ئۈرۈمچىدە مەتبۇئات مەسىلىسى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلماقتا

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچىدە ئېچىلىۋاتقان يەنى "شىنجاڭ گېزىتى" ۋە "شىنجاڭ مۇخبىرلار بىرلەشمىسى" قاتارلىق ئورگانلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەتبۇئات مەسىلىسى ھەققىدىكى بۇ مەملىكەتلىك مۇھاكىمە يىغىنى 11 ‏- ئۆكتەبىردىن 14 ‏- ئۆكتەبىر كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخبارات قائىدىسى ۋە كەسپى ئەخلاق مەسىلىسى قاتارلىقلار ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يېڭى بەلگىلىمىلەر

بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان مەتبۇئات مەسىلىسىگە ئائىت بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 16 ئاخبارات ئىنستىتۇتى ۋە خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاخبارات تەتقىقات بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مەتبۇئات خادىملىرى قاتناشقان. مەزكۇر يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يى مەخسۇس سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە "ھازىر مەتبۇئات ساھەسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيان يەتكۈزمەكتە. مەتبۇئات خادىملىرى ئۆز ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئاخبارات قائىدىسىگە بويسۇنۇپ، سىياسى ئىدىيە ۋە كەسپى ئەخلاق جەھەتتە ئۈلگە بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك" دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە "يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بېرىلىۋاتقان خەۋەر ۋە مەلۇماتلاردا، مەتبۇئات قائىدىسىگە بويسۇنمايدىغان ۋە شۇنداقلا مەتبۇئات ساھەسىدىكى كەسپى ئەخلاقنى بىر چەتكە قايرىپ قويىدىغان ئەھۋال بارغانسېرى ئېغىرلاشقان، بولۇپمۇ 'ھەقلىق خەۋەر، يالغان، ساختا مەلۇمات قاتارلىقلار بەكمۇ ئەۋج ئېلىپ كەتكەن، شۇڭا بۇنداق بىر پەيتتە ئاخبارات قائىدىسى ۋە كەسپى ئەخلاقنى تەكىتلەش بەكمۇ زۆرۈر " دەپ كۆرسىتىلگەن.

مەتبۇئات ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن ئاخبارات ساھەسىنى قاتتىق كونترول قىلىپ كەلگەن. بولۇپمۇ مەتبۇئات خادىملىرىنىڭ ھەر بىر سۆز ھەرىكىتىنى قاتتىق كۆزىتىپ، ئۇلارنى ئىدىيە جەھەتتە كومپارتىيە تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇشقا مەجبۇرلىغان.

خىتاينىڭ ئاخبارات قائىدىسى ۋە كەسپى ئەھلاقى مەسىلىسى

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ تەھرىرى لياۋ تيەنچى خانىم خىتاينىڭ ئاخبارات قائىدىسى ۋە كەسپى ئەھلاقى مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى.

لياۋ تيەنچى خانىم سۆزىدە "خىتاينىڭ ئاخبارات قائىدىسى بىلەن كەسپى ئەخلاقىنى غەرب دۆلەتلىرىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. چۈنكى چەتئەل مەتبۇئاتلىرى ھېچقاچان ئۆز دۆلىتىدىكى بىرەر پارتىيە ئۈچۈن ئىشلىمەيدۇ، ئۇلار پۈتۈنلەي ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇپ، راستچىل مەلۇمات بېرىشنى بىردىن ‏- بىر پرىنسىپ دەپ قارايدۇ. خىتاي مەتبۇئاتلىرى بولسا ھېچقاچان مۇستەقىل بولۇپ باقمىغان يەنى ئۆز ئالدىغا ئايرىپ پرىنسىپى بولۇپ باقمىغان. پەقەت پارتىيە نېمە دېسە شۇ بولۇپلا كەلگەن. ئەگەر بىرەر مۇخبىر راست گەپ كىرىپ، بىر قىسىم مەخپىيەتلىكلەرنى ئاشكارىلاپ قويىدىكەن، ئۇ چوقۇم قاتتىق جازالىنىدۇ ھەتتا تۈرمىگە ئېلىنىدۇ " دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخبارات ساھەسىگە بولغان كونتروللۇقى تېخىمۇ چىڭ

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ تەھرىرى لياۋ تيەنچى خانىم سۆھبەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپ قېتىم بارغانلىقىنى ۋە ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ سىياسىي مەزمۇندىكى گەپ ‏- سۆزلەردە ئىنتايىن ئېھتىيات قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەتبۇئاتقا بولغان كونتروللۇقىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى:

"خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخبارات ساھەسىگە بولغان كونتروللۇقى تېخىمۇ چىڭ. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخبارات خادىملىرى تېخىمۇ زور بېسىم ئاستىدا ياشىماقتا، ئۇلاردا ھېچقاچان ھەقىقىي، راست گەپ قىلىش ھوقۇقى بولۇپ باقمىغان. ئۇيغۇر ئېلىگە قارىغاندا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مۇخبىرلار مەيلى قانداق بولمىسۇن ئاز ‏- تولا راست گەپ قىلالايدۇ. لېكىن ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا ۋەزىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن، كىشىلەر ئۆز ‏-ئارا بىر بىرى بىلەن پاراڭ قىلغاندىمۇ ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇپ، سىياسىي مەزمۇندىكى گەپ -سۆزلەردىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدىكەن. ئۇيغۇر ئېلى ھازىر خىتاي بۇيىچە بىردىن ‏- بىر سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغان ئۆلكە. بۇ خىل ئەھۋال خىتاينىڭ باشقا ئۆللىكلىرىدە مەۋجۇت ئەمەس. مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، مەزكۇر جايدا ئاخبارات مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، ئاخبارات تۈزۈمى ۋە كەسپى ئەخلاق مەسىلىسىنى تەكىتلەشنىڭ ئۆزى بەكمۇ كۈلكىلىك بىر ئىش". (مېھرىبان)