جىگەر ياللۇغى كېسەللىكىگە گىرىپدار بولغۇچى دەۋاگەر ئوقۇغۇچىلار ئائىلە تاۋابىئاتى ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىدى


2006.11.08

جىگەر ياللۇغى تۈپەيلى ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان 19 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ كۆپ قىسىمى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر، تۇرپان قاتارلىق ۋىلايەتلەردىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئوقۇماقچى بولغان ئۇيغۇر بالىلار ئىدى. ئاتا - ئانىلار مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئائىلىسىگە قايتۇرغانلىقىدىن نارازى بولۇپ، سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان. لېكىن سوت مەھكىمىسى سوت كۈنىگە ئاز قالغاندا تۇيۇقسىز سوتنى كېچىكتۈردى.

ئاتا - ئانىلارغا بېسىم ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن

بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ھۆكۈمەتنىڭ ئاتا - ئانىلارغا ئەرزنى قايتۇرۇۋېلىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، بەزى ئاتا - ئانىلارنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. يۇقىرىقى 19 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە 7 ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا - ئانىسى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىم - تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز يەتكۈزدى، دەپ ئەيىبلەپ، تەڭرىتاغ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز بەرگەن. ئەسلى تەڭرىتاغ سوت مەھكىمىسى پەيشەنبە كۈنى سوت ئېچىپ، دەۋاگەرلەرنىڭ ئەرزىنى كۆرۈپ چىقماقچى ئىدى. لېكىن سوت مەھكىمىسى سوت كۈنىگە ئاز قالغاندا دەۋاگەرلەرنىڭ ئادۋوكاتىغا سوتنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

داۋاگەر ئاتا - ئانىلارنىڭ ئادۋوكاتى جاڭ يۈئەنچىننىڭ رادىئومىزغا ئەسكەرتىشىچە، سوت مەھكىمىسى مۇھىم بىر گۇۋاھچىنىڭ شۇ كۈنى سوت مەيدانىدا ھازىر بولالمايدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، پەيشەنبە كۈنكى سوتنى بىكار قىلغان، لېكىن سوتنىڭ قاچانغا كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتمىگەن. جاڭ يۈئەنچىن، سوت مەھكىمىسى "بىزنىڭ مۇھىم بىر گۇۋاھچىمىز كاماندىروپكىغا كەتتى، ھازىرچە قايتىپ كەلمەسلىكى مۇمكىن. گۇۋاھچى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئايرىم ئۇختۇرۇش قىلىمىز،" دىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئادۋوكاتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئاتا - ئانىلار ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئەرزىنامىنى قايتۇرۇۋېلىش توغرىسىدىكى بېسىمىغا ئۇچرىماقتا. ئۇ، ھازىرغا قەدەر ئاتا - ئانىلاردىن ئەرزنى قايتۇرۇۋېلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىھتىماللىقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى چەتكە قاقمىدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ تېزرەك مەكتىپىگە قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. ئەگەر مائارىپ ئىدارىسى سەمىمى بولسا، مەسىلىگە ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتقان بولاتتى.

مائارىپ دائىرىلىرى ئۆزلىرىنى ئاقلىماقتا

جاڭ يۈئەنچىن، "ئاتا - ئانىلارنىڭ ئەرزى قانۇنى جەھەتتە پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. بولمىسا ھۆكۈمەت ئۇلاردىن ئەرزىنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلمايتتى. ئەڭ ياخشىسى بالىلارنى ئەسلىدىكى مەكتەپكە قايتۇرۇپ كېلىش. ھازىرچە ئەرزنامىنى قايتۇرۇۋالىدۇ، دىيىشكە بالدۇر. چۈنكى بۇ ۋەقەگە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلامى دىققەت قىلماقتا. لېكىن مائارىپ دائىرىلىرى خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلماسلىقى مۇمكىن. مەسىلىنىڭ يەڭ ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز،" دەيدۇ. لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ نازارىتى بۇ ۋەقە توغرىسىدا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بىلەن 15 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قارارىنى ئاقلىدى.

مائارىپ نازارىتى، بۇ ۋەقەنى بەزى مەتبۇئاتلار ئۇلغايتىۋەتتى، دەپ ئەيىپلىمەكتە. مائارىپ نازارىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكى، بىمار ئوقۇغۇچىلار ئائىلىسىنىڭ غەمخورلىقى ۋە داۋالىنىشقا ئېھتىياج بولغانلىقى ئۈچۈن ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان." لېكىن بۇ ۋەقەدە ئۈرۈمچىدىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتى قار لەيلىسى ئەيدىز ياردەم جەمئىيىتى بىمار ئوقۇغۇچىلارنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن تاقىۋېتىلگەن.

قاي لەيلىسى جەمئىيىتى شۇ سەۋەبلىك پېچەتلەنگەن

خىتاينىڭ ئەيدىز كېسىلى ئاممىۋى تەلىم - تەربىيە مۇتەخەسسىسى ۋەن يەنخەي، بۇ تەشكىلاتنىڭ پىچەتلىنىشىگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ سىياسى مۇتەئەسسىپلىكى سەۋەبچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋەن يەنخەي، "ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ئۇسۇلى دائىرىلەرنى بىئارام قىلغان، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقىتىش ھەرىكىتى قاتارلىقلار. جەمئىيەتكە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش مۇھىم. لېكىن شىنجاڭ سىياسى جەھەتتە ناھايىتى مۇتەئەسسىپ ئالاھىدە چېگرا رايون. شۇڭا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇلارنى كۈزۈتىدىغانلىقى تەبئىي،" دەيدۇ. قار لەيلىسى ئەيدىز ياردەم جەمئىيىتنىڭ رەھبىرى چاڭ كۈن، 2 - ئۆكتەبىردە مائارىپ دائىرىلىرىنى 19 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ تەلىم تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىنى تارتىۋالدى، دەپ ئەيىبلەپ، جەمئىيەتنى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغاندىن كېيىن، ساقچىلار 18 - ئۆكتەبىردە قار لەيلىسى جەمئىيىتىنى پىچەت لىگەن.

19 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە قايتۇرۇلۇش ۋەقەسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. بېيجىڭدىكى ئەيجىشىڭ ئەيدىز تەتقىقات ئورنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنى نەپەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ مەتبۇئات بىلەن ئۇچرۇشۇشىنى چەكلىگەن، دەپ ئەيىبلىدى.

مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ پىدائى خادىمى لۇ جۈن، "ئاتا - ئانىلار يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزىنى قايتۇرۇۋېلىش ھەققىدىكى بېسىمىغا ئۇچرىماقتا. بەزى ئاتا - ئانىلار جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئەرزىنى قايتۇرۇۋېلىش ئىلتىماسىغا قول قويۇشنى تەلەپ قىلغان. بەزىلەر كېچە - كۈندۈز نازارەت قىلىنماقتا. ئاتا - ئانىلار مەتبۇئات ساھەسى بىلەن ئالاقە قىلىشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالدى،" دەيدۇ. لۇ جۈننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن مەجبۇرى چېكىندۈرۈلگەندىن كېيىن روھى جەھەتتە ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان. ئۇ، مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى بەدەن تەكشۈرۈشكە زورلاپ، ئۇلارنىڭ شەخسى مەخپىيەتلىكىگە دەخلى - تەرۇز قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، " ھۆكۈمەت قانۇن چىقىرىپ، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گرپدار بولغۇچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىشى كېرەك،" دەيدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.