنىڭ ئورنىغا، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇنى «ئەرز قىلىپ جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزدى» دېگەندەك گۇناھلارنى ئارتىپ، ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋە رادىئومىزغا ئىلگىرى ئۆز مەسىلىلىرىنى بايان قىلغان ئەرزدارلارنىڭ شىكايەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتايدا ئەرزدارلارنىڭ ئادىل مۇئامىلىگە ئېرىشەلمەسلىك ۋە ئۇلارنىڭ ئەرزلىرىنىڭ قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ھەققانىي يوسۇندا، ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بېرىلمەسلىك ئەھۋاللىرى بىر قەدەر ئېغىر ئىكەن.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جيباۋمۇ بېيجىڭدا ئېچىلغان ئىككى يىغىن جەريانىدا ئەرزدارلار مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراشنى تەكىتلىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت