خەلقئارالىق مەھمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى مۇكاپات بېرىش مۇراسىمى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن - مائارىپ كومىتېتى 2008 - يىلىنى مەھمۇت قەشقىرى يىلى دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيە ياۋرو - ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى، خەلقئارالىق مەھمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2008.12.23
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 12 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺋﻮﺟﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺯﺍﻟﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺋﻪﺭﺗﯘﻏﺮﯗﻝ ﮔﯜﻧﺎﻱ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 1000 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ `ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ ﻛﯚﭺ` ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ، 1960 - ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺮﺍﮔﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ، ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ ﺋﺎﺳﯘﻣﺎﻥ ﮔﯜﺯﻩﻟﭽﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.
RFA Photo / Erkin Tarim
مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇسابىقىگە تۈركىيە، ئەزەربەيجان، بالقانلار، باشقۇرىستان، ئۇيغۇر دىيارى، مولدوۋيانىڭ گاگاۋۇز يېرى، ئىراق، ئىران، ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان بولۇپ، پەقەتلا تۈركىيىدىن 415 كىشى ھېكايىسى بىلەن قاتناشقان.

تۈركىيىدە تونۇلغان يازغۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان باھالاش ھەيئىتى تەرىپىدىن ھېكايىلار باھالىنىپ چىقىلغان بولۇپ، تۈركىيىدىن ئاسۇمان گۈزەلچە خانىمنىڭ `سەسسىز گۆچ`، يەنى `جىمجىت كۆچ` ماۋزۇلۇق ھېكايىسى بىرىنچى بولۇپ باھالانغان. سەيفى شىرىننىڭ `ھەييامنىڭ مېھمانلىرى` ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئىككىنچى، مەھمەت ئۇيار ئەپەندىنىڭ `سىمۇرگا دوگرۇ` ناملىق ھېكايىسى ئۈچىنچى بولغان. تۈرك دۇنياسىدىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، ئەزەربەيجاندىن زاكىر ساداتلى، باشقۇردىستاندىن گۈلسىرە گىززەتۇلىنا، ئىراقتىن كېمال باياتلى، ئىرانلىق تۈركمەنلەردىن بەردى سالۇر، قازاقىستاندىن ئومىرجان ئابدىھالىققۇلى، قىرىمدىن سەيران سۇلايمان، قىرغىزىستاندىن ئەلمىرا ئاجىكانوۋا، ئۆزبېكىستاندىن نازار ئەسەنقۇل، ئۇيغۇر دىيارىدىن ئابلىكىم زوردۇن قاتارلىقلارنىڭ ھېكايىسى ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن.

بۇلارنىڭ مۇكاپاتلىرى 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تۈرك ئوجاقلىرى زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا تۈركىيە ساياھەت ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرتۇغرۇل گۈناي تەرىپىدىن تەقدىم قىلىندى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كىشىلەردىن ئۆزبېكىستانلىق نازار ئەسەنقۇل بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىن ئابلىكىم زوردۇن مۇكاپاتىنى ئالغىلى كېلەلمىگەن. ئۇلارنىڭ مۇكاپاتىنى ئۇلارغا ۋاكالىتەن باشقا كىشىلەر ئالدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا ياۋرو - ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى باشلىقى ياقۇپ دېلىۆمەروغلى، تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرتۇغرۇل گۈناي قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلدى. مىنىستىر سۆزىنى مۇنداق باشلىدى: " بۇ يىل بىزنىڭ مەدەنىيەت دۇنيامىزدىن بىر بۈيۈك زاتىمىزنىڭ يەنى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقىنى قۇتلۇقلاۋاتىمىز. مەھمۇت قەشقىرى ئۆمرىنىڭ بۈيۈك بىر قىسمىنى بۇ ئىشقا ئاتاپ تۈرك دۇنياسىنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىنى ئايلىنىپ بۇ بۈيۈك ئەسەرنى يازغان ئىكەن. بۈگۈن تۈركىي تىللار دىۋانى بىز پەخىرلىنىدىغان، دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىغا قوشقان ئەڭ چوڭ تۆھپىمىز. بىز تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ يىل تۈركمەنىستاندا، قازاقىستاندا، قىرغىزىستاندا ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا خەلقئارالىق مەھمۇت قەشقىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىردۇق. دۆلىتىمىزدە ھاججەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردۇق. بۈگۈن خەلقئارالىق مەھمۇت قەشقىرى ھېكايە مۇسابىقىسىدە دەرىجىگە كىرگەنلەرگە مۇكاپاتىنى تارقىتىپ ئولتۇرۇپتىمىز. بۇلارنى قىلىشتىكى مەقسىدىمىز، ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشتىن ئىبارەت. بىزنىڭ تارىخى ئاسارە - ئەتىقىلىرىمىز پەقەتلا تۈركىيە زېمىنىدا ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەۋجۇتتۇر. بىز بۇلارنى تۈرك دۇنياسىغا ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز. مەن سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ھەممەيلەنگە ھۆرمەتلىرىمنى بىلدۈرىمەن."
 
خەلقئارالىق مەھمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن ئاسۇمان گۈزەلچە خانىمنىڭ `سەسسىز گۆچ` يەنى `جىمجىت كۆچ` ناملىق ھېكايىسىدە 1960 - يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىپ تۈركىيىگە كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تراگېدىيىسى ئاڭلىتىلغان. مۇكاپات مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ ھېكايىنىڭ ئاپتورى ئاسۇمان گۈزەلچە خانىمغا مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

ئاسۇمان گۈزەلچە خانىم مۇنداق دېدى: "مەن ئۈچۈن مەنىلىك بىر مۇسابىقە ئىدى. بۇنداق بىر مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزەمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىۋاتىمەن. ھېكايەمدە شەرقىي تۈركىستانلىق بىر ئايالنىڭ ئافغانىستان ئارقىلىق تۈركىيىگە كۆچۈش جەريانىدىكى سەرگۈزەشتىلىرىنى ئاڭلاتتىم. بۇ راس بولغان بىر ۋەقە. بۇ ھېكايىنىڭ قەھرىمانى تۈركىيىنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ياشىماقتا. مەن بۇ ئايال بىلەن 20 يىل بۇرۇن تونۇشقان ئىدىم. شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر خانىملارنىڭ قانچىلىك مەدەنىي ۋە نازۇك ئىكەنلىكىنى بۇ ئايالدىن كۆردۈم. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايالنىڭ ھاياتىنى يېزىشقا باشلىدىم. شەرقىي تۈركىستانلىق ئاياللارنىڭ ھاياتىنى ئاڭلاتقان يەنە بىر ھېكايەم بۇرسادا ئۆتكۈزۈلگەن ھېكايە مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى بولغان ئىدى. مەنچە مېنىڭ بۇ ھېكايىلىرىم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تراگېدىيىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم."

ئاسۇمان گۇزەلچە خانىم ئىستانبۇلدا بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە رەسىم ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ھازىرغىچە نۇرغۇن ھېكايىسى نەشر قىلىنغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بىردىن ‏ - بىر ئارزۇسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى كۆرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.