'بۈيۈك ئالىم مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئېنسىكلوپېدىيىسى' ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى

"بۈيۈك ئالىم مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئېنسىكلوپېدىيىسى" دېگەن كىتاب ئۆتەكېن نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى. بۇ كىتاب تۈركىيىنىڭ گازى ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ‏ - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر فۇزۇلى بايات ئەپەندى تەرىپىدىن تۈرك تىلىدا يېزىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
2009-01-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﮔﺎﺯﻯ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺗﯩﻞ ‏ - ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﻓﯘﺯﯗﻟﻰ ﺑﺎﻳﺎﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ، "ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﮔﺎﺯﻯ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺗﯩﻞ ‏ - ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﻓﯘﺯﯗﻟﻰ ﺑﺎﻳﺎﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ، "ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Arslan

كىتابنىڭ ئاساسى مەزمۇنى " تۈركىي تىللار دىۋانى" دېگەن قىممەتلىك كىتاب ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەتقىقاتلار ۋە كىتابنىڭ مۇئەللىپى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ھايات كەچمىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

كىتابتا يەنە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەھمۇت قەشقىرى ياشىغان دەۋىردىكى بىر قىسىم تارىخلار ۋە ئۇ كىتابنىڭ قاچان،نېمە مەقسەتتە، قانداق دەۋىردە يېزىلغانلىقى ھەققىدىمۇ توختالغان.

بۇ كىتاب 10 بۆلۈمىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، مەھمۇت قەشقىرىنىڭ دەۋرىدە تۈرك دۇنياسىنىڭ سىياسى ۋەزىيىتى، مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ھاياتى ۋە ئەدەبىي ئالاھىدىلىكلىرى، تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ يېزىلىش سەۋەبلىرى، تارىخىي، بېسىلىشى، سۆز سانى، تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى بەزى گىرامماتىكىلار ھەققىدە، تۈرك تارىخىي ساھەسىدە تۈركىي سىستېمىدىكى مىللەتلەر، تۈركولوگىيە بىلىمى، مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۈركچىلىك قاراشلىرى، تۈركىي تىللار دىۋانىدا فولكلور ئىلمىنىڭ نەزەرىيە مەسىلىلىرى ھەققىدە، تۈركىي تىللار دىۋانىدا قەدىمقى تۈرك ئېتىقادلىرى ۋە شامان دىنىنىڭ قالدۇقلىرى، شۇنداقلا مۇئەللىپنىڭ، كۆك تەڭرىسى دىنى ھەققىدىكى قاراشلىرى دېگەنگە ئوخشاش تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ئاپتور بۇ كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىنى مۇنداق باشلىغان: "بۇ خىزمىتىمنى، تۈرك مىللىتىنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىشكە، تۈرك تىلىنى قوغداشقا ۋە تۈرك تىلىنى باشقىلارغا ئۆگىتىشنى مەقسەت قىلغان، تىل بىرلىكىنىڭ پىكىر، چۈشەنچە بىرلىكى ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىپ يەتكەن، ۋە تىل بىرلىكىنىڭ، مىللەتنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئۆگەتكەن بۈيۈك ئالىم مەھمۇت قەشقىرىنىڭ مەنىۋى ھۇزۇرىدا بىر بۇرچۇم دەپ بىلىمەن، تۈركىي تىللار دىۋانى دېگەن كىتاب بىلەن مەشھۇر بولغان، تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى تەبرىكلەنگەن مەھمۇت قەشقىرى 1000 يىلدىن كېيىن يەنە تەبرىكلىنىدۇ، خاتىرىلىنىدۇ، تەتقىق قىلىنىدۇ، يېڭىدىن كەشىپ قىلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ پەقەت تۈرك مىللىتىنى مەشھۇر قىلىپلا قالماي بەلكى تۈرك مىللىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى، ئايلىنىپ يۈرۈپ پەقەت ئۇچۇر توپلاش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي بەلكى توپلىغان ئۇچۇرلىرىنى ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇردى. تارىختا تۈرك مىللىتى ئۈچۈن ھېچ كىم مەھمۇت قەشقىرىگە ئوخشاش ھەر ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىلىم بۇلۇقى بېرەلمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئەبەدىي تۈركولوگىيە بىلىمىنىڭ ئاتىسى بولۇپ قالىدۇ."

ئاپتور كىتابىدا، مەھمۇت قەشقىرى ياشىغان دەۋر ھەققىدە توختىلىپ، مەھمۇت قەشقىرى ياشىغان دەۋەر ۋە تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ يېزىلىشى، ئۇيغۇر خاقانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن تۈركلەرنىڭ قەدىمى يۇرتى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىچ قىسىملىرىغا كۆچۈپ يەرلىشىش ۋە تۈرك ‏ - ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش دەۋرىگە توغرا كەلگەنلىكى. تۈنجى بولۇپ 912 ‏ - يىلى تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدە قۇرۇلغان قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ داۋامى ھېسابلانغان قارلۇق، باسمىل، چىگىل قاتارلىق تۈركىي سىستېمىدىكى مىللەتلەر بالاساغۇننى مەركەز قىلىپ قۇرغان دۆلەتنىڭ دەۋرىگە توغرا كەلگەنلىكىنى. مەھمۇت قەشقىرى قاراخانىيلار تۈرك ‏ - ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىككىگە ئايرىلغان مەزگىلىدە ياشىغانلىقىنى. قاراخانىيلار تۈرك ‏ - ئىسلام دۆلىتى 1046 ‏ - يىلى ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، سەمەرقەنتنى پايتەخت قىلغان غەربىي قاراخانىيلار دۆلىتى ماۋارائۇننەھر، قوقەنت، پەرغانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئىلگىرىكى پايتەختى بالاساغۇن بولغان شەرقىي قاراخانىيلار دۆلىتى بولسا، كېيىن قەشقەرنى پايتەخت قىلغان بولۇپ، تالاس، ئىسفجاپ، شاش، يەركەنت ۋە خوتەن رايونلىرىغا ھۆكۈمدارلىق قىلغان. شەرقىي قاراخانىيلار دۆلىتى سۇلايمان ئارسلانخانغا قارشى ئىنىسى مۇھەممەد قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە مەھمۇت قەشقىرى، قەشقەردىن ئايرىلغانلىقىنى يازغان.

ئاپتور بۇ كىتابىدا يەنە "تۈركىي تىللار دىۋانى" نىڭ يېزىلىش سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مەھمۇت قەشقىرى ياشىغان دەۋىردە ئىسلام دۇنياسىنىڭ چوڭ بىر قىسمىنىڭ ھاكىمىيىتىگە تۈرك مۇسۇلمانلىرى ھۆكۈمدارلىق قىلغانلىقىنى، مەھمۇت قەشقىرى تۈركىي تىللار دىۋانىنى، تۈركلەرنى تۈركلەرگە ياخشى كۆرسىتىش، تۈرك مىللىتى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئەرەب تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرگە ئۆگىتىش ۋە تونۇتۇش مەقسىتىدە يېزىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كىتابتا يەنە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ قەشقەردە تۇغۇلغانلىقى ۋە قەشقەردە ئېلىم تەھسىل قىلغانلىقى، قەبرىسىنىڭ ھازىر قەشقەرنىڭ ئوپالدا ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ھاياتى ھەققىدە شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئالىملار خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ھەر خىل رىۋايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلمىي ماقالىلار يازغانلىقى. بۇ ماقالىلار مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ھاياتىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى يېزىلغان.

ئاپتور كىتابىدا يەنە "تۈركىي تىللار دىۋانى" نىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى بىلىنمىگەن بولسىمۇ، سۈرىيىلىك مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇ بەكرى دېگەن كىشى تەرىپىدىن 1266 ‏ - يىلى كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بۇ نۇسخىنىڭ ئىستانبۇل فاتىھ رايونىدىكى مىللەت كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ نۇسخا كىلىسلى رىفەت مۇئەللىمنىڭ تۈزىتىشى ۋە تەرتىپكە سېلىشى بىلەن 1915 ‏ - يىلى 3 جىلىد شەكىلدە باستۇرۇلۇپ، ئۇ كىتابنىڭ يوقاپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قالغانلىقى، 1941 ‏ - يىلى تۈرك تىل تەتقىقات ئىدارىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغانلىقى، كېيىن 1990 ‏ - يىلى تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن قايتا باستۇرۇلۇپ كەڭ تۈردە تارقىتىلغانلىقى يېزىلغان.
 
ئاپتور كىتابىدا، مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى "ئۇيغۇر تات" دەپ ئاتىغانلىقى بۇنىڭ سەۋەبى بولسا تارىختا، تۈركىي سىستېمىدىكى مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئەڭ بالدۇر تەرەققىي قىلغان شۇنداقلا كۆچمەنلىكتىن، مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ ياشاش ھالغا ئۆتكەنلىكى ۋە يەر تېرىش ۋە تىجارەت قىلىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

"بۈيۈك ئالىم مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئېنسىكلوپېدىيىسى" دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى يازغۇچى، پروفېسسور دوكتۇر فۇزۇل بايات ئەپەندى 1958 ‏ - يىلى ئەزەربەيجاندا دۇنياغا كەلگەن، 1984 ‏ - يىلى ئەزەربەيجان چەتئەل تىللىرى ئىنستىتۇتى فرانسۇز، ئىنگلىز تىلى بۆلۈمىدىن يۇقىرى دەرىجىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن، ئۇ بىر قانچە كىتاب ۋە ماقالە ئېلان قىلغان، ئۇ 1995 ‏ - يىلدىن بىرى ئەزەربەيجان يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولغان، يازغۇچى فۇزۇل بايات ئەپەندىنىڭ قەدىمقى تۈركلەر تارىخى، قەدىمقى تۈرلەردە پۇل بەلگىسى قاتارلىق 17 پارچە كىتاب ۋە يۈزدىن ئارتۇق ماقالىسى بولۇپ كىتاب ۋە ماقالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە تارىختا ئۆتكەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر خاقانلىقى ھەققىدە توختالغان.

پروفېسسور دوكتۇر فۇزۇل بايات ئەپەندى 1999 ‏ - يىلدىن بىرى تۈركىيە گازىئانتېپ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل ‏ - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.
 

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت