خىتاي دائىرىلىرى شايار ناھىيىسىدىكى مەسچىتلەرگىمۇ قىزىل بايراق ئاستى

يېقىندا ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي دائىرىلىرى شايار ناھىيىسىدىكى مەسچىتلەرگىمۇ قىزىل بايراق ئاسقان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2011.09.12
meschit-qizil-bayraq-305.jpg ئاۋات ناھىيىسىدىكى مەسچىتكە خىتاي دۆلىتىنىڭ بايرىقىنى ئېسىش كۆرۈنۈشى. 2011-يىلى 9-ئاۋغۇست.
www.awtdj.gov.cn

شايار ناھىيىسىنىڭ سېكرېتارى ئىمىن زاھىر ئۆزى بىۋاسىتە باشچىلىق قىلىپ شايار ناھىيە ئىچىدىكى خانقا مەسچىتى، ئىگەچى كوچىسى مەسچىتى، ساۋۇرھاجىم مەسچىتى قاتارلىق پۈتكۈل مەسچىتلەرگە خىتاي دۆلىتىنىڭ بايرىقىنى ئاسقان. قارشىلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇر ياشلارنى تۇتۇپ كەتكەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئىمىن زاھىر ئەسلى كۇچالىق بولۇپ كۇچادىن شايارغا سېكرېتار بولۇپ يۆتكەپ كېلىنگەن ئىكەن. ئىمىن زاھىر يېقىندا شايار ناھىيىسىنىڭ ھاكىملىقىغا نامزات كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇ ئاكتىپچانلىق بىلەن خىزمەت كۆرسىتىش ئۈچۈن يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىنى ئالماستىن ئۆزى خالىغانچە ئىش قىلىپ، ئۆيمۇ ئۆي ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، قۇرئان كەرىم قاتارلىق دىنى كىتابلارنى يىغىۋالغان. روزا تۇتقان كادىرلارنى ئىشتىن بوشىتىۋەتكەن، رامزان ئېيىدا ئاشخانا ئاچمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانىلىرىغا پېچەت سېلىپ تاقىۋەتكەن. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىمىن زاھىر يىغىۋالغان قۇرئان كەرىم قاتارلىق دىنى كىتابلارنى كۆيدۈرۈۋېتىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.