ئەنقەرەدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى

1-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ ئەنقەرە ئالتۇنتاغ رايونلۇق شۆبىسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى تەشكىلاتنىڭ ئەنقەرەدىكى ئىشخانىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئاڭلىدى.
يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ئالتۇنتاغ رايونى مەسئۇلى ھەسەن قارتال ئەپەندى سۆز قىلدى. كېيىن مېھمانلارغا ئۇيغۇر تاماقلىرى بىلەن زىياپەت بېرىلدى. زىياپەتتىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ كىچىك زالىدا مېھمانلارغا "5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئالدى كەينىدە" تېمىسىدا ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ۋەزىيەت بايان قىلىنغان بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرگەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيە مەسئۇللىرى كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىدى.
مەزكۇر سۆھبەت يىغىنى بۇ تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا 2 سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ يىل 6-ئايدا تۈركىيىدە ئومۇمى سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئالماشقان تەقدىردە باشقا پارتىيىلەرنىڭمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى باشلىغان.
بۈگۈنكىگە ئوخشاش تۈركىيىدىكى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ مەسئۇللىرىنى چاقىرىپ مەلۇمات بېرىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىسى بولارمۇ سىزچە؟ دېگەن سوئالىمىزغا مۇنىرە خانىم مۇنداق جاۋاب بەردى: "ئەلۋەتتە پايدىسى بولىدۇ. مەسىلەن بۇ يىل 5-ئىيۇلدا پۈتۈن سىياسىي پارتىيىلەردە 5-ئىيۇلنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزسە بولىدۇ. ھەرقايسى پارتىيىلەرنىڭ ھەر دەرىجىلىك يىغىنىدا تۈركىيە سىياسىتىنى تىلغا ئالغاندا 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىمۇ تىلغا ئالسا بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيىدىكى پۈتۈن سىياسىي پارتىيىنىڭ داۋاسىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك."