د ئۇ ق ۋەكىللىرى 6-نۆۋەتلىك ياۋرۇپا تۈركلىرى مەتبۇئاتى يىغىنىغا قاتناشتى
2007.06.12
2007-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى گوللاندىيىنىڭ ئامستېردام شەھىرىدە „6-نۆۋەتلىك ياۋرۇپا تۈركلىرى مەتبۇئات يىغىنى" ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىن كەلگەن يازغۇچىلار، مۇخبىرلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقاندىن سىرت، تەكلىپكە بىنائەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋە „گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى" تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بەختىيار شەمشىدىن ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان.
ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاساسى تېما قىلىنغان
9-ئىيۇن كۈنى، ئەتىگەن سائەت 10:00 دا باشلىنىپ، كەچ سائەت 12:00گە قەدەر داۋام قىلغان بۇ يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىدى؛ تۈركلەرنىڭ ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەسىلىسى بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى يەنىلا ئاساسى تېمىلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە مۇزاكىرە قىلىنغان. بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ۋەكالىتەن سۆزگە چىققان بەختىيار ئەپەندى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نۆۋەتتە تارتىۋاتقان دەرد-ئەلەملىرى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بېرىپ، يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلغان.
بۇ يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيەتلىرىدىن بىرى شۇ بولغانكى، شۇ كۈنى كەچتە ئېلىپ بېرىلغان „قانال ياۋرۇپا تېلېۋىزىيىسى" نىڭ نەق مەيدان مۇنازىرە پروگراممىسىدا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنە مۇھىم تېما قىلىنغان ۋە ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق جەۋلان قىلىپ تۇرغان كۆرۈنۈش پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلغان.
گوللاندىيە تۈركلىرى ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ھېسداشلىق قىلىدۇ
گوللاندىيىدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان ھېسداشلىقى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، 2007 - يىلى 5 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن „ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى" جەريانىدا، ئۇلار كۆپ قېتىم مەخسۇس سورۇن ھازىرلاپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلار رەھبەرلىرىنى قىزغىن كۈتۈۋالغان ۋە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا سالام بېرىشنى جىددىي بىر مەجبۇرىيەتلىرى قاتارىدا تونۇغان، ھەمدە ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىملىرى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەت مەركەزلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
يىغىننىڭ ئاخىرىدا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە مەتبۇئات جەھەتتىن ياردەم بېرىش ھەققىدە مەخسۇس قارار قوبۇل قىلىنغان. (ئەكرەم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلقئارالىق رادىكال پارتىيىنىڭ مەسئۇلى ماركو پېردۇسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
- ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ فرانكفورت شۆبىسى قۇرۇلدى
- ياۋروپا بىرلىكى ئۇيغۇرلاردىن نىمىلەرنى كۈتىدۇ؟
- ياۋرۇپا پارلامېنتىغا تۆكۈلگەن كۆز يېشى
- د ئۇ ق نىڭ گوللاندىيىدىكى پائالىيەتلىرى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى
- د ئۇ ق نىڭ نۆۋەتتىكى يىغىنى گوللاندىيىدە ئېچىلدى
- د ئۇ ق ياشلار كومېتىسى ۋە گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى خىتايغا قارشى ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى باشلىۋەتتى
- گوللاندىيىدە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
- گوللاندىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى