مەھمۇت قەشقىرى يىلى ۋە 1000 ئالتۇن مۇكاپات


2007.12.28

mexmut-qeshqiri-200.jpg
تۈركىيە ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى 2008- يىلىنى بۈيۈك ئالىم مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىغا 1000 يىل بولغانلىقىغا ئاتاپ "مەھمۇت قەشقىرى يىلى" ئېلان قىلدى. source: www.kaskarlimahmut.org / Erkin Tarim

تۈركىيە ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى 2008- يىلىنى تۈركىي تىللىرىنىڭ تۇنجى لۇغىتىنى يازغان بۈيۈك ئالىم مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىغا 1000 يىل بولغانلىقىغا ئاتاپ "مەھمۇت قەشقىرى يىلى" ئېلان قىلدى. ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تېخىغىچە تېپىلمىغان `كىتابى جەۋاھىرۇن-ناۋھ فى لۇغاتىت تۈرك` ناملىق گرامماتىكا كىتابىنى تاپقان كىشىگە 1000 ئالتۇن مۇكاپات بېرىشنى قارار قىلغان.

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى باشلىقى ياقۇپ دېلىئۆمەروغلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەركىن تارىم: مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق، سىلەر قانداق بولۇپ 1008-يىلىنى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغان يىلى دەپ بېكىتتىڭلار؟

ياقۇپ دېلىئۆمەروغلى: مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئېنىقلاپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ ھەقتە ھېچ بىر مەلۇمات يوق. `تۈركىي تىللار دىۋانى` ناملىق ئەسەرنىڭ كىرىش سۆزىدىمۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات يوق. ئەمما ئەزەربەيجانلىق تۈركولوگ رامىز ئەسقەرنىڭ مەھمۇت قەشقىرى ھەققىدە يازغان ئەسىرى بىلەن تۈركىيىدە نەشىر قىلىنغان بىر قانچە ئەسەردە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ 1008-يىلى تۇغۇلغانلىقى يېزىلغان. بۇنىڭغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ 2008-يىلى مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000-يىلى دەپ بېكىتىلىپ، مەھمۇت قەشقىرى يىلى دەپ ئېلان قىلىندى.

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك در. ياقۇپ دېلىئۆمەروغلى ئەپەندى سىلەرنىڭ ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ھازىرغىچە تېپىلمىغان `كىتابى جەۋاھىرۇن-ناۋھ فى لۇغاتىت تۈرك` ناملىق گرامماتىكا كىتابىنى تاپقان كىشىگە 1000 ئالتۇن مۇكاپات بېرىدىغانلىقىڭلارنى ئېلان قىلدىڭلار، بۇ ھەقتە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز؟

mexmut-qeshqiri-altun200.jpg
مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تېخىغىچە تېپىلمىغان `كىتابى جەۋاھىرۇن-ناۋھ فى لۇغاتىت تۈرك` ناملىق گرامماتىكا كىتابىنى تاپقان كىشىگە 1000 ئالتۇن مۇكاپات بېرىشنى قارار قىلغان. Source: www.kaskarlimahmut.org / Erkin Tarim

ياقۇپ دېلىئۆمەروغلى: سىزگىمۇ مەلۇم مەھمۇت قەشقىرىنىڭ 2 ئەسىرى بار. بىرى ئېنسىكلوپېدىيىلىك لۇغەت بولغان `تۈركىي تىللار دىۋانى`، يەنە بىرسى بولسا گرامماتىكا كىتابى. تارىخ كىتابلىرىدا ۋە تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ كىرىش سۆزىدە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ كىتابى `كىتابى جەۋاھىرۇن-ناۋھ فى لۇغاتىت تۈرك` ناملىق بىر ئەسىرىنىڭ بارلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن، ئەمما بۇ ئەسەرنىڭ تېخىغىچە ئىز-دېرىكى يوق. بۇ كىتابنى تېپىش ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى بۇ كىتابقا تارتىش ئۈچۈن بىز ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، بۇ كىتابنى تاپقان كىشىگە 1000 ئالتۇن مۇكاپات بېرىش قارارىنى چىقاردۇق. ئەمما بۇ 1000 ئالتۇننىڭ كىتابنىڭ قىممىتى بىلەن ئالاقىسى يوق. بۇ بىباھا بىر ئەسەر. چۈنكى، تۈركىي تىللار دىۋانىمۇ بىباھا ئەسەر بولغاچقا تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى ئۇنى سۇغۇرتا قىلدۇرۇش ئۈچۈن شىركەت تاپالمايۋاتىدۇ. مەھمۇت قەشقىرىنىڭ گرامماتىكا كىتابىمۇ بىباھا بىر ئەسەردۇر. بىز 2008-يىلى مەھمۇت قەشقىرى يىلى بولغاچقا بۇ ئەسەرنى تاپقان كىشىگە 1000 ئالتۇن بېرىشنى قارار قىلدۇق.

ئەركىن تارىم: سىلەر بۇ ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن كىتاب ھەققىدە بىر خەۋەر بارمۇ؟ بۇ كىتابنىڭ ئىلمى قىممىتى زادى نېمە؟

ياقۇپ دېلىئۆمەروغلى: كىشىلەرنىڭ بۇ كىتابنى ئىزدەۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر كېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ بەزى تۈركولوگلار قەدىمقى ئەسەرلەر كۈتۈپخانىلىرىدا بۇ كىتابنىڭ ئىسمىنىڭ خاتا يېزىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. قول يازما ئەسەرلىرى ساقلىنىۋاتقان كۈتۈپخانىلاردا بۇ كىتابنى ئىزدەۋاتقان تۈركولوگلار بار. ئىران، ئەزەربەيجان ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردىن بەزى كىشىلەرنىڭ بۇ كىتابنى ئىزدەۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر كېلىۋاتىدۇ. سىزگىمۇ مەلۇم تۈركىي تىللار دىۋانى پەقەتلا بىر لۇغەت ئەمەس، بىر ئېنسىكلوپېدىيە، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى، تارىخى، ئەدەبىياتى ۋە ئۆرپ ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن بىباھا بىر ئەسەر. بۇ گرامماتىكا كىتابىمۇ تۈركىي تىللارنىڭ ئۇ مەزگىلدىكى ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىش، شۇنداقلا بۈگۈنكى تۈركىي تىللارنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر كىتاب دەپ ئويلايمەن.

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك در. ياقۇپ دېلىئۆمەروغلى ئەپەندى 2008-يىلى مەھمۇت قەشقىرى يىلى ئېلان قىلىندى. سىلەر ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى 2008-يىلىدا نېمە پائالىيەتلەرنى قىلماقچى؟

ياقۇپ دېلىئۆمەروغلى: مەھمۇت قەشقىرى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بىزنىڭ ۋە باشقا ئىدارە جەمئىيەتلەرنىڭ پائالىيەتلىرى بار. ھازىردىن تارتىپ بۇ خىل پائالىيەتلەرگە باشلىۋەتتۇق، تۈركىيىدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا مەھمۇت قەشقىرى ھەققىدە يىغىنلار چىقىرىلىۋاتىدۇ. ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەھمۇت قەشقىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلماقچى. ئەزەربەيجان مەھمۇت قەشقىرى ۋەخپىمۇ پائالىيەت ئۆتكۈزمەكچى. مەنچە مەھمۇت قەشقىرى يىلى پۈتۈن دۇنيادا بولۇپمۇ مۇستەقىل تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك ياقۇپ دېلىئۆمەروغلى ئەپەندى ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ مەھمۇت قەشقىرى تور بېتى بار، بۇ ھەقتە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟

ياقۇپ دېلىئۆمەروغلى: مەھمۇت قەشقىرى تور بېتى، 2008-يىلى مەھمۇت قەشقىرى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەرنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن تەسىس قىلىندى. بىز مەھمۇت قەشقىرى تور بېتىدە مەھمۇت قەشقىرى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان پۈتۈن تەتقىقات ماقالىلىرىغا يەر بەرمەكچى. تور بېتى ئادرىسىمىز www.kaskarlimahmut.org, تور بېتىمىزنىڭ ئاستىدا ئې-Mail ئادرېسىمىزمۇ بار، مەھمۇت قەشقىرى ھەققىدە ماقالە يازغان زىيالىيلىرىمىز ماقالىسىنى بۇ ئادرېسقا ئەۋەتسە ئېلان قىلىمىز. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.