خىتايدا مەتبۇئات ئەمەلدارلارنىڭ چاڭگىلىدا
2006.02.22
گېرمانىيىنىڭ "جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى" دە، يازغۇچى ئانجىلا خانىمنىڭ "قەپەزدىكى قۇش" ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭ، ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەن - تېخنىكا ئوغرىلاش مەتبۇئاتنى چەكلەش قىلمىشلىرىغا ئائىت غۇلغۇلىلار كۆپىيىشكە باشلىدى.
ئانجىلا خانىم ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى چەكلەئاۋاتقانلىقى، تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ كومپارتىيىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئىشلەيدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى پاش قىلغان.
بۇ ھەقتىكى مەلۇتاملارنى، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ مەزكۇر ماقالىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى مەتبۇئات ئەركىنلىكى ھەققىدە تەييارلىغان پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.
©
2006 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى
- ئەركىنلىك سارىيى: خىتاي ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىۋاتىدۇ
- خىتايدا ئوچۇقلۇققا يۈزلەنگەن گېزىتلەرنى تاقايدىغان تەتۈر ئېقىم
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە دائىر ئاخباراتلارنى قامال قىلىش ئۈچۈن، ئىدارە ئورگانلارغا باياناتچى تەسىس قىلماقتا
- ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى خىتايدىكى مەتبۇئات ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى