مەردلىك ۋە بېخىللىق ھەققىدە

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار مەردلىك بىلەن سېخىيلىقنى ياخشى كۆرىدىغان بىر خەلق. شۇڭا ئۇيغۇرلاردا مەردلىك بىلەن سېخىيلىقنى ماختايدىغان، بېخىللىق بىلەن نامەردلىكنى سۆكۈدىغان ماقال-تەمسىللەر ناھايىتى كۆپتۇر. دۇنيادا مەردلىك بىلەن سېخىيلىقنى ماختىمايدىغان بېرەر مىللەت، بېرەر دىن ۋە بېرەر پەلسەپە بولمىسا كېرەك. مەردلىك بىلەن سېخىيلىق ماختاشقا تېگىشلىك بىر گۈزەل ئەخلاق بولغىنىدەك، بېخىللىق بىلەن نامەردلىك پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ لۇغىتىدە سۆكۈلىدىغان بىر ناچار خۇلۇقتۇر.

ئالىم سىراجىددىن ئەزىزىنىڭ مەردلىك بىلەن بېخىللىق ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇپ ئېيتقانلىرى

مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر ياش ئالىم سىراجىددىن ئەزىزى مەردلىك بىلەن بېخىللىق ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بېخىللىقنى سۆكۈپ مۇنداق دەيدۇ: "بېخىللىق قىلىپ (ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك، بىز ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز، ئۇ دوزاخقا تاشلانغاندا، ئۇنىڭ مېلى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ." بېخىللىق قىلغۇچىلارنىڭ پەقەت ئۆزلىرىگە زىيان سالغۇچىلار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن بېخىللىق قىلىدۇ" . ئەمما مەردلىك ۋە سېخىيلىققا كەلسەك، قۇرئان كەرىم بۇ گۈزەل ئەخلاقنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشىدىغان ھەقىقىي مۆمىنلەرنىڭ بىردىن بىر سۈپىتى بولغان ھالدا، قۇرئاننىڭ بېشىدىلا ماختايدۇ: "ئۇلار غايبكە ئىشىنىدۇ، نامازنى ئادا قىلىدۇ، ئۇلار بىز بەرگەن مال مۈلۈكتىن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدۇ....."

سىراجىددىن ئەزىزىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەرەبلەردە ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇن ئۆتكەن ھاتەم تائى دېگەن بىر ئادەم مەردلىك ۋە سېخىيلىقنىڭ بىردىنبىر ئۈلگىسى ۋە نەمۇنىسى بولۇپ ئۆتكەنىكەن. ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى شائىرلاردىن باشلاپ تا ھازىرغىچە ھەرقانداق بىر شائىر شېئىرلىرىدا ھاتەمنى سېخىيلىق بىلەن مەردلىكنىڭ ئابىدىسى قىلىپ ماختايدۇ. بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغان ھېكايە، چۆچەكلەردىمۇ ھاتەم مەردلىك بىلەن سېخىيلىقنىڭ نەمۇنىسى قىلىپ ئوبرازلاشتۇرۇلغان.

"كۆرەڭلەپ كەتمە، كۆرەڭلەپ كەتكۈچىلەرنى ئاللاھ زادى ياقتۇرمايدۇ"

ھاتەمنىڭ ئەكسىچە، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا قارۇن ئىسىملىك بىر باي ئۆتكەن بولۇپ، قارۇن بېخىللىق بىلەن نامەردلىكنىڭ بىردىنبىر ئوبرازى بولۇپ قالغان. دۇنيادىكى بارلىق ساماۋىي دىنلاردا ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە قارۇن ئوبرازى لەنەتكار بولۇپ ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئېيتىلىشىلارغا ئاساسلانغاندا، قارۇن ئىنتايىن چوڭ باي ئىكەن، ئۇنىڭ خەزىنىلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى 40 تۆگە ئاران كۆتىرىدىكەن.

قۇرئان كەرىم بۇ قىسسىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: " قارۇن مۇسانىڭ قەۋمىدىن ئىدى. قارۇن ئۇلارغا يوغانلىق قىلدى، قارۇنغا خەزىنىلەردىن شۇ قەدەر كۆپ بەرگەن ئىدۇقكى، ئۇلارنىڭ ئاچقۇچلىرىنى (كۆتۈرۈش) كۈچلۈك بىر جامائەتكىمۇ ھەقىقەتەن ئېغىرلىق قىلاتتى، ئەينى ۋاقىتتا قارۇنغا قوۋمى ئېيتتى: "كۆرەڭلەپ كەتمە ،كۆرەڭلەپ كەتكۈچىلەرنى ئاللاھ زادى ياقتۇرمايدۇ، ئاللاھ ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەت يۈرتىنى تىلىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئونتىمىغىن، ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەن ئاللاھ(نىڭ بەندىلىرىگىمۇ) ياخشىلىق قىلغىن، (بېخىللىق قىلىپ) يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىقنى تىلىمىگىن، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنى زادى ياقتۇرمايدۇ" . قارۇن: "مېنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بولغانلىقتىن، بۇ بايلىققا ئېرىشتىم" دېدى"

ئايەتتە كۆرگىنىمىزدەك، قارۇن مال دۇنياسىدىن ئېھتىياج ئىگىلىرىگە چىقىم قىلىشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇنى تىرىك تۇرغۇزۇپ مال دۇنيالىرى بىلەن بىرگە يەرگە يۇتقۇزىۋېتىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە "قارۇننى ئۇنىڭ ئۆيى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسىۋالالايدىغان بىر جامائە بولمىدى. قارۇن ئۆزىنى قوغدىيالمىدى." دېدى. بۇ ۋەقەلىك باشقا ساماۋىي دىنلارنىڭ كىتابلىرىدىمۇ قەيت قىلىنغان مەشھۇر بىر ھادىسىدۇر.

دۇنيادا توننىلاپ ئالتۇن ۋە مىلياردلاپ دوللار يىغقان مىلياردىرلارنىڭ نام نىشانىسى قالماستىن، ئازراق بايلىقى بولسىمۇ شۇ بايلىقىدىن ئىنسانىيەتكە، خۇسۇسەن ئۆز مىللىتىنىڭ ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن ياردەم قىلغان جانكۆيەرلەرنىڭ نام شۆھرىتى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە ئورۇن ئېلىپ، تىللاردا مەدھىيىلىنىپ كەلمەكتە.

"بايلىرىڭلار بېخىللىشىپ كەتكەن ۋاقىتتا، سىلەرگە يەرنىڭ ئۈستىدىن ئۇنىڭ ئاستى ياخشىراق بولۇپ قالىدۇ"

سىراجىددىن ئەزىزىنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيادا ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ نام نىشانىنىڭ ياخشى ئاتاق بىلەن قېلىشىنى، خۇددى ھاتەمدەك، مەردلىك بىلەن سېخىلىقنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، ئەۋلادلىرىنىڭ تىللىرىدا ماختىنىشنى، ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىمۇ شان شەرەپلىك بولۇشنى ياقتۇرىدۇ، ئەلۋەتتە. شۇنىڭدەك، دۇنيادا ھېچكىم ئۆزىنىڭ نام نىشانىنىڭ قارۇندەك بېخىللىققا ۋە نامەردلىككە مىسال بولۇپ قېلىشىنى ۋە خەلقىنىڭ ئېغىزىدا لەنەتكار بولۇپ قېلىشىنى ھەرگىزمۇ خالىمايدۇ.

ھەر قانداق بىر جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىپ راۋاج تېپىشى ئۈچۈن شۇ جەمئىيەتتىكى بايلارنىڭ مەرد بايلارنىڭ رولى ئالاھىدە چوڭ بولىدۇ، دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۆتۈرىلىشىدىمۇ شۇ دۆلەتتىكى بايلار ئالاھىدە سالماق ئورۇن تۇتىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "بايلىرىڭلار بېخىللىشىپ كەتكەن ۋاقىتتا، سىلەرگە يەرنىڭ ئۈستىدىن ئۇنىڭ ئاستى ياخشىراق بولۇپ قالىدۇ" دېگەن.

بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: بايلىرىڭلار ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان پۇل ماللىرىدىن باشقا ئېھتىياج ئىگىلىرىگىمۇ سەرپ قىلىپ ئۇلارنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزمىسا، ئاسارەتتىن، خورلۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ، ئىلىم پەن ئۆگىنىپ، كەشىپىياتلارنى ئېچىپ تەرەققى قىلىش ئۈچۈن پۇل ماللىرىدىن سەرپ قىلمىسا ئانداق بايلارنىڭ ۋە سىلەرنىڭ ئۆلگىنىڭلار ياخشى.

دۇنيادىكى ھەر قانداق ئىلىم پەن، تېخنىكا يېڭىلىقلىرى ۋە كەشىپىياتلار ئەڭ ئاۋۋال بايلارنىڭ قوللىشى ۋە ماددىي جەھەتتىن سېخىلەرچە ياردەم قىلىشى سايىسىدا ئۆز مېۋىلىرىنى بېرىپ كەلمەكتە. ئىلىم دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت سائادەتلەرگە يېتىشنىڭ ۋاسىتىسىدۇر. كۆپ ھاللاردا بۇ ئىلىمنى ئېلىش ۋە بېرىش ئىشلىرى ئىقتىسادقا ئېھتىياجلىقتۇر. كۆپ ھاللاردا بىلىم بىلەن بايلىق بىر ئادەمدە جەم بولمايدۇ.

سېخى بايلار مال دۇنياسىدىن ئەنسىرىمەيدۇ، بەلكى راھەت، ھۇزۇر ئىچىدە ھايات سۈرىدۇ

شۇڭا ئالىم ئىلمى بىلەن، باي پۇل مېلى بىلەن جەمئىيىتىگە، مىللىتىگە خىزمەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بېرەر ئادەمگە بايلىق ئاتا قىلسا ئۇنى ئىككى مەقسەت بىلەن بېرىدۇ: بىرى، ئۇنىڭغا ئىنئام قىلىش يۈزىسىدىن؛ يەنە بىرى، ئۇنى سىناش يەنى بۇ بايلىقنى ئۆز يولىدا قوللىنامدۇ ياكى بېخىللىق قىلىپ بېسىپ ياتامدۇ، دەپ ئىمتىھان قىلىش ئۈچۈن بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇھەقتە: "سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار بىر تۈرلۈك سىناقتۇر" دەيدۇ.

ئاللاھ تائالا ئىنئام ۋە سىناق تەرىقىسىدە ئاتا قىلغان مال دۇنيانى ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش ۋە مۇھتاجلارنىڭ بۇنىڭدىكى ھەققىنى ئادا قىلىش يۈزىسىدىن جەمئىيەتتىكى ئېھتىياج ئىگىلىرىگە يېتىم يېسىرلارغا، پېقىرلارغا، باققۇچىسى يوق تۇللارغا، ھەر قايسى ساھەلەردە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقانلارغا ۋە ئۆز خەلقىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن تەرەققى قىلىپ يۇكسىلىشىگە سەرپ قىلىپ تۇرغان بايلارنىڭ بايلىقلىرى كۈندىن كۈنگە ھەسسىلەپ ئاشىدۇ ۋە ئەمەلىيەتتىمۇ ئاشماقتا.

مۇنداق بايلارنىڭ ئاللاھ-تائالانىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا يۈزى يورۇق، شانى شەۋكەتلىك بولىدۇ. ئەكسىچە، بايلىقلىرىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنئامى، بۇنىڭدا ئېھتىياج ئىگىلىرىنىڭمۇ ھەققى بار دەپ تونۇماستىن، ئۆز كۈچۈم بىلەن تاپتىم ئەمەسمۇ دەپ ھارۇنچە مەغرۇرلۇنۇپ، پىرئەۋنچە چوڭچىلىق قىلىپ كېرەكلىك جەھەتلەرگە سەرپ قىلشتىن بېخىللىق قىلىدىغان بايلارنى ئاللاھ تائالا مۇشۇ دۇنيادىلا ئۆزى خالىغانچە جازالايدۇ، بەزىسىنى قارۇندەك يەرگە يۇتقۇزسا، بەزىسىنى پىرئەۋننى سۇدا غەرق قىلغاندەك غەرق قىلىدۇ، بەزىسىنى بولسا ئەبۇ جەھىلنى ئۆلتۈرگۈزگەندەك ئۆلتۈرگۈزىدۇ. بۇلاڭچىلار، قاراقچىلار ۋە قاتىللار تەرىپىدىن ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلتۈرۈلىۋاتقانلار ۋە بايلىقىدىن ئەنسىرەپ ئۆلۈمنى كۈتۈپ غەم قايغۇ ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە ئەنە ئاشۇنداق بېخىل بايلارمۇ ئاز ئەمەس.

ئەمما سېخى بايلار مال دۇنياسىدىن ئەنسىرىمەيدۇ، بەلكى راھەت، ھۇزۇر ئىچىدە ھايات سۈرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇغان باي بۇ ئالتە كۈنلۈك ئالەمدە يىغقان ئاز تولا بايلىقىنىڭ غېمىنى يېمەيدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا بۇ بايلىقتىن ھېساب بېرىشنىڭ غېمىنى قىلىدۇ، شۇڭا ئۇ بايلىقلىرىنى كېرەكلىك تەرەپلەرگە سەرپ قىلىشتىن ھېچ بېخىللىق قىلمايدۇ. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇنىڭ مال دۇنياسى بەرىكەت بىلەن كۆپىيىپلا تۇرىدۇ. مانا بۇ رېئاللىق.

بېخىللىققا ئادەتلەنگەن خەلق مال دۇنياسىغا بېخىللىق قىلغانلىقتىن، جېنىدىن، نومۇسىدىن، ھەتتا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. چۈنكى ئادەتتىكى ئېھتىياجلىق تەرەپلەرگە پۇل مال سەرپ قىلىشتىن بېخىللىق قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەلگەن بىر خەلقنىڭ ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداش يولىدا پۇل مال سەرپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، ۋەتىنى ئۈچۈن پۇل مېلىغا بېخىللىق قىلغانلارنىڭ ئۇنىڭ يولىدا جېنىنى بېرەلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.(توختى)