خىتايدا تەبىئى ئاپەتنى تىلغا ئالغانلىق "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغانلىق" بولىۋىرەمدۇ؟


2005.09.28

كۆزىتىش ژورنىلىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئىدارىسى بىلەن خەلق ئىشلىرى مىنىسىتىرلىقى 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى بېيجىڭدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ " پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايونلاردا يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتتە كېلىپ چىققان ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى "دۆلەت مەخپىيەتلىكى" دەپ قاراش 2005 - يىلى 8 - ئايدىن باشلاپ بىكار قىلىندى" دەپ جاكارلىغان. بۇ خىتايدا تارىختىن بۇيان ھۆكۈمەت ئۆزى مەيدانغا چىقىپ "مەخپىيەتلىك" دېگەن مەسىلە توغرىسىدا تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان ئوچۇق بايانات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كۆزىتىش ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان "تەبىئىي ئاپەتتە ئۆلگەن ئادەم توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكى" دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى نېمىگە ئاساسەن تەبىئىي ئاپەتنى تىلغان ئالغانلىقنىمۇ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارا قىلغانلىق جىنايىتى دەپ كىشىلەرنى جازالاپ كەلگەنلىكىنىڭ ئېنىق قانۇن ئاساسىنى ۋە ئۇنىڭ تەپسىلى ماددىلىرىنى ھېچكىم دەپ بېرەلمەيتتى.

دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغانلار ئېغىر جازالانغان

خىتايدا "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى" سادىر قىلغان دەپ ئاتالغان كىشى چوقۇم خائىن ، ساتقىن، ئاسىي دەپ سىياسىي مۇئامىلە قىلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنىپ كەلمەكتە. ئەمما "دۆلەت مەخپىيەتلىكى" دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى خەلقنىڭ ئېڭىدا يىللاردىن بۇيان بىر مۇجمەل ئۇقۇم . خىتاي دائىرىلىرى تېخى يېقىندىلا "تەبىئىي ئاپەتتە ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرى توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى قىلىۋېلىش بىكار قىلىندى" دەپ جاكارلىمىغان بولسا، بۇرۇن ھۆكۈمەتنىڭ "دۆلەت مەخپىيەتلىكى" دېگىنىنىڭ مەزمۇنىنى، ھەتتا تەبىئىي ئاپەتنىمۇ دۆلەت مەخپىيەتلىكى قىلىۋالغانلىقىنى خەلق بىلمەيتتى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ باياناتىدىن كېيىنمۇ يەنە، چېن شاڭ ئىسىملىك بىر مۇخبىرنى "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى سادىر قىلدى" دەپ قولغا ئالدى.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا 1989 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغان "جوڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇنى" )مەخپىيەتلىك قانۇنى( 1988 - يىلى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى 7 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 – ئومۇمى يىغىنىدا ماقۇللانغان.

بۇ قانۇننىڭ 8 - ماددىسىدا "دۆلەت مەخپىيەتلىكى" دېگەن (1) دۆلەت ئىشلىرى بويىچە چىقىرىلغان چوڭ قارارلارغا دائىر مەخپىي ئىشلار؛ (2) دۆلەت مۇداپىئە ۋە قوراللىق كۈچلەر پائالىيىتىگە دائىر مەخپىي ئىشلار؛ (3) دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىگە دائىر مەخپىي ئىشلار ۋە دۆلەت ئۈستىگە ئالغان مەخپىي مەجبۇرىيەتلەر؛ )(4) خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا دائىر مەخپىي ئىشلار؛ (5) دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ۋە جىنايى جاۋاپكارلىقلارنى سۈرۈشتۈرۈشكە دائىر مەخپىي ئىشلار؛ (7) يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىك ئورگانلىرى بەلگىلىگەن ساقلاشقا تېگىشلىك مەخپىيەتلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

ھەر دەرىجىلىك مەخپىيەتلىكلەر

گەرچە بۇ جۈملىلەردە ئېيتىلغان "مەخپىيەتلىكلەر" دېگەن سۆزنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى بولمىسىمۇ، "مەخپىيەتلىك قانۇنى" نىڭ 9 - ماددىسىدا يەنە " دۆلەت مەخپىيەتلىكى" دېگەن "قەتئى مەخپىي"، "ئورگان مەخپىيەتلىكى"، "مەخپىي" دەپ 3 دەرىجىگە ئايرىلغان. بۇلارنىڭ جىنايىي جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش دەرىجىسى ئوخشىمايدىكەن. بۇرۇن خەلق پەقەت "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىدى" دەپ جازالانغانلىقىنىلا بىلىدۇ، ئەمما مۇشۇ قانۇن ماددىلىرىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى خەلق ئاڭلىمىغان. بەلكى "مەخپىيەتلىك" دېگەننىڭمۇ تەبىرى كونكرېت ئەمەس. ھەتتا تەبىئىي ئاپەتنى تىلغا ئالغاننىمۇ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىدى دەپ خەلقنى جازالايدىغان دۆلەت ، پۈتۈن دۇنيادا پەقەت خىتاي بىلەن شىمالىي كورىيەدىنلا ئىبارەت.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا خەلققە ئوچۇق ئاشكارا ئېلان قىلىنمىغان بۇ "مەخپىيەتلىك قانۇنى" نىڭ نامەلۇم ماددىلىرى بويىچە جازالاشقا ئۇچراپ ئېغىر ئازاپ چەككەن خەلق ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن : 1975 - يىلى خېنەن ئۆلكىسىدە 60 جايدا سۇ ئامبىرى تېشىپ كېتىپ پەيدا بولغان كەلكۈندە ئۆلگەن ئادەم سانىنى تۈمەن خانە بىلەن ھېسابلاشقا توغرا كەلسىمۇ، ئەمما بۇنى تىلغا ئالغان ياكى سۈرۈشتۈرگەن كىشىنىڭ ھەممىسى "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشقا ئۇرۇنغان" دەپ جازالىنىپ كەلدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش، خەلق كوممۇنىسى دېگەن سىياسىي ھەرىكەتلىرى پەيدا قىلغان ئاچارچىلىقتا ئۆلۈپ كەتكەن ئون مىليونلىغان خەلقنى سۈرۈشتۈرۈشنىمۇ "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشقا ئۇرۇنغان" دەپ جازالاپ كەلدى. جازالانغان بىگۇنا خەلقنىڭ ھەممىسى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى يۈرگۈزگەن خاتا سىياسەتلەرنى يۈشۈرۈشنىڭ قۇربانى بولدى. ئەمما 1998 - يىلىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت باشلىقىنى ماختاش ئۈچۈن " 1954 - يىلى كەلكۈندە ئۆلگەن ئادەم سانى 33 مىڭ ئىدى، بۇيىل كەلكۈندە ئۆلگەن ئادەم سانى ئاران 1320" دەپ بۇنداق سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆزى ئېلان قىلدى.

كۆزىتىش ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان " تەبىئىي ئاپەتتە ئۆلگەن ئادەم توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكى" دېگەن ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ تەكىتلەنگەن: ھازىرقى دۇنيا ئۇچۇرتورلىرى ھەممە جايغا يېيىلغان دۇنيا. تەبىئىي ئاپەت ئەمەس، ھەر قانداق بىر ۋەقەنى يوشۇرۇش، تېخنىكا جەھەتتىن ئېيتقاندا مۇمكىن ئەمەس. ئاسماندا سۈنئىي ھەمراھ كۆز تىكىپ ئايلىنىپ يۈرىدۇ، يەر يۈزىدە ئۇچۇر تورلىرى ھەممە بۇلۇڭ - پۇچقاقلارغىچە يېيىلىپ بولغان. ئۆز يېنىدا يۈز بەرگەن "مەخپىي" ۋەقەنى پۈتۈن دۇنياغا ئۇقتۇرۇشقا باتۇرلۇق قىلىدىغان پۇقرالار ناھايىتى كۆپ. خىتاي ھۆكۈمىتى 2005 - يىلىدا " سىرتتىن كەلگەن گېزىت، تېلېۋىزىيە، رادىئو مۇخبىرلىرىنىڭ تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەن جايلارغا بېرىشى چەكلىنىدۇ، بۇنداق خەۋەرلەرنىڭ چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنىشى مەنئىي قىلىنىدۇ" دەپ بەلگىلىمە چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇچۇرلار ھامان سىرتقا ئاشكارىلىنىپ تۇرماقتا. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.