مەسۇمجان زۇلپىقاروف: مەن ھەر كۈنى10 سائەتلەپ يازىمەن ۋە كىتاب ئوقۇيمەن

قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشايدىغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى ۋە تارىخىي شاھىد مەسۇمجان زۇلپىقاروف ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىجادىيەت پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.03.19
Mesumjan-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﭘﯧﺸﻘﻪﺩﻩﻡ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﺎﻫﯩﺪ ﯞﻩ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺗﺎ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺳﺎﺑﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻧﻰ ﻣﻪﺳﯜﻣﺠﺎﻥ ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭﻭﻑ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
RFA File

يېقىندا ئۇنىڭ " ئۇيغۇر ئۆرپ - ئادەتلىرى" ناملىق كىتابى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئۇ كۆپلىگەن شېئىر توپلاملىرى، دراممىلار ھەم " يانار تاغلار " قاتارلىق رومان ۋە پوۋېستلارنىڭ ئاپتورىدۇر. مەسۇمجان زۇلپىقاروف 1944 - 1949 - يىلىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب قاتناشقۇچىسى ۋە مىللىي ئارمىيە كاپىتانى بولۇپ، كۆپلىگەن تارىخىي ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىنى يازماقتا شۇنىڭدەك يەنە 20 - ئەسىر تارىخىغا ئائىت تۆت توملۇق رومانىنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرى ئۈستىدە ئىشلىمەكتە.

مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى مەسۇمجان زۇلپىقاروف 1925 - يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان، 1955 - يىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىقىپ، ئالمۇتا شەھىرىدە ئۇنىۋېرسىتېت تۈگەتكەن ھەمدە بىر ئۆمۈر ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ مەسۇمجان زۇلپىقاروف ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.