خىتاي مەتبۇئاتى كومپارتىيە ئۈچۈن مۇلازىمەتتە بولماقتا


2006.10.26

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخباراتقا بولغان كونتروللۇقى يىلدىن -يىلغا كۈچەيمەكتە. خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا مەتبۇئات مەسىلىسى ھەققىدە ئېلان قىلغان 2006 ‏- يىللىق دوكلاتىدا " خىتاي دۇنيا بويىچە ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى" دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ قېتىم بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار قۇرۇلتىيىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " مەتبۇئات كومپارتىيىنىڭ "ئىناق جەمئىيىتى " ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك " دەپ تەكىتلىشى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ بەك قوزغىغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن مەلۇماتتا "خىتايدا، مەتبۇئات پۈتۈنلەي ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىدا بولماقتا. بېيجىڭدا ئېچىلغان بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئاتقا بولغان كونتروللۇقى گەپ يوق تېخىمۇ بەك كۈچىيىدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن.

خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن ئىشتىن بوشىتىلىۋىتىلگەن، ئىلگىرى خىتاي ياشلار گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بولۇپ ئىشلىگەن لى داتۇڭ مۇخبىرلارنىڭ تەقدىرى ۋە ئىناق جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە توختىلىپ "بۇ خىل ئىناقلىق پۈتۈنلەي خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئالىقىنىدا بولۇپ قالغان. چۈنكى ئۇلار ھەر زامان خىيالىغا كەلگەننى قىلىدۇ، ئۇلار قاچان ئادەم تۇتقىسى كەلسە شۇ چاغدا تۇتىدۇ. ئاتالمىش ' ئىناق جەمئىيەت' دېگىنى پۈتۈنلەي قورۇق گەپ" دەپ بىلدۈردى.

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى جياۋ گوبياۋ ئەپەندى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا "خىتاينىڭ ئەنئەنىسى شۇكى، مەتبۇئات ئەزەلدىن ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغۇچىلارنىڭ كانىيى بولۇپ كەلگەن. بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپنى كومپارتىيە تەرىپىدىن بېرىلگەن دەرھال ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك بىر ۋەزىپە، دەپ قارىساق بولىدۇ " دېگەن.

ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك ئىشتاتىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلشات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ تارىختىن بۇيان مەتبۇئاتقا بولغان كونتروللۇقى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 2005 ‏- يىلىدىن بۇيانقى مەتبۇئاتقا بولغان كونتروللۇقى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەتبۇئات مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختالدى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.