ئەنقەرەدە "مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانى" ناملىق يىغىن چاقىرىلدى


2008-03-03
Share

prof.dr.exmet-bijan-200.jpg
تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى، گازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى. RFA Photo / Erkin Tarim

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ UNESCO ناملىق ئورگىنى 2008‏ - يىلىنى مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن `مەھمۇت قەشقىرى يىلى` دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى، لېكسىيىلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە. ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدا تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخابادتا `تۈركولوگىيىنىڭ قۇرغۇچىسى مەھمۇت قەشقىرى` ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى بولسا تۈركىيىدە تونۇلغان تۈركولوگ، تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى، گازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى `ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى` ماۋزۇلۇق لېكسىيە بەردى.

ئەنقەرەدىكى تۈرك ئوجاقلىرىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ لېكسىيىگە تونۇلغان تۈركولوگلار، ئەنقەرەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتتا ماگىستىر ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان تۈركولوگلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

پروف. در. ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى ئالدى بىلەن تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: " تۈركىي تىللار دىۋانى بولسا تۈركچە ئەرەبچە لۇغەتتۇر. مەھمۇت قەشقىرى بۇ ئەسەرنى 1072 - يىلىدا باغداتتا يېزىشقا باشلىغان بولۇپ، 1074 ياكى 1077 - يىللىرىدا يېزىپ بولغان. باغداتتىكى ئابباسى خەلىپىسىنىڭ ئوغلىغا مەھمۇت قەشقىرى تەرىپىدىن تەقدىم قىلىنغان. لۇغەتتە تۈركىي تىللارغا خاس ئاتالغۇلار ئەرەب تىلى بىلەن ئىزاھلانغان. ئەمما بۇنداق ئاددى بىر لۇغەتمۇ ئەمەس، چۈنكى تۈركچە ئاتالغۇلىرىنىڭ مەنىسىنى ئەرەب تىلىدا ئىزاھلاپلا قالماستىن ھەر سۆز ئىبارىنى جۈملىدە مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق چۈشەندۈرگەن. سۆز ئىبارىلەرنى جۈملە بىلەن چۈشەندۈرۈش، ھازىرقى زامان لۇغەتچىلىكىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكىدۇر. مەھمۇت قەشقىرى مىسال بەرگەن جۈملىنىمۇ ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىپ ئاڭلاتقان، چۈنكى ئۇنىڭ مەقسىتى خاقانىيە تىلىنىڭ قانچىلىك باي بىر تىل ئىكەنلىكىنى ئەرەبلەرگە چۈشەندۈرۈش. بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۇ بەزى سۆز ئىبارىلەرنى چۈشەندۈرگەندە قوشاق، بېيىت، ماقال تەمسىل ۋە داستانلاردىن پارچىلارنى مىسال كەلتۈرگەن. شۇڭا تۈركىي تىللار دىۋانى پەقەتلا بىر لۇغەت ئەمەس، ئەينى ۋاقىتتىكى تۈرك دۇنياسى خەلق ئەدەبىياتىنىڭ قامۇسىدۇر. تۈركىي تىللار دىۋانىدا جەمئىي 764 مىسرا شېئىر بار. بۇ شېئىرلارنىڭ كۆپى خەلق قوشاقلىرىدۇر. خەلق قوشاقلىرى خەلق ئەدەبىياتىنىڭ تۇنجى نەمۇنىلىرىدۇر. بۇ قوشاقلار ئۇ مەزگىلدىكى تۈركلەرنىڭ تۇرمۇشىنى، ھاياتىنى، ئۆرپ ۋە ئادەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئاز ساندا ئاشىق شېئىرلىرىمۇ بار."

prof.dr.exmet-bijan1-200.jpg
لېكسىيىگە تونۇلغان تۈركولوگلار، ئەنقەرەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتتا ماگىستىر ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان تۈركولوگلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. RFA Photo / Erkin Tarim

پروف. در. ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى سۆز ئىبارىلەر ۋە ماقال تەمسىللەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: "تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى ماقال تەمسىل سانى جەمئىي 200 دىن كۆپتۈر. مەسىلەن، `ئەر ئادىن قۇش قاناتىن `يەنى `ئوغۇل ئېتى بىلەن قۇش قانىتى بىلەن` دېگەنگە ئوخشاش. تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى سۆز ئىبارىلەرنىڭ سانى جەمئىي 8000 ئەتراپىدا، 11 - ئەسىردە بىر تىلدا 8000 ئەتراپىدا سۆز ئىبارىنىڭ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. دىۋانغا تۈركىي تىللارغا كىرگەن ئەرەبچە پارسچە سۆزلەر كىرگۈزۈلمىگەن. مەھمۇت قەشقىرى بۇ لۇغىتىگە پەقەتلا تۈركىي تىللارغا خاس سۆزلەرنى ئالغان. نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلغان دېسىڭىز؟ چۈنكى ئەرەبلەرگە تۈركچە ئۆگىتىش ئۈچۈن يازغان بۇ ئەسەرنى، ئەرەبلەرگە ئەرەبچە سۆزلەرنى ئىزاھلاشنىڭ ھاجىتى يوق. لۇغەتكە ئاز ساندا خىتايچە ۋە سوغدىچە سۆزلەر كىرگۈزۈلگەن. بىز قۇتاتقۇبىلىك ۋە ئەتەبەتۇل ھاقايىق ناملىق ئەسەرلەردىن ئۇ مەزگىللەردە تۈركىي تىللارغا كۆپ ساندا، ئەرەبچە ۋە فارسچە سۆز ئىبارىلەرنىڭ كىرگەنلىكىنىمۇ بىلىمىز. بۇلارنىمۇ نەزەردە تۇتساق، ئۇ ۋاقىتتا ئەينى زاماندىكى ئەدەبىي تىلىمىز بولغان خاقانىيە تىلىدا 10 مىڭ ئەتراپىدا سۆز ئاتالغۇ بار. بىز يۇقۇرىقىلاردىن تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ بىر قامۇس ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز."

پروف. در. ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى سۆزىگە `تۈركىي تىللار دىۋانى` ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ قاراخانىيلار دۆلىتى مەزگىلىدە ئىشلىتىلگەن خاقانىيەچىنىڭ ئەدەبىي تىلىنىڭ لۇغىتى ئىكەنلىكىنى، مەھمۇت قەشقىرىنىڭ بولسا تىلشۇناس، فولكلورچى، تارىخچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "مەھمۇت قەشقىرى تۈركچە، ئەرەبچە ۋە فارسچىنى بەك ياخشى بىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى زىيالىيلارغا ئوخشاش، تىل ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە ۋە دىنىي بىلىملەرنى ئىنتايىن ياخشى بىلىدىغان بىر كىشى ئىكەنلىكى ئېنىق. مەھمۇت قەشقىرى بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بىر دىيالېكتشۇناستۇر. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويايكى تۈركىي تىللار دىۋانى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ تىلى بولغان خاقانىيە ئەدەبىي تىلىنىڭ لۇغىتىدۇر. ئەمما دىئالېكت سۆزلىرىنىمۇ تەتقىق قىلغان ۋە لۇغەتكىمۇ كىرگۈزگەن. مەھمۇت قەشقىرى بۇ لۇغەتنى يېزىۋاتقان ۋاقتىدا تۈركلەر تېخى بۈگۈنكى تۈركىيە زېمىنگە يېتىپ كەلمىگەن. تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسىرىدىكى خەرىتىدە ھازىرقى تۈركىيە زېمىنىنى تۈركلەر ياشاۋاتقان تۇپراق ئىچىدە كۆرسەتمىگەن. دىۋاندا 20 تۈركىي مىللەتنىڭ بارلىقى يېزىلغان. پۈتۈن قەبىلىلەرنىڭ تىل خۇسۇسىيەتلىرىنىمۇ كۆرسەتكەن، مەسىلەن دىۋاندا كارلۇقلاردىكى `ي` تاۋۇشى قىپچاقلاردا `ج` بولىدۇ دېيىلگەن. بۈگۈن ئۇيغۇرچىدىكى `ياخشى` سۆزى، قىرغىز ۋە قازاقچىدا `جاخسى` دېيىلىدۇ. شۇڭا ھازىرقى زامان تۈركولوگىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى رادلوف، مەھمۇت قەشقەرنىڭ تۈركولوگىيىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىكەنلىكىنى يازىدۇ."

پروف. در. ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن سۆزىدە يەنە، پۈتۈن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى، پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل تارىخىنى، ئەدەبىيات تارىخىنى، خەلق ئەدەبىياتىنى، فولكلورىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ بىردىن بىر ئىشەنچلىك مەنبە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە 2008 - يىلىدا تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ مەھمۇت قەشقىرى مەقبەرىسىنى رېمونت قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. (ئەركىن تارىم)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت