مەخمۇت قەشقىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان

2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى قەيسەرى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا مەخمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن "مەخمۇت قەشقىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان" تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009-02-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 26 - ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻯ ﺋﻪﺭﺟﯩﻴﻪﺱ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺯﺍﻟﯩﺪﺍ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 1000 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ "ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ" ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺯﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
2 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 26 - ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻯ ﺋﻪﺭﺟﯩﻴﻪﺱ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺯﺍﻟﯩﺪﺍ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 1000 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ "ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ" ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺯﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ يىغىنغا شەھەر باشلىقى، سابىق پارلامېنت ئەزاسى، ھەر قايسى سىياسى پارتىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى ۋە قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 500 دىن كۆپ كىشى قاتناشتى.

بۇ يىغىننى قەيسەرى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئورتاقلىشىپ چاقىرغان بولۇپ، يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى مۇئاۋىن مۇدىرى، پروف. در. مېتىن ھۇلاگۇ ئەپەندى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى قىلدى.

بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمى باشلىقى پروف. در. نەۋزات ئوزقان ئەپەندى "تۈركىي تىللار دىۋانىدا تۈرك دۇنياسى" تېمىسىدا، پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت بولسا "مەخمۇت قەشقىرىنىڭ ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستان" تېمىسىدا، پروف. در. ئۈمىت توكاتلى ئەپەندى "مەخمۇت قەشقىرىنىڭ تېپىلمىغان كىتابى" تېمىسىدا سۆز قىلدى.

پروف. در. مېتىن ھۇلاگۇ ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقىدا قىسقىچە مۇنداق دېدى: "ھۆرمەتلىك شەھەر باشلىقى، قىممەتلىك كەسىپداشلىرىم، ھۆرمەتلىك مېھمانلار ۋە ئوقۇغۇچى دوستلىرىم ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا
 2 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 26 - ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻯ ﺋﻪﺭﺟﯩﻴﻪﺱ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺯﺍﻟﯩﺪﺍ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 1000 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ "ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ" ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
2 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 26 - ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻯ ﺋﻪﺭﺟﯩﻴﻪﺱ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺯﺍﻟﯩﺪﺍ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 1000 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ "ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ" ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. RFA Photo / Erkin Tarim
ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ھەممىمىزگە مەلۇم 2008 - يىلى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخمۇت قەشقىرى يىلى ئېلان قىلىنغان ئىدى. تارىخىمىزغا قارايدىغان بولساق، مەخمۇت قەشقىرىدەك كۆپ ساندا ئالىمىمىزنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بىز بۈگۈن ئۇنىۋېرسىتېتىمىزدا 'مەخمۇت قەشقىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان' ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى چاقىرىپ ئولتۇرۇپتىمىز. مەن ئۇنىۋېرسىتېتىمىزنىڭ نامىدىن بۇ يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىنى تىلەيمەن."

كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرغىچە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىشغالى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "شەرقىي تۈركىستان تېخىغىچە خىتايلارنىڭ قول ئاستىدا. مەن بىرنەچچە مۇھىم مەسىلىنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن. بۇلاردىن بىرى يەر شارىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىن باشقا مۇستەقىل تۈرك دۆلىتى يوق ۋاقتىدا، 1933 - يىلىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، 1944 - يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى نامى ئاستىدا ئىككى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان ئىدى. رۇس ۋە خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكى بىلەن بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن سۈرمىگەن. شەرقىي تۈركىستان، كۆك تۈركلەر، ئۇيغۇرلار، ھۇنلار تۇنجى دۆلىتىنى قۇرغان جۇغراپىيىنىڭ نامىدۇر. ئۇلۇغ ئالىمىمىز مەخمۇت قەشقىرىنىڭ ئانا يۇرتىدۇر، شەرقىي تۈركىستان. ئەپسۇسكى بۇ تۇپراقنى خىتايلار بېسىۋالغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر خەلقى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم بىر ھالدا ياشىماقتا. بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچار بولماقتا. ئۆز ھەق ۋە ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان ۋاقتىدا، خىتايلار تەرىپىدىن تېررورىست دەپ ئېيىبلەنمەكتە. شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى كۈتمەكتە. بۈگۈنكى يىغىنىمىزدا ئىلىم ئادەملىرى ئۇلۇغ ئالىم مەخمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى."

بۇ يىغىندا ئىلىم ئادەملىرى مەخمۇت قەشقىرىنىڭ ھاياتى، ئەسىرىنىڭ ئىلمىي قىممىتى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت مەن تۈرك دېگەن ھەممە كىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا پولو زىياپىتى بېرىلدى. بىز بۇ پولو زىياپىتى جەريانىدا يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

ئەمىنە قارابېيىق ئىسىملىك ئوقۇغۇچى بۈگۈنكى يىغىندا نېمىلەرنى بىلىۋالدىڭىز دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "كۆپ نەرسە ئۆگىنىۋالدىم. ئەسلىدە بۇلارنى مەن بىلەتتىم. ئەمما بىر تۈرك بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇلارنىڭ ھەممە كىشى تەرىپىدىن بىلىنىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمەن. مېنىڭ كۆڭلۈم ئەڭ يېرىم بولغىنى، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ ئەركىن ئىبادىتىنى قىلالمايۋاتقانلىقى، مەن دۆلىتىمىزنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن."

پولو زىياپىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تۈرك دۇنياسى مۇزىكا گۇرۇپپىسى كونسېرت بەردى. كونسېرتتا پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ناخشىلىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسەتتى.

مۇزىكا گۇرۇپپىسى كۈرەش كۈسەننىڭ "سۇلتان ئۇيغۇرۇم" ناملىق ناخشىسىنى ئورۇنلىدى. ناخشا تاماشىبىنلارنىڭ قاتتىق ئالقىشلىشىغا ئېرىشتى.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت