شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىل مەكتىپىنى تەبرىكلىدى


2007.06.26

2007 ‏- يىلى 24 - ئىيۇن شۋېتسىيىدىكى جامائەت ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنى تەشكىللىگۈچىلەردىن ئابدۇللا ۋە ئەخمەتجانلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسەت ، ئالدى بىلەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەرجىمىھال خاراكتېرلىك كىتابىنىڭ گېرمانىيىدە نەشر قىلىنىپ جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكىگە تەنتەنە قىلىش ، ئۇنىڭدىن باشقا، 2006- يىلى 5- ئايدىن باشلاپ شىۋېتسىيىدە ياشاپ تۇرغۇچى ئوقۇش يېشىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىل تەربىيىسىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئېچىلغان ئانا تىل مەكتىپىنىڭ، مۇشۇ يىلى ئىيۇندا شۋېتسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي رويخەتكە ئېلىنىپ قانۇنلۇق مەكتەپ بولۇپ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەش ئىكەن.

مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر مەكتەپ، ئۆزىدە ئوقۇۋاتقان 20 نەچچە نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ۋە نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەنلەر بولۇپ يۈزدىن ئارتۇق ئادەمنى بىر يەرگە جەم قىلىپ تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

تەبرىكلەش پائالىيىتى بۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر تەييارلىغان ھەرخىل سەنئەت ئويۇنلىرى بىلەن تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز جۈمەنىڭ بۇ مەكتەپنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن بەرگەن تەپسىلىي مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.