ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مويسىپىتى بولغان، پېشقەدەم پائالىيەتچى مۇھەممەت سالىھ ئاتۇش ئەپەندىمنىڭ 85 ياشقا كىرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا بۇ كۈننى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
8-چېسلا يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 500 گە يېقىن ئۇيغۇر قاتناشتى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلاردىنمۇ تەبرىك تېلىگراممىلىرى كەلدى.
پېشقەدەم شەرقىي تۈركىستان پائالىيەتچىسى بولغان مۇھەممەت سەلەي ئاتۇش ئەپەندىم 1922- يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاستىن ئاتۇشنىڭ قۇمباغ مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1933-يىلى مەدىرىسسەدە ئوقۇغان. كېيىن، تۈركىيىدە بىلىم ئالغان مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ ئاتۇشتا ئاچقان رۇشتىيە مەكتىپىدە ئوقۇشنى داۋام قىلغان. ئۇ، 1939-يىلى ئوقۇش ئۈچۈن غۇلجىغا كەلگەن ۋە ئۇيەردە مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
1949-يىلى مەمەت سەلەي ئاتۇش ئەپەندىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى خىتايلار تەرىپىدىن دۈشمەن دەپ قارىلىنىپ، 32 يىل ھەرخىل بېسىم، زۇلۇمغا ئۇچرىدى. مۇھەممەت سەلەي ئاتۇش ئەپەندىم 1981-يىلى تۈركىيىگە كۆچمەن بولۇپ كەلدى. 1984-يىلىغىچە مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ يېنىدا ئىشلىدى.
مەمەت سەلەي ئاتۇش ئەپەندىم، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى كۆرگەن بىر كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر دائىم ۋەتەن ئىشقىدا ياندى ۋە بۇ يولدا نۇرغۇن ئىشلاردا باشچى بولدى. مەمەت سەلەي ئاتۇش ئەپەندىم ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي ۋەتەن داۋاسى يولىدىكى كۈرىشىنى ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.(ئەركىن تارىم)