ساخاۋەتلىك ياشلارنىڭ ياردىمىدە ئالما-ئاتا شەھىرىدىكى سۇلتان قورغان رايونىدا يېڭى بىر مەسچىت قەد كۆتۈردى

0:00 / 0:00

قازاقىستاننىڭ ئالما-ئاتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان سۇلتان قورغان مەھەللىسىدە يېڭى بىر مەسچىت سېلىندى. تەلئەت ۋە سەيدۇللا ئىسىملىك ئىككى نەپەر ئۇيغۇر تىجارەتچى ياشنىڭ ساخاۋەتلىك ياردىمى بىلەن سېلىنغان بۇ مەسچىتكە "ئىتتىپاق مەسچىتى" دەپ نام بېرىلدى.

مەسچىتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قازاقىستان مۇسۇلمانلىرى دىنىي باشقارمىسىنىڭ رەئىسى، باش مۇفتى ئابدۇساتتار ھاجى، ئالما-ئاتا شەھىرى ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىرى، مۆتىۋەرلىرى ۋە ھەر مىللەتنىڭ مۇسۇلمان ۋەكىللىرى ۋە مەھەللە جامائىتى قاتناشقان.