ھازىر قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن جامائەت ئەربابى، سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللى ئارمىيىسى ئوفىتسېرى مەسۇمجان زۇلپىقاروپ ئاكا 7 - ئاينىڭ 12 - كۈندىن 19 - كۈنىگىچە شۋېتسىيە زىيارەتتە بولدى.
مەسۇمجان زۇلپىقاروپ ئاكا شۋېتسىيە زىيارەتتە بولىۋاتقان مەزگىلدە شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئاتاقلىق يازغۇچى بىلەن كۈرىشىش چېيى بەردى.
مەسۇمجان زۇلپىقاروپ كۆرۈشۈتە سۆزگە چىقىپ، زىيارەت داۋامىدا ھېس قىلغانلىرىنى ۋە شۋېتسىيىدىن ئىبارەت ئەركىن دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى بايان قىلدى. مەسۇمجان ئاكا 80 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ جەڭچىلەرگە خاس مەزمۇت بەستى بىلەن مۇنداق دەيدۇ.
ئۇيغۇرلار سەئىدىيە خاندانلىقىدىن كىيىن تالاي كۈلپەتلىك تارىخى قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈردى. نۇرغۇن قېتىملىق كۆچۈشلەر بولدى. ھېچكىمنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىن ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىدىن كۆكچىسى كەلمەيدۇ. ھەر خىل تارىخى سەۋەبلەر ۋە خىلمۇ خىل سىياسى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۇرتىنى تاشلاپ كىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا ئىستىقلال ئۈچۈن ۋە ئىستىقبال ئۈچۈندۇر. كۆچۈشنىڭمۇ مەلۇم تەرەپلەردىن ئىجابىي تەرەپلىرى بولىدىكەن. بىلىم ئېلىش ۋە جاھان كۆرۈش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قۇدىرەت تاپقۇزالايدىكەنمىز. بىز مەيلى نەدە ياشىمايلى چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ تارىخىنى بىلىشىمىز ۋە ياش ئەۋلاتلارغا تارىخى ساۋاقلاردىن ئىبرەت بېرىشىمىز كېرەك. يازغۇچى يەنە مۇنداق دەيدۇ: مىللەت ئۆلمەيدۇ، مىللەت يوقالمايدۇ، ئۇنى ساقلاپ قېلىش ياش ئەۋلاتلارنىڭ قولىدا، مەيلى قايسى دۆلەتتە ياشاۋاتقان بالىلار بولسۇن، نەۋرىلەر بولسۇن ئىستىقبال ئۈچۈن ئىستىقلال ئۈچۈن ئالغا.
يازغۇچى شىۋەتسىيىدىن ئىبارەت دېموكراتىك بىر ئەلدە ياشاۋاتقان شۋېتسىيە خەلقىنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىدىن ھېس قىلغانلىرىنى يەكۈنلەپ مۇنداق دەيدۇ: شۋېتسىيىنىڭ دېموكراتىك تۈزۇلمىسىدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى بۇ يەردىكى بارلىق ئىنشائاتلار خەلق ئۈچۈن خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ئۈچۈن ئىكەن. بىزنىڭ خەلقىمىزمۇ بۇنداق ئارمانلارنى قىلغان ئىدى بىزمۇ بۇ ئۇلۇغ ئىشلار ئۈچۈن كۈرەشكەن ئىدۇق. بىراق ئارمانىمىزغا يېتەلمەي كېلىۋاتىمىز بەلكىم بىزنىڭمۇ بۇنداق كۈنلەرگە يېتىدىغان چاغلىرىمىز كېلەر.
پېشقەدەم يازغۇچى مەسۇمجان زۇلپىخاروپ ئاكا شۋېتسىيەدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ نورۋىگىيىگە يۈرۈپ كەتتى. ئۇ بۇ قېتىم زىيارىتىدە شۋېتسىيىدىن كىيىن نورۋېگىيە ۋە گېرمانىيىلەرنى زىيارەت قىلماقچى.