جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا -ئانىسى بېسىم ئاستىدا ئەرزىنى قايتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر بولدى


2006.11.20
uyghur_school2_articleimage.jpg
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تىزلىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى خىتايچە ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىماقتا

16 ‏- نويابىر كۈنى، 15 ‏- ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىر قىسىم جىگەر ياللۇغى سەۋەبىدىن ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ تەڭرىتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان ئەرزى قايتۇرىۋېلىندى. رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، داۋاگەرلەرنىڭ ئۆز ئەرزىنى قايتۇرىۋېلىشىغا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاتا- ئانىلارغا ئىشلەتكەن قاتتىق بېسىمى سەۋەبچى بولغان.

بۇ يىل 9 ‏- ئايدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىن ئۈرۈمچىدىكى 15 ‏- ئوتتۇرا قاتارلىق نۇقتىلىق مەكتەپلەرگە تاللانغان 19 نەپەر ئەلا ئوقۇغۇچى "جىگەر كېسىلى ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان" دېگەن باھانە بىلەن مەكتەپتىن مەجبۇرىي چېكىندۈرۈلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى بېسىم ئىشلەتكەن

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بۇ چېكىندۈرۈش قارارىغا قاتتىق نارازى بولغان 7 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى تەڭرىتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە رەسمىي ئەرز سۇنۇپ، مەكتەپ ۋە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بۇ خىل قىلمىشىنىڭ ئىنتايىن خاتا ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل ھالەتتىن ئىنتايىن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن مەزكۇر ئاتا - ئانىلار سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىغان. ئۇلار دەۋاگەر ئاتا - ئانىلارغا ئۆز ئەرزنامىسىنى قايتۇرۇۋېلىش ھەققىدە تۈرلۈك بېسىم ئىشلەتكەن. ئۇلار ھەتتا ئاتا - ئانىلارنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا ئېلىپ بېرىپ ئەرزنامىنى قايتۇرۇۋېلىش ئىلتىماسىغا قول قويۇشقا مەجبۇرلىغان.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ؛ ئۇلار گەرچە ئۆز خاتالىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئۇنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىماي، مەزكۇر ۋەقەنى باستۇرۇپ، ئۇنىڭ جەمئىيەتكە بولغان تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن جان تالىشىۋاتىدۇ.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر دېلونى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان "ب" تىپلىق جىگەر كېسىلى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنى كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى لۇ جۈن ئەپەندى "ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىشنىڭ ئۆزى ئىنتايىن چوڭ بىر خاتالىق شۇنداقلا، بۇنداق قىلىش پەرزەنتلەرنىڭ قانۇندا بېكىتىلگەن تەلىم - تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق" دەپ بىلدۈردى.

"بىرىنچىدىن، ئۇلار ئالدى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيىگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى بىلەن سۆھبەتتە بولۇپ، ئۇلارنى ئەرزىنى ياندۇرىۋېلىشقا مەجبۇرلىغان؛ ئىككىنچىدىن ئۇلار ئەرزىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئۇنىمىغان ئاتا- ئانىلارنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە ئاپىرىپ، ئۇلارغا تەھدىت ئىشلىتىش ۋە ئۇلارنى قورقۇتۇش ئارقىلىق ئالدىن ‏- ئالا تەييارلاپ قويۇلغان ئەرزىنى قايتۇرۇۋېلىش ئىلتىماسىغا قول قويۇشقا مەجبۇرلىغان؛ ئۈچىنچىدىن، ئۇلار ئاتا ‏-ئانىلارنىڭ ئىدارە ئورۇنلىرىغا خەۋەر قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارغا زور بېسىم ئىشلەتكەن".

خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنى باستۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ

بىز مەزكۇر كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى لۇ جۈن ئەپەندىدىن بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، مەزكۇر دىلو بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىسى بىلەن ئالاقىلىشىشقا تىرىشتۇق. لېكىن تېلېفون 24 سائەت نازارەت قىلىنغانلىقتىن، ئاتا-ئانىلار بىلەن بىۋاستە سۆھبەتتە بولۇش مۇمكىن بولمىدى. لۇ جۈننىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بىر قىسىم ئاتا ‏-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل قېيىن ئەھۋال ئاستىدا قالغانلىقىنى تاشقى دۇنياغا دوست -بۇرادەرلىرى ئارقىلىق مەلۇم قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان "ب" تىپلىك جىگەر كېسىلى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنى كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى" نىڭ مەسئۇلى لۇ جۈن ئەپەندى " جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى" نى تونۇشتۇرۇپ "مەزكۇر قانۇندا 'يۇقۇملۇق كېسەللىك بىمارلىرىنى ۋە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ' دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى پەقەت قان، ئانا-بالا ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، "ب" تىپلىق جىگەر كېسىلى ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار نىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك" دەپ بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى "مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ؛ ئۇلار گەرچە ئۆز خاتالىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئۇنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىماي، مەزكۇر ۋەقەنى باستۇرۇپ، ئۇنىڭ جەمئىيەتكە بولغان تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن جان تالىشىۋاتىدۇ" دەپ بىلدۈردى.

بىز مەزكۇر دېلوغا مەسئۇل بولغان ئادۋوكات جاڭ يۈ|ئەنخىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەتتە بولماقچى بولدۇق. لېكىن تېلېفون ئېلىنمىدى. رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۈن دېخىڭ ئىسىملىك بىر ئادۋوكات "خىتاي قانۇنى بويىچە، ھەر قانداق بىر پۇقرانىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ھوقۇقى بار، قانۇن ئۇلارنى قوغدىشى كېرەك " دەپ بېكىتىلگەن. لېكىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى پۇقرالار بۇ قانۇندىن بەھرىمان بولالمايۋاتىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بولسا ئاتا -ئانىلارنى ئۆز ئەرزىنى قايتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇرلاپ، پۈتۈنلەي قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلىۋاتىدۇ" دەپ بىلدۈردى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.