بىمارلار تەركىبىدە قان بولغان دورىلارنى ئىشلىتىپ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالدى
2005.09.16
9 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، خىتايدا قانغاق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 20 نەچچە نەپەر بىمار شاڭخەيدىكى بىئولوگىيىلىك مەھسۇلات تەتقىقات ئورگىنىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا يىغىلىپ، مەزكۇر ئورگانغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇلار يەنە مەزكۇر تەتقىقات ئورگىنىدىن بىمارلارغا تۆلەم تۆلەشنى ھەمدە بىمارلاردىن كەچۈرۈم سوراشنى تەلەپ قىلغان.
قانغاق كېسىلى، بىر خىل ئىرسىيەت كېسىلى بولۇپ، بىمارنىڭ قېنىدا قاننى ئۇيۇلدۇرۇش ماددىسى كەم بولغانلىقتىن، يارا ئېغىزىدىكى قاننىڭ ئۇيۇپ توختىشى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىگە قارىغاندا ئاستا بولىدىكەن. شۇڭا بىمار يارىلانغاندا ئاسان قان ئاقىدىغان ۋە قان كۆپ ئاقىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدىكەن.
كۆتىرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال
بۇندىن 10 نەچچە يىل ئىلگىرى، شاڭخەيدىكى بىئولوگىيىلىك مەھسۇلات تەتقىقات ئورگىنى مەخسۇس بىر خىل قان توختىتىش ۋە قاننىڭ ئۇيۇپ قېلىشىنى تېزلىتىش خاراكتېرىدىكى دورىنى ئىشلەپ چىققان. لېكىن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر تەتقىقات ئورگىنى بۇ خىل دورىنى ئىشلەپچىقىرىشتا ۋىرۇس يوقىتىش چارىسىنى قوللانمىغانلىقتىن، كۆپلىگەن قانغاق كېسىلى بار بىمارلار بۇ خىل دورىنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن، بارا - بارا ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇۋالغان.
شاڭخەيدىكى بىئولوگىيىلىك مەھسۇلات تەتقىقات ئورگىنى ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان قانغاق كېسىلى بىمارلىرىمۇ دەل مۇشۇ تەتقىقات ئورگىنى ئىشلەپچىققان قان مەھسۇلاتىنى داۋاملىق ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئىكەن.
چېكىدىن ئاشقان مەسئۇلىيەتسىزلىك
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شاڭخەيگە بېرىپ مەزكۇر نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتناشقان خۇنەنلىك بىر بىمار مۇنداق دېدى:
"مەن شاڭخەيدىكى بۇ بىئولوگىيىلىك مەھسۇلات تەتقىقات ئورگىنى ئالدىغا كەلگىنىمدە سائەت 12 يېرىم ئەتراپىدا بولۇپ، 9 ئۆلكە ۋە شەھەرلەردىن كەلگەن 23 نەپەر بىمار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى مەزكۇر ئىدارىنىڭ يىغىن زالىدا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، قۇتقۇزۇش پۇلى تەلەپ قىلىۋاتقان ئىدى. چۈنكى بىزدەك قانغاق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار دوختۇرغا كۆرۈنۈشتە، مەيلى تەكشۈرۈش جەھەتتە بولسۇن ياكى داۋالاش جەھەتتە بولسۇن، ھەر زامان ئۆز يېنىمىزدىن ھەق تۆلەپ داۋالىنىمىز. داۋاملىق پۈتۈن چىقىمنى ئۆزىمىز چىقىرىمىز. بۇنى ئاز دەپ بىز نۇرغۇن پۇل خەجلەپ سېتىۋالغان مەزكۇر تەتقىقات ئورگىنى ئىشلەپچىقارغان دورىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، قان توختاش بىر ياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە تېخىمۇ ئاسان قان چىقىدىغان بولۇپ قالدى. شاڭخەي بىئولوگىيىلىك مەھسۇلات تەتقىقات ئورگىنى بۇ ئىشنىڭ ئاددىي بىر ئىش ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلار يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئۈن - تىنسىز ئېتىراپ قىلغىنى بىلەن، مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايۋاتىدۇ. ئۇلار ھازىر "بۇنداق بولۇشى دۆلەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بىز ئۇ دورىلارنى قانۇنىي رەسمىيەتلەر بويىچە ئىشلەپچىقارغان. شۇڭا قۇتقۇزۇش ۋە تۆلەم پۇلى تەلەپ قىلماقچى بولساڭلار، يۇقىرىغا بېرىڭلار ياكى بولمىسا يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن تەلەپ قىلىڭلارئ دەپ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغىلى ئۇنىمايۋاتىدۇ "
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كەن فامىلىلىك بۇ بىمار نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ، شاڭخەي بىئولوگىيىلىك مەھسۇلات تەتقىقات ئورگىنى تەرىپىدىن بېرىلگەن بۇ جاۋابنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، غەزەپكە چىدىماي تېخىمۇ كەسكىن ۋە شىددەتلىك ھەرىكەتلەرنى قوللانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
" شۇنىڭ بىلەن بىز، بىئولوگىيىلىك مەھسۇلات تەتقىقات ئورگىنىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا 'ھاياتىمنى قايتۇرۇپ بەر! يولسىزلىق قىلما! ' دېگەندەك مەزمۇندىكى لوزۇنكىلارنى كۆتىرىپ، ئۈنىمىزنىڭ بارىچە شۇئار توۋلاپ، نامايىش قىلدۇق. بىردەمدىلا ساقچىلار پەيدا بولدى. ئۇلار ئامالىنىڭ بېرىچە، بىزنىڭ دەرۋازا ئەتراپىدىن يىراقلىشىشىمىزنى توسىدى ".
بىز بۇ ھەقتىكى ئەھۋالنى تېخىمۇ ئېنىق ئىگىلەش ئۈچۈن، شاڭخەي بىئولوگىيىلىك مەھسۇلات تەتقىقات ئورگىنىغا تېلېفون قىلدۇق. لېكىن تېلېفوننى ئالغان تەتقىقات ئورگىنى باشلىق ئىشخانىسىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بىرگە ھېچقانداق مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشىدىن بۇرۇن، ھەر قايسى ئۆلكىدىن كەلگەن بىمارلار شاڭخەي بىئولوگىيىلىك مەھسۇلات تەتقىقات ئورگىنى ئۈستىدىن شاڭخەي شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان. لېكىن يېڭىلگەن. شۇنىڭ بىلەن شاڭخەيدىكى ھەر قايسى سوت مەھكىمىلىرى بۇ دىلونى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان.
ھۆكۈمەت مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى كېرەك
بېيجىڭدىكى ئەي جىشىن تەتقىقات ئورگىنى ھەر زامان ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن. مەزكۇر تەشكىلات مەسئۇلى ۋەن يەنخەي ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ بۇخىل پوزىتسىيىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
" بۇ مەسىلىگە كەلگەندە، ھۆكۈمەت ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى كېرەك ئىدى. ھازىر مەيلى قاندىن ياسىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلار بولسۇن ياكى كىشىلەرگە قان سېلىش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇپ قويغان سەھىيە ئورۇنلىرى بولسۇن، ھەممىسى دېگىدەك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالماي، مەسىلىنى كەينىگە سۈرۈپ كەلمەكتە. مەنچە، بىر دۆلەتنىڭ ئاممىۋى ساقلىقنى ساقلاش مەسىلىسىدە، بۇنداق پوزىتسىيىدە بولىشى بەكمۇ قاملاشمىغان بىر ئىش. ئۇلار زادى نېمىنى ئويلايدىغاندۇ؟! ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيان تارتىپ قېلىشنى ئويلامدىغاندۇ ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئاقىۋەتتە تېخىمۇ چوڭ ئاپەتكە يولۇقىدۇ ". (مېھرىبان)
مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتى
- ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىش پىلانى تۈزدى
- زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇشتا پاش قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش يولغا قويۇلماقچى
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولماقتا (2)
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولماقتا (1)
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا