قېرىنداش قەلەملەر ژورنىلى نەشىردىن چىقتى

0:00 / 0:00
qerindash-qelemler-150.jpg
ژورنالنىڭ دەسلەپكى سانىنىڭ تېشى

ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى تەرىپىدىن چىقىرىلغان كاردەش كالەملەر يەنى قېرىنداش قەلەملەر ناملىق ئايلىق ژورنال ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ژورنالنىڭ مەقسىتى تۈرك دۇنياسىدىكى يازغۇچى، شائىر ۋە مۇزىكانتلارنىڭ ئەسەرلىرىنى پۈتۈن تۈرك دۇنياسى ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇتۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.

دەسلەپكى ساندىكى مەزمۇنلار

ژورنالنىڭ بۇ سانىدا ياقۇتلارنىڭ دۆلەت ئەربابى، مىللى شائىر پلاتون ئويۇنۇسكىي، قازاقىستانلىق داڭلىق يازغۇچىسى باۋىرجان جاكىپ، رۇسىيىنىڭ داڭلىق شائىرى فىيەدور تۇتچەۋ، داڭلىق قىرغىز يازغۇچىسى ئاشىم جاكىپبەكوۋ، مەشھۇر ئازەربايجان يازغۇچىسى ئانار قاتارلىقلارنىڭ ئەدەبى ھاياتى ۋە كىشىلىكى ھەققىدە ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇمات بېرىلگەن. ژورنالدا يەنە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى يېڭىلىقلارغىمۇ يەر بېرىلگەن.

قېرىنداش قەلەملەر ژورنالىنىڭ بۇ سانىدا يەنە تۇرسۇنئاي ساقى تونۇشتۇرۇلغان بىر پارچە ماقالىمۇ يەر ئالغان بولۇپ، ماقالىنى مىمار سىنان ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابدۇلۋاھاپ قارا يازغان. بىر مەدەنىيەت كۆۋرۈكى تۇرسۇنئاي ساقى تېمىلىق بۇ ماقالىدە ئۆتكەن يىلى 67 يېشىدا ۋاپات بولغان تۇرسۇنئاي ساقىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇ تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەرگە يەر بېرىلگەن. تۇرسۇنئاي ساقىنىڭ داڭلىق تۈرك يازغۇچىسى رىشات نۇرى گۈنتېكىننىڭ چالىقۇشى، ھىجرىك، ياشار كامالنىڭ ئىنجى مەمەتكە ئوخشاش 5 روماننى ئۇيغۇر تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلغانلىقى، بۇلاردىن باشقا داڭلىق تارىخچى رىشات گەنچنىڭ قاراخانلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى ناملىق ئەسىرىگە ئوخشاش 3 ئىلمى كىتابنى، 50 كە يېقىن ماقالىنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىپ، تۈركىيە بىلەن ئۇيغۇر تۈركلىرى ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغانلىقى بايان قىلىنىپ، بۇ جەھەتتىكى تۆھپىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.

ژورنالدا يەنە ئافغانىستاندا چىقىدىغان تۇنجى تۈركچە گېزىت بولغان بىلگى گېزىتىمۇ تونۇشتۇرۇلغان. بىلگى گېزىتى ئافغانىستاندىكى بىر تۈركۈم ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى، ياش يازغۇچى ۋە مۇتەپەككۇرلەرنىڭ تىرىشچانلىقىدا ئۆزبېك تۈركچىسىدە چىقىرىلغان بىر گېزىت بولۇپ، گېزىت نەشىردىن چىققاندا ئافغانىستان مەتبۇئاتلىرىدا زور تەسىر قوزغىغان ئىكەن.

ژورنالدا تونۇشتۇرۇلغان يەنە بىر مۇھىم شەخىس بولسا تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۇلۇغ مۇجادىلى ۋە ئالىمى دوكتور باي مىرزا ھايت بولۇپ، ماقالىدە باي مىرزا ھايتنىڭ مۇستەقىل بىر تۈركىستان ئۈچۈن ئۆمۈر بويى مۇجادىلە قىلغانلىقى، ئۆمرىنى ئۇرۇش ۋە ئاسارەتتە ئۆتكۈزگەن بۇ بۈيۈك ئالىم ۋە تۈركىستان تارىخچىسىنىڭ 89 يېشىدا ھايات بىلەن ۋىدالاشقانلقى يېزىلغان. ماقالىدە ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرىگە تەپسىلى يەر بېرىلگەن.

ژورنالنىڭ ساھىبى ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى باشلىقى بىلەن سۆھبەت

بىز تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىي بىرلىكى يولىدا ئېتىلغان قەدەملەردىن بىرى بولغان بۇ ژورنال ۋە ژورنالنى چىقارغۇچى ئورۇن بولغان ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ بىرلىكنىڭ باشلىقى بولغان دوكتور ياقۇپ دېلى ئۆمەر ئوغلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

- ژورنالنى تونۇشتۇرۇشتىن بۇرۇن بۇ ژورنالنى چىقارغان ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟

- ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى تېخى يېشى كىچىك بىر بىرلىك، ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا ئەنقەرەدە قۇرۇلدى. بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى ياۋروئاسىيا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، بالقانلار، كافكاسىيە، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى، سىبىرىيە ۋە تۈركىستان قاتارلىق يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى تۈرك دۇنياسىنى ئاساس قىلغان بىر ياۋروئاسىيادۇر. بۇ يازغۇچىلار بىرلىكىنى قۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز، تۈرك دۇنياسىدىكى يازغۇچىلارنى بىر يەرگە توپلاپ ئۇلارغا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان بىر مۇنبەر يارىتىشتىن ئىبارەت. بىز ياۋراسيادىكى توغرىسى تۈرك دۇنياسىدىكى يازغۇچىلارنى تۈركىيىدىكى قېرىنداش كەسىپداشلىرىغا تونۇتۇش ئۈچۈن قېرىنداش قەلەملەر ناملىق بۇ ئايلىق ئەدەبىي ژورنالنى چىقىرىشقا باشلىدۇق.

- سىز بۇ ژورنالنى چىقىرىشتىكى مەقسەتنىڭ تۈرك دۇنياسىدىكى يازغۇچىلارنى تۈركىيىدىكى ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى دەپ ئۆتتىڭىز؟ ژورنالنى تۈركچە چىقىرىپسىلەر، كەلگۈسىدە باشقا تۈركىي تىللاردىمۇ نەشىر قىلامسىلەر؟

- ژورنىلىمىزنىڭ تور بېتى تەييارلىنىۋاتىدۇ، يېقىندا تور ئارقىلىقمۇ ژورنىلىمىزنى ئوقۇيالايسىلەر. بۇ ژورنال ھازىر تۈركچە نەشىر قىلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىرچە تۈرك دۇنياسىدىكى تۈركچە بىلىدىغان كىشىلەر پايدىلىنالايدۇ. ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە بۇ رولنى ئويناۋاتقان ژورناللار بار. بىز كەلگۈسىدە بۇ ژورنالنى قازاقچە، قىرغىزچە، تاتارچە ۋە ئەزەربەيجانچە تىللاردىمۇ نەشىر قىلىشنى ئويلاۋاتىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەمكارلىشىشقا ئېھتىياجىمىز بار. خۇدا بۇيرىسا يېقىن كەلگۈسىدە ژورنىلىمىزنىڭ باشقا تۈركىي تىللىرىدىكى نۇسخىلىرىنىمۇ كۆرەلەيسىلەر.

- ھۆرمەتلىك ياقۇپ دېلى ئۆمەرئوغلى ئەپەندى بۇ ژورنالنى ئېلىشنى خالىغان كىشىلەر قانداق ئالالايدۇ؟

- kardeskalemler@gmail.com ئادرېسىگە ماقالە ئەۋەتسە بىز ژورنالدا باسىمىز. مۇشتىرى بولۇشنى خالىغانلارمۇ مۇشۇ ئادرېسقا خەت يېزىپ بىز بىلەن ئالاقە قۇرسا بولىدۇ. تۈركىي تىللىرى بىر مەنبەدىن كەلگەن باي تىللاردۇر. قېرىنداش قەلەملەر ژورنىلىمىز ھەر سانىدا ھەر تۈركىي مىللەتتىن بىر يازغۇچىغا يەر بەرمەكچى، شۇڭا رادىئو ئاڭلىغۇچى يازغۇچى تەتقىقاتچىلارنىڭ بىزگە ئەدەبىيات ھەققىدە ماقالە ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يېزىپ بىزگە ئەۋەتىشىنى ئۈمىت قىلىمىز ھەم بۇندىن ئىنتايىن خۇرسەن بولىمىز.