بەزى دۆلەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى جەنۋەدە ئېچىلىۋاتىدۇ. يىغىنىدا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى مەسىلىسى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىنغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.03.14
july5-urumqi-herbiy-305.jpg ئۈرۈمچى كوچىلىرىدىكى ھەربىيلەر. 2010-يىلى 5-ئىيۇل.
AFP

يىغىندا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان. بىراق خىتاي ۋەكىلى بۇ خىل تەنقىدنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 13 ۋە 14-مارت كۈنلىرىدىكى يىغىنىدا مەخسۇس ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى مەسىلىسى بەس مۇنازىرە قىلىنغان.

يىغىندا بەزى تەشكىلات ۋە دۆلەتلەر خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە ئۇنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.

د ئۇ ق نىڭ ۋەكىلى يانا براندىت خانىم چارشەنبە كۈنى ئىتالىيە «دۆلەت ھالقىغان رادىكال پارتىيىسى» گە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا دىنىي باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رايونغا ئادەم ئەۋەتىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

يانا براندىت خانىم يىغىندا قىلغان سۆزىدە ئەسكەرتىپ: ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئۇيغۇرلار ياشايدىغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتايدىكى دىن داۋاملىق ئەڭ قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتقان رايون. ئۆتكەن يىلى دىنغا قارىتىلغان چەكلىمە جىددىي كۈچەيدى. زوراۋانلىققا قارشى رادىكال پارتىيىسى بۇ تەرەققىياتتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان بەزى چەكلىمىلەرنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشنى لايىق كۆرىدۇ. ئاياللارنىڭ ياغلىق ئارتىشى، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشىنى چەكلەش تەدبىرى «قالاقلىق، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» دەپ قارىلىپ، داۋاملىق قارشى تۇرۇش ئوبيېكتى قىلىنغان. ئۇيغۇر ئايال دىنىي زاتلىرىدىن بۈۋىلەرگە قارشى تۇرۇش كۈچەيتىلگەن. دىنىي ئەسەرلەر دائىملىق چەكلەش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ، قۇرئان قاتارلىق 10 مىڭدىن ئارتۇق دىنىي ماتېرىيال قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقات ئەپكارى قاتارىدا كۆيدۈرۈلگەن، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ، دىنىي زاتلارغا تەھدىت سېلىش، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، تۈرمىدىكى قاماق جازاسى توشقان دىنىي زاتلارنىڭ قويۇپ بېرىلمەي، نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن قاماق جازاسى ئۇزارتىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ 1990-يىلى 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ھازىرغا قەدەر قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

شۇ كۈنى يەنە، فرانسىيىنى بازا قىلغان «ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ۋە خەلقلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق» تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئايال ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ، ئۇيغۇرلارغا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ خىتايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بىز بۈگۈن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللىتىنىڭ مەسىلىسىنى مۇستەقىل تەكشۈرگۈچى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇنۇشنى لايىق كۆردۇق. خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاپتونومىيە قانۇنىدا ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، مائارىپ تەربىيىسى كۆرۈشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا مائارىپ تەربىيىسى كۆرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتىن باش تارتىش ئەھۋالى كىشىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدۇ. شۇنداقلا يەنە دۆلەت يولغا قويغان ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشكە ئاساسەن ئۇيغۇر ئاياللىرى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكە شەھەرلىرىدىكى كارخانىلاردا ئىشلەشكە مەجبۇرى يوللانماقتا. ھۆكۈمەت ئالايىتەن ئۇيغۇر رايونىدىن توي قىلىش يېشىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى، ياش قىزلارنى قوبۇل قىلماقتا. مىڭلىغان ئۇيغۇر ئايال-قىزلىرى ئۆز جامائىتى ۋە ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، كەمسىتىش خاراكتېرلىك ۋە ئىنتايىن ناچار ئەمگەك شارائىتتا، جۈملىدىن جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ناتوغرا مۇئامىلە ئاستىدا ئىشلەشكە مەجبۇرلانماقتا. ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرى يۆتكەش بىلەن بىرگە، خەنزۇلارنى شىنجاڭغا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى خىتاي ھۆكۈمىتى قويغان كەڭ كۆلەملىك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسىدۇر.

بىراق يىغىندا خىتاي ۋەكىلى، فرانسىيە «ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ۋە خەلقلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق» تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى تەنقىدىنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاقلىدى.

خىتاي ۋەكىلى: جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ تەشكىلاتنىڭ بايان قىلغان سۆزلىرىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىرى ئەمەلىيەتكە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن ئەمەس. جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاۋاتىدۇ. شۇنداقلا بىز يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداشقا، گەۋدىلەندۈرۈشكە ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىمىز. بىز ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى گۈللەندۈرۈش سىياسىتى تۈزۈپ، ئۇنى مۇكەممەللەشتۈردى. مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، قۇتقۇزۇش، يىغىش ۋە رەتلەش خىزمىتىنى ياخشى ئېلىپ باردى. شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ئۈزلۈكسىز گۈللەنمەكتە. جۇڭگو يەنە ئاياللار بالىلا ھوقۇقىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. بالىلار-ئاياللار ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتكە قارشى تۇرىدۇ، دېگەن.

جەنۋەدىكى بۇ يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر پىكىر بىلدۈرۈپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان.

ئامېرىكا ۋەكىلى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىدلەپ ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت سىياسىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىرىپ، «خىتاي قولغا ئېلىش، كىشىلەرگە جىنايەتچى مۇئامىلىسى قىلىش، ئىز دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش، قانۇندىن ھالقىپ تۇتقۇن قىلىش، تورنى كونترول قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ،، ئۆكتىچىلەرنى جىمىقتۇرماقتا، ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا چەكلىمە قويماقتا ۋە دىندارلارنىڭ ئۆز ئېتىقادىغا ئاساسەن ئىبادەت قىلىشىنى چەكلىمەكتە. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇقىنى قوللىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز. بىز يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۇلارنى دەرد ئەلەمگە مۇپتىلا قىلىۋاتقان، مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىۋاتقان سىياسىتىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئۈندەيمىز» دەپ تەكىتلىگەن.

بىراق، يىغىندا خىتاي ۋەكىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا تەرەپنىڭ پىكرىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە «قالايمىقان سۆزلەش» بىلەن ئەيىبلىگەن.

خىتاي ۋەكىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىنىڭ پىكرىگە قارشى سۆز قىلىپ: جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يولسىز تەنقىدىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. ئامېرىكا يېقىنغا قەدەر بەزى ئاساسلىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىنى تەستىقلاشنى رەت قىلىپ كەلدى. ئىراق ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشىدا ئۆلگەن پۇقرالارنى تەكشۈرۈشنى رەت قىلدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ناۋىيى پىللاي خانىم يېقىندا ئامېرىكىنىڭ گۋەنتانامونى تاقاشنى رەت قىلغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى، دېگەن.

بىراق، يىغىندا بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى «قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ئېلىپ بېرىپ، ئۆز كىملىكىنى تىنچ يوللار بىلەن ئىپادىلەشكە ئۇرۇنغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقى، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەھۋالنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

يىغىندا د ئۇ ق ۋەكىلى يانا براندىت خانىم يەنە مۇنداق دېدى: قىسقىسى «رادىكال پارتىيىسى» كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرگۈچى ۋە ئەمەلدارىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يولغا قويغان مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.