خىتاي، خەلقئارا مەتبۇئات تەتقىقات يىغىنىدا قاتتىق تەنقىدلەندى
2006.06.02
2006 - يىللىق خەلقئارا مەتبۇئات تەتقىقات يىغىنى ئەنگىلىيىنىڭ ئېدىنبورگ شەھىرىدە ئېچىلدى. مەزكۇر يىغىنغا دۇنيادىكى 60 تىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن 400 دىن كۆپ ۋەكىل قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى خەلقارا مەتبۇئات تەتقىقات يىغىنىدا خىتايدىكى مەتبۇئات مەسىلىسى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق ئەيىبلەنگەن. مەزكۇر يىغىندا يەنە، خىتايدىكى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنىڭ قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىنى توسۇش ئۈچۈن مەخسۇس قارارلار بېكىتىلگەن بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە ماقالە ئېلان قىلىپ قولغا ئېلىنغان ئۆكتىچىلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان شۇنداقلا غەرب دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم تېخنىك شىركەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر كونترول قىلىشىغا ياردەم بەرگەنلىكىدىن مەزكۇر يىغىندا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىنتېرنېت تور بەتلىرىگە بولغان كونترولنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلماقتىمىز
ئەنگىلىيىدە ئېچىلىۋاتقان بۇ قېتىمقى خەلقئارا مەتبۇئات تەتقىقات يىغىنىنىڭ باياناتچىسى دەيۋىد ئەپەندى مەزكۇر يىغىندا خىتايدىكى مەتبۇئات مەسىلىسى ھەققىدە بېكىتىلگەن بىر يۈرۈش قارارلار ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:
"بىز خىتايدىكى مەتبۇئات مەسىلىسى ھەققىدە مەزكۇر قارارنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىنتېرنېت تور بەتلىرىگە بولغان كونترولنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلماقتىمىز. بىز يەنە ئۇلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بارلىق ئىنتېرنېت ئۆكتىچىلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىمۇ تەلەپ قىلدۇق. خەلقئارا مەتبۇئات تەتقىقات يىغىنىدىن ئىگىلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتايدا ئاز دېگەندە 30 نەپەر ئىنتېرنېت يازغۇچىسى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى "نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى" نىڭ مۇخبىرى جاۋ يەن. خەلقئارا مەتبۇئات تەتقىقات يىغىنىنىڭ باياناتچىسى دېيۋىد ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي، ئامېرىكىدىن قالسا ئىنتېرنېت تور بېتىنى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. خىتايدا ھازىر تورداشلار سانى تەخمىنەن 130 مىليوندىن ئاشقان شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى كونترول قىلىش ۋە تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە كۈچەيگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى غەرب دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم شىركەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىپ ئۆكتىچىلەرنى تېخىمۇ بەك باستۇرۇشقا ئۆتكەن.
ئامېرىكىنىڭ ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنى قاتتىق تەنقىدلەندى
مەزكۇر يىغىننىڭ باياناتچىسى دەيۋىد ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئۇچۇر كونترول قىلىشتا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياردەم قىلىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنى قاتتىق تەنقىدلىدى. ئۇ "خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياردەم قىلىپ، ئاتالمىش 'سەزگۈر ئۇچۇرلار’ نى نازارەت قىلىش ئارقىلىق كونترول قىلغان شىركەتلەر پەقەت ئامېرىكىدىكى گۇگۇل شىركىتىلا ئەمەس، بەلكى ‘ياخۇ’ قاتارلىق باشقا شىركەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ" دەپ تەكىتلەپ، ئۆز كۆز - قاراشلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى:
"گەرچە نازارەت قىلىش ئارقىلىق كونترول قىلىنغان ئۇچۇرلار ناھايىتى ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئۇچۇرلار بولسىمۇ، بىز يەنىلا بۇنداق قىلىشنى ئىنتايىن خاتا دەپ قارايمىز. چۈنكى چەتئەل شىركەتلىرى ئەسلىدە خىتايدىكى پۇقرالارغا ئەڭ ئىشەنچىلىك توغرا ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈشى كېرەك ئىدى. بەلكىم بەزىلەر ' كونترول قىلىنغان ئۇچۇرلار بارلىق تور بەت ئۇچۇرلىرىنىڭ پەقەت 1% نى ئىگىلەيدىغۇ' دېيىشى مۇمكىن. لېكىن دەل مۇشۇ 1% نى ئىگىلىگەن ئۇچۇرنىڭ ئۆزى خىتاي جەمئىيىتى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم ئۇچۇر بولۇپ ھېسابلىنىشى مۇمكىن "
ئەنگىلىيىنىڭ ئېدىنبۇرگ شەھىرىدە ئېچىلغان بۇ قېتىمقى خەلقئارا مەتبۇئات تەتقىقات يىغىنىدا يەنە، گۇگۇل شىركىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تاللاش يولى ھەققىدىمۇ مۇنازىرە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىن قاتناشچىلىرى " بۇندىن كېيىن گۇگۇل شىركىتى خىتايدىكى پۇقرالارغا ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە كۆپلەپ ئۇچۇر يەتكۈزۈشى، ئەگەر بۇنداق قىلالمايدىكەن، خىتايدىكى سودىسىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك " دەپ كۆرسەتكەن. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك كۈنى ۋە خىتايدىكى ۋەزىيەت
- خەلقئارا ئاخباراتچىلار ئىلمىي جەمئىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
- بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 3 چوڭ سولچىلار تور بېتىنى تاقىۋەتتى
- خىتاي، دۇنيا بويىچە ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى ئەڭ قاتتىق كونترول قىلىۋاتقان دۆلەت
- خىتايدا مەتبۇئات ئەمەلدارلارنىڭ چاڭگىلىدا
- مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى
- ئەركىنلىك سارىيى: خىتاي ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىۋاتىدۇ