ئۈرۈمچىدە 10 نەپەر ئوقۇغۇچى جىگەر ياللۇغى كېسىلى تۈپەيلىدىن مەكتەپتىن قوغلىۋىتىلدى


2006.10.10

بېيجىڭ ئەي جىشىن تەتقىقات ئورگىنى تەرىپىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 9 ‏- ئاينىڭ بېشى، يېڭى مەۋسۇم باشلىنىشى بىلەن،ئۈرۈمچى شەھەرلىك 15 ‏- ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق 3 چوڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە، سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە قاتناشقان يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 10 نەپەر ئوقۇغۇچى ب تىپلىق جىگەر كېسىلى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان دېگەن باھانە بىلەن، مەكتەپ تەرىپىدىن ئوقۇشتىن چېكىنىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. قولىغا ئوقۇشتىن چېكىنىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بۇ ئوقۇغۇچىلار گەرچە ب تىپلىق جىگەر كېسىلى ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بولغان بولسىمۇ، ئۇلار مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورگىنىنىڭ مېدىتسىنا مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ،لاياقەتلىكلەر قاتارىدا مەكتەپتە ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنغان. لېكىن 15 ‏- ئوتتۇرا قاتارلىق بۇ 3مەكتەپ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئاتا ‏-ئانىلارغا مەسلىھەت قىلماستىنلا، ئوقۇغۇچى ئەۋەتكەن جايلاردىكى مائارىپ ئىدارىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ،ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇشتىن چېكىندۈرۈش رەسمىيىتىنى ئۆتەشكە مەجبۇرلىغان.

ئوقۇغۇچىلار ئۆيىگە قايتۇرۇلغان

مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا قارىغاندا، ب تىپلىق جىگەر كېسىلى ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ مەكتەپتىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان بۇ 10 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىن ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىلگەن ئەلا ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 8 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا ‏- ئانىسى ئامالنىڭ يوقلۇقىدىن بالىلىرىنى ئۆز يۇرتىغا ئېلىپ كەتكەن. قۇلغا ئىككى نەپەر 15 ‏- ئورتا مەكتەپكە بۆلۈنگەن ئوقۇغۇچىمۇ مەزكۇر مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا قالغان بولۇپ، ئۇلار پەقەت ئاتا -ئانىسى تېخى كەلمىگەن بولغاچقىلا، مەكتەپتىن پۈتۈنلەي ئايرىلمىغان.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بىر مەكتەپ خادىمىنىڭ بىلدۈرىشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى 15 ‏- ئوتتۇرا مەكتىپى قاتارلىق بىر قانچە مەكتەپلەرگە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىن ئەڭ ئەلا ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئۇلار مەزكۇر مەكتەپلەردىكى قوش تىللىق سىنىپلىرىدا مەخسۇس تەربىيىلىنىپ، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مەكتەپلەرگە بىۋاستە ئەۋەتىلىدىكەن.

ئۆيىگە قايتۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلار كەمسىتىلىشكە ئۇچرىغان

مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بىلەن مەكتەپ ئورۇنلىرى بىرلىشىپ ئوقۇغۇچى ئەۋەتكەن يەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىغا قارىتىپ يازغان ئۇقتۇرۇش خېتىدە، بۇ 10 نەپەر ئوقۇغۇچىنى" يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغان" دەپ كۆرسەتكەنلىكتىن، ئۆقۇغۇچىلار ئۆز يېرىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىنمۇ، كەمسىتىشلەرگە ئۇچراپ، ھېچقانداق مەكتەپ ئۇلارنى قوبۇل قىلىشقا ئۇنىمىغان. زور روھىي ئازابتا قالغان بۇ ئوقۇغۇچىلار باشقىلارنىڭ كەمسىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆيدىن سىرتقا چىقالماس ھالەتتە قالغان. ئوقۇشسىز قالغان بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا ‏- ئانىلىرى "بۇ خىل ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۆزى مەسئۇل بولۇش كېرەك" دەپ قاتتىق نارازى بولماقتا.

بىر مۇتەخەسسىس: دىئاگنوز تېخى ئېنىق ئەمەس

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاپتونوم رايونلۇق يۈرەك ۋە جىگەر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى چاڭ كۈن ئەپەندى ئوقۇغۇچىلارغا قويۇلغان دىئاگنوزنىڭكى ئېنىق ئەمەس ئىكەنلىگىنى تەكىتلەپ، "دىئاگنوزدا پەقەت يۇقۇملۇق كېسەل دەپلا يېزىلغان. ئەگەر جىگەر كېسىلى دەپ ئېنىق دېيىلگەن بولسا،ئۇنىڭ يولى باشقا ئىدى. يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئۆپكە كېسەل، سارس، ئۈچەي ياللۇغى ۋە زۇكام قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا يۇقۇملۇق كېسەل دەپلا دىئاگنوز قويۇشنىڭ ئۆزى خانا بىر ئىش" دەپ بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە "ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆزىدىكى يەرلىك ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىمۇ جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلار بار، نېمە ئۈچۈن مەكتەپلەر بۇ ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن چېكىندۈرمەي، چەت رايونلاردىن ئەۋەتىلگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز يېرىگە قايتۇرىۋېتىشكە مەجبۇرلايدۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا بىر ياقتىن ئوقۇپ، بىر ياقتىن داۋالىنىش پۇرسىتى بەرمەيدۇ ' دەپ نارازىلىق بىلدۈردى.

سوتقا ئەرز سۇنۇلغان، بىراق...

مېدىتسىنا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى يۇقۇملۇق بولغىنى بىلەن، ئۇ پەقەت قان، ئانا سۈتى ياكى جىنسىي مۇناسىۋەت يوللىرى ئارقىلىقلا يۇقىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن. جىگەر كېسىلى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغۇچىلار ئەتىراپىدىكى كىشىلەرگە ھېچقانداق تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدىكەن. ئۇلار باشقىلارغا ئوخشاش نورمال ئوقۇش، خىزمەت ۋە تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىكەن. شۇ تاپتا، باللىلىرى ئوقۇشسىز قالغان بىر قىسىم ئاتا ‏- ئانىلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۈستىدىن يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە ئەرزى قىلغان. لېكىن سوت مەھكىمىسى بۇ ھەقتە تېخى دېلو تۇرغۇزمىغان ھەمدە مەسىلىنى ھەل قىلىش ئويىدا بولمىغان.

بىز مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ مىنىستىرىغا تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال سۈرۈشتۈرمەكچى بولدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ئىدارە خادىمى ناھايىتى قوپال ھالدا " ئاتا- ئانىلارنىڭ بۇ ئىشتىن نارازى بولىشىنى توغرا چۈشەنگىلى بولىدۇ، لېكىن كېسەلنى داۋالاتماي قانداق ئوقۇغىلى بولىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلار كېسىلىنى داۋالىتىپ ساقايغاندىن كېيىن يەنە كېلىپ ئوقۇسا بولىدىغۇ" دەپ مۇخبىرىمىزنىڭ سۇئالىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇندى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.