خىتاينىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى دېگەن سىياسىتى خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىدىغان سىياسەت
2007.06.14
باش ئورگىنى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولغان كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى يېقىندا، خىتاينىڭ 'دۆلەت مەخپىيەتلىكى' دېگەن سىياسەتلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'دۆلەت مەخپىيەتلىكى' دېگەن نام ئاستىدا خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى توپلاشتا كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى تەن جىنچاڭ خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 'دۆلەت مەخپىيەتلىكى' دېگەن سىياسەتلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ خەلقئارادىمۇ يامان تەسىر پەيدا قىلدى.
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى، جىنايى ئىشلار قانۇنى ، دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى، مەمۇرى ئەرز- شىكايەت قانۇنى قاتارلىق قانۇنلىرىنى ۋە جەمئىيەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆزىتىش، تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ دوكلاتنى تەييارلاپ چىققان.
خىتايدا يۈز بەرگەن ھەر قانداق ۋەقەنىڭ مەزمۇنى 'دۆلەت مەخپىيەتلىكى' دائىرىسىگە كىرگۈزىۋىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بۇ ھەقىتكى ئۇچۇرلارنى توپلاشتا ناھايىتى كۆپ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'دۆلەت مەخپىيەتلىكى' دېگەن سىياسەتلىرىنىڭ سىرىنى ئاچىدىغان بۇ دوكلات ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىم ئېلان قىلغان چوڭ ھەجىملىك دوكلاتى 3 قىسىمغا بۆلۈنگەن، ئۇنىڭ ھەجمى ئىككى يۈز بەتتىن ئاشىدۇ. 1 - قىسىمدا، خىتايدا بىر تەرەپ قىلىنغان مەخسۇس دېلولار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'دۆلەت مەخپىيەتلىكى' دېگەن سىياسەتنى قوللىنىپ خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا بىۋاستە تاجاۋۇز قىلغان ئەمەلىيىتى بايقالغانلىقى؛ 2 - قىسىمدا، خەلقنىڭ ئىجتىمائىي ھادىسىلەر ھەققىدىكى ئىنكاس- تەكلىپلىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش چارىلىرىنى كۆزىتىش، تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىدىكى خىيانەتچىلىك-چىرىكلىك، مۇھىت ئاسراش، ئاممىۋىي تازىلىق، ھەرخىل كېسەللىكلەر، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىش قاتارلىق جەمىيەتتە كۆزگە ئاشكارا كۆرۈنۈپ تۇرغان مەسىلىلەرمۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن 'دۆلەت مەخپىيەتلىكى' دائىرىسىگە كىرگۈزىۋىلىنىپ، خەلقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلىگەنلىكىنىڭ ئەمەلىيىتى بايقالغانلىقى؛ 3 - قىسىمدا بولسا، جەمئىيەتتە يۈز بەرگەن دىنىي تەشكىلات ۋە ئۇلارنىڭ خەلقئارادىكى ئۆزى بىلەن ئوخشاش تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى، ئىشچىلا ئۇيۇشمىلىرى ۋە ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلاش ۋەقەلىرى، جىنايى ئىشلار جىنايەتلىرى، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت سادىر قىلىشى، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىغا ئەۋەتىلگەن كىشىلەر، ساقچى ئورگانلىرىدا تۇتۇپ قويۇلغان كىشىلەر، نورمال ياكى غەيرىي نورمال ئۆلۈم-يېتىم، ھەتتا ئەخلەتلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار، خەلقنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكلىپ -تەلەپلىرى ۋە ئۇنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىنى كۆزىتىش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ مەزمۇنلارنىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى 'دۆلەت مەخپىيەتلىكى' دېگەن دائىرىگە كىرگۈزۈۋىلىپ، خەلققە ھەرخىل بەتنام توقۇپ، قاتتىق زەربە بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئەمەلىيىتى بايقالغانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
خىتاينىڭ دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى تارقاتقان ھۆججەتلەر ئۈچ خىل مەخپىي دەرىجىگە ئايرىلىدۇ
--- خىتاينىڭ دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى، دىنى ئىشلار ئىدارىسى 1995 - يىلىدىن بۇيان تارقاتقان ھەرخىل مەخپىي ھۆججەتلەر ئاساسەن ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، --- دەپ بايان قىلىدۇ بىزنىڭ كونكرېت سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن تەن جىنچاڭ خانىم. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ بىر خىلى 'قەتئىي مەخپى'، ئىككىنچى خىلى' ئورگان مەخپىيەتلىكى'، ئۈچىنچى خىلى 'كاتىبات مەخپىيەتلىكى' دېگەن دەرىجىلەرگە ئايرىلغان. ھەتتا 'ئىچكىي قىسىمدىلا تارقىتىلىدۇ' دەيدىغان يەنە بىر خىل مەخپىي ھۆججەتلەرمۇ بار.
ئومۇمەن خىتايدا، دۆلەت بىلەن ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدا پەيدا بولغان ئىختىلاپ، توقۇنۇشلار ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش چارە - تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسى 'دۆلەت مەخپىيەتلىكى' دائىرىسىدە. بۇنىڭ ئىچىدە 'مىللىي بۆلگۈنچىلىك' دەپ ئاتالغان ۋەقەلەر، ئاز سانلىق مىللەتلەر پەيدا قىلغان جەمئىيەت ئامانلىقىغا دائىر ۋەقەلەر ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسى 'قەتئىي مەخپى' دېگەن دائىرىدە.
ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى كىچىك ماجىرالار ، خوڭكوڭ، تەيۋەن، ماكاۋلىقلار ۋە چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئىنكاس، تەكلىپلىرى ۋە بۇنى بىر تەرەپ قىلىش چارىلىرىنىڭ ھەممىسى 'ئورگان مەخپىيەتلىكى' دېگەن دائىرىدە.
ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'دۆلەت مەخپىيەتلىكى' دېگەن سىياسىتىنىڭ ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان مىللەتلەرنىڭ بىرى
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، ب د ت ۋەكىلىنىڭ شىنجاڭ تۈرمىلىرىدە قېيىن-قىستاققا ئېلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن ئۇچۇرلار ۋە پەقەت ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقى ياكى ئەركىن پىكىرلىك ئەسەر ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈنلا تۈرمىگە ئېلىنغان توختى مۇزات قاتارلىق كىشىلەرنىڭ دېلولىرى ۋە ئەركىن پىكىر بايان قىلغانلىقى ئۈچۈنلا جازالانغان رابىيە قادىر دېلوسى قاتارلىق دېلولار ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'دۆلەت مەخپىيەتلىكى' دېگەن سىياسىەتلىرىنىڭ ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان مىللەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە 'دۆلەت مەخپىيەتلىكى ' دېگەن بۇنداق سىياسەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە سوغۇققانلىق بىلەن سەمىمىي تەكلىپ بېرىلگەن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقارماقچى بولىۋاتىدۇ
- خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلماقتا
- جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا -ئانىسى بېسىم ئاستىدا ئەرزىنى قايتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر بولدى
- خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقى ئالى سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى
- خىتاي بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى "قانۇن دۆلىتى دىئالوگى" (2)
- خىتاي بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى "قانۇن دۆلىتى دىئالوگى" (1)
- خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى ئۇيغۇرلارنى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە مەجبۇرلىماقتا
- خىتايدا تەبىئى ئاپەتنى تىلغا ئالغانلىق "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغانلىق" بولىۋىرەمدۇ؟
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى ئېيتقاندەك تەبىئىي ئەپەتلەردىكى ئۆلۈم – يېتىم سانىنى ئېلان قىلامدۇ؟
- خىتاينىڭ قانۇن سىستېمىسى ئىشلەمدۇ؟
- شاڭخەيدىكى ئەدىلىيە ئورگانلىرى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى گو گوتىڭغا تەھدىد سالدى
- خىتاينىڭ "بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى" تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى