تۈركىيە مەتبۇئاتى: بىر مىللەت كۆز يېشى تۆكمەكتە

2007-08-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيە گېزىتىنىڭ 8-ئاينىڭ 20- كۈنىدىكى سانىدا "بىر مىللەت كۆز يېشى تۆكمەكتە" ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىنى تۈركىيە گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى تۇنجاي ئونۇر يازغان بولۇپ، ماقالە مۇنداق باشلىنىدۇ: "بىر ئەيسا يۈسۈف ئەپەندى بار ئىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرى قىيىنچىلىق ئىچىدە ئەسىر شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىدىن قۇتقۇزۇپ، يېڭىدىن ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئىشەنچ ۋە مۇجادىلە بىلەن ئۆتكەن ئىدى. ئۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەسىر ئىنسانلارنىڭ ئاۋازى ۋە ئازادلىق ئۈمىدى بولغان ئىدى. ئاۋازىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىل كۈرەش قىلغان ئىدى. كېيىن ئۆمرى بۇنىڭغا يەتمەي ئالەمدىن ئۆتتى. ھازىر بولسا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ بايراققا ۋارىسلىق قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا."

تۈركىيىدىن ئىككى يېرىم ھەسسە چوڭلۇقتا زېمىنى بار بولغان شەرقىي تۈركىستان

ئاپتور ئوبزورىنى مۇنداق داۋام قىلىدۇ: " 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلدى. رۇسلارنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىدىكى نۇرغۇن تۈرك دۆلەتلىرى ئەركىنلىككە ئېرىشىپ مۇستەقىل بولدى. ئافرىقىدا بىز ئىسمىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان مىللەتلەر مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىپ يېڭى دۆلەتلەرنى قۇردى. ئەمما 1،828،418 كۋادرات كىلومېتىر زېمىنى بولغان، 35 مىليون مۇسۇلمان تۈركىي مىللەت ياشايدىغان، تۈركىيىدىن ئىككى يېرىم ھەسسە چوڭلۇقتا زېمىنى بار بولغان شەرقىي تۈركىستان بولسا مۇستەقىللىققە ئېرىشەلمىدى. قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان ئەركىنلىك ئاسان قولغا كەلمىسىمۇ . لېكىن ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك ئىشقى ھېچ قاچان ئۆچمىگەن."

تۇنجاي ئونۇر ئوبزورىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "شەرقىي تۈركىستان تارىختا تۈركلەرنىڭ بوۋىلىرى ھېسابلىنىدىغان كۆك تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار يەنى ئوغۇز قوۋملىرى ياشىغان ۋە يېتىشكەن تۇپراقلاردۇر. ئۇيغۇرلار بولسا، تارىختا بۇ تۇپراقلاردا كۆچمەن ھاياتتىن شەھەر ھاياتىغا ئۆتكەن تۇنجى تۈركىي خەلقتۇر. ئۇيغۇرلار يېزا ئىگىلىك، مەتبۇئاتچىلىق ۋە توقۇمىچىلىق تەرەققىياتىغا چوڭ تۆھپىلەرنى قوشقان بىر مىللەت. ئۇيغۇرلاردا بىلىم، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا كۆپ تەرەققىي قىلغان. ئۇيغۇر دۆلىتىدىن كېيىن بۇ زېمىندا قۇرۇلغان قاراخانىلار دۆلىتى بولسا تارىختا تۇنجى قېتىم مۇسۇلمانلىقنى قوبۇل قىلغان تۈرك دۆلىتى سۈپىتىدە تارىخ بېتىگە يېزىلغان. مۇسۇلمانلىقنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئابدۇلكېرىم ئىسمىنى ئالغان ساتۇق بۇغراخان بۇ زېمىندىكى پۈتۈن تۈركلەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن تارىختىكى تۇنجى ئىسلام تۈرك دۆلىتى قۇرۇلغان ئىدى. پۈتۈنلەي تۈركىي قوۋملاردىن تەركىپ تاپقان بۇ دۆلەتتە تۇنجى تۈرك مەدەنىيىتى ۋە ئىسلامنىڭ يۇغۇرىلىشىدىن بارلىققا كەلگەن نۇرغۇن تارىخىي ئاسارە -ئەتىقىلەر ياسالغان."

،" تۈركىي تىللار دىۋانى" نى ۋۇجۇتقا چىقارغان خەلىق

تۈركىيە گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى تۇنجاي ئونۇر ماقالىسىنى يەنە مۇنداق داۋام قىلىدۇ: "قاراخانىلار دۆلىتى تۈرك كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈن خاقانىيە تىلىنى رەسمى دۆلەت تىلى قىلىپ ئىشلەتكەن. ئۇيغۇر تۈركچىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ،" تۈركىي تىللار دىۋانى"، "قۇتاتقۇ بىلىگ"، "ئاتابەتۇل ھەقايىق"، "دىۋانى ھېكمەت" قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى يازغان. يەنە بۇ مەزگىلدە تۇنجى پوچتا ئىدارىسى، تۇنجى دوختۇرخانا قۇرۇلغان بولۇپ مەدەنىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ ماڭغان. تۈرك مەدەنىيىتى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈشكە باشلىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل بولغان. قاراخانىلار دۆلىتى مەزگىلىدە تۈركىي مىللەتلەر تارىخ بېتىگە ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يېزىلىدىغان مۇھىم ئىشلارنى يازغان."

"تارىختا ئۆرنىكىنى كۆرگىنىمىزدەك، بىر مىللەتنىڭ دۆلەت تۈزۈمى بىلەن دۆلەت ئاپاراتلىرى ئورتاق ئىشەنچ ،ئورتاق مەقسەت بىلەن ئۇيۇشقاندا بۇنى ھېچقانداق كۈچ توختىتىپ قالالمىغان. ئىتتىپاق بولغان تەقدىردە قولغا كەلتۈرگەن ئەركىنلىك ئاسانلىقچە قولدىن كەتمەيدۇ."

ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى 58 يىللىق ئەھۋالى

تۈركىيە گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى تۇنجاي ئونۇر ئەپەندى ماقالىسىنىڭ 3. بۆلۈمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى 58 يىللىق ئەھۋالى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان شەرقىي تۈركىستان ھازىر كۆز يېشى تۆكمەكتە. 58 يىلدىن بۇيان خىتايلارنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا بىچارە بىر شەكىلدە ياشاۋاتقان 35 مىليون ئۇيغۇر خەلقى بىر يېرىم مىليارد خىتاينىڭ يۈرىكىگە سانجىلغان خەنجەردەك تۇرماقتا. ئافرىقىدا خرىستىيانلاشتۇرۇلغان ياۋايى ئادەملەرگىمۇ ياردەم قىلغان ۋە مۇستەقىللىقىنى بەرگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستاندىكى پەرياد قىلىۋاتقان خەلقنىڭ ئاۋازىنى تۇيمايۋاتىدۇ. بۈگۈنگىچە مىليونلارچە ئۇيغۇر قەتلى قىلىنغان شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن سۇنداي ئەخپرەسس گېزىتى 1966-يىلىغىچە ماۋنىڭ بېسىمى ئاستىدا 1949-يىلىدىن 1952-يىلىغىچە 2مىليون 800مىڭ، 1952- يىلىدىن 1957- يىلىغىچە 3 مىليون 509 مىڭ، 1958-يىلىدىن 1960- يىلىغىچە 6 مىليون 700مىڭ، 1961-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە 13 مىليون 300 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى يازغان. مۇشۇنچىۋالا زۇلۇم ۋە ھەققانىيەتسىزلىك بولغان بۇ دۇنيادا، مەنپەئەت ئۇرۇشى بولغان بۇ دۇنيادا مەنپەئەت ئۇرۇشلىرى داۋام قىلىۋاتقان كۈنىمىزدە ئادالەتنى قانداقمۇ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولسۇن. ئەركىنلىكنى ياقلايدىغان دۆلەتلەرگە نېمە بولدى. بىر مىللەت ياش تۆكمەكتە... ئاڭلىغان بارمۇ ؟ "

يۇقىرىدىكى بايانلار تۈركىيە گېزىتىنىڭ مۇخبىرى تۇنجاي ئونۇر ئەپەندىنىڭ قەلبىدىن چىققان سۆزلەردۇر. ( ئەركىن تارىم)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت