شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى مەمتىلى تۇرسۇننى تونۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

0:00 / 0:00

مۇھەممەتئەلى تۇرسۇن تالىپ قىرغىزىستان تېلېۋىزىيىسىدە قىلغان سۆزلىرىدە، 1977‏- يىلى 18‏- ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغانلىقىنى ھەمدە 1999‏-يىلى ئابدۇراخمان ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ يېنىدا ھەربىي تەلىم كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى مەسئۇللىرى، مۇھەممەتئەلى تۇرسۇن تالىپنى قەتئىي تونۇمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى بىلدرۈمەكتە.

شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ بىرى بولغان، ھازىر گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئابلىمىت تۇرسۇن، مۇھەممەتئەلى تۇرسۇن تالىپنىڭ قىرغىزىستان تېلېۋىزىيىسىدە قىلغان سۆزلىرى خىتاي تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر ئويۇن بولۇشى مۇمكىن، دېدى. ئۇ، شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە سىياسىي مۇقىمسىزلىق يارىتىش مەقسىتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بولسا، مۇھەممەتئەلى تۇرسۇننىڭ قىرغىزىستان تېلېۋىزىيىدىكى راھەت ھەرىكەتلىرى ۋە ساقچىلار بىلەن چاقچاقلاشقان كۆرىنىشلىرى، ئۇنىڭ قولغا ئېلىنغان ۋە بېسىم ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ، دېيىشمەكتە. (قانات)