رۇسىيىدە مىللەتچىلىك كۈچەيمەكتە
2005.11.07
4-نويابىر كۈنى موسكۋا شەھىرىنىڭ مۇھىم مەركىزىي كوچىلىرىدا رۇس فاشىستلىرىنىڭ مارش ئېيتىپ، كوچا ئايلىنىپ، رۇس ئەمەس مىللەتلەرنى رۇسىيىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى مەزمۇن قىلغان شوئارلارنى توۋلاپ، نامايىش قىلىش ھەرىكىتى رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا جىددىي مۇنازىرىلەرنى قوزغىدى.
موسكۋادىن تارقىتىلىدىغان ئىنتېرنېت ئۇچۇر سەھىپىسىنىڭ www.newsru.com دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا تەخمىنەن ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بۇ نامايىش پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغان.
"موسكۋا ساداسى" رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشچىلار دۇمباقلىرىنى چېلىشىپ، " رۇسىيە پەقەت رۇسلار ئۈچۈن"، "رۇسلار ئالغا !" دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ كوچا ئايلانغان.
مەزكۇر مارش ئېيتىپ مېڭىش شەكلىدىكى پائالىيەتنى ئەسلىدە رۇسىيىدە دېموكراتىك ئىنقىلاب قوزغاشقا قارشى تۇرۇپ، پۈتۈن سابىق سوۋەت ئىتتىپاقى زېمىنىنى قايتىدىن بىرلەشتۈرۈشنى مۇددىئا قىلىدىغان "ياۋرو-ئاسىيا ياشلار ئىتتىپاقى" دېگەن تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇنىڭغا رۇس فاشىستلىرىنىڭ "قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى"، “ئەسلەش"،" رۇسىيە قۇدرەتلىك مىللىي دۆلەت پارتىيىسى" قاتارلىقلارنىڭ ئەزالىرى ئىشتىراك قوشۇلۇش بىلەن نامايىشنىڭ خاراكتېرى ئۆزگەرگەن. بۇ جەرياندا مۆتىدىل خاراكتېرگە ئىگە، دېموكراتىيىنى قوللايدىغان ھەمدە مىللەتچىلىككە قارشى تۇرىدىغان "مۇداپىئە" ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى بىلەن فاشىستلار ئارىسىدا كىچىك كۆلەمدە توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ساقچىلار تېزلىك بىلەن ۋەزىيەتنى كونترول قىلغان.
رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، دېموكراتلار ھۆكۈمەتنى فاشىستلارنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتىگە يول قويدى ۋە كۆز يۇمدى دەپ ئەيىبلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ئىرقچىلىك شەكىلدىكى ھەرىكەت رۇسىيىگە ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا رۇسىيە دېموكراتلىرى بۇ نامايىش يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى موسكۋا شەھەرلىك ھۆكۈمىتىدىن فاشىستلارنىڭ كوچىغا چىقىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.
4- نويابىر كۈنىدىكى رۇس ئىرقچىلىرىنىڭ بۇ نامايىش پائالىيىتى ھەققىدە رۇسىيە فېدېرال ھۆكۈمىتىگە تەۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرى ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدىن www. newsru.com دىكى ئۇچۇردا يېزىلىشىچە، "رۇسىيە" دەپ ئاتلىدىغان تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ "خەۋەرلەر" بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن فاشىستلارنىڭ نامايىشىغا ئائىت ئۇچۇر بەرمىگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنداق قىلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ پوزىتىسىيىسى ئىكەنلىكىنى، بۇنداق فاشىستىك ئىدىيىلەرنى تېلېۋىزىيە ئارقىلىق كىشىلەرگە بىلدۈرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.
رۇسىيىدە مىللەتچىلىك كۈنسايىن ئېغىرلاشماقتا
رۇسىيىدە چىقىدىغان "سودىگەرلەر" گېزىتىگە رۇسىيىدىكى ئەسەبىيلىك مەسىلىلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر رۇسىيىدىكى مىللەتچىلىك ئىدىيىلىرىنىڭ نىسبىتى 51%-تىن 53% غىچە بولغان سالماقنى ساقلىغان بولۇپ، 2000-يىلىنىڭ بېشىدىكىدىن تۆۋەنلىمىگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا يېقىنقى يىلاردىن بۇيان رۇسىيىدە مىللەتچىلىك كۈچىيىشكە قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، رۇس مىللەتچىلىرى موسكۋا قاتارلىقلار جايلاردىن رۇس ئەمەس مىللەتلەرنى جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيالىق، كاۋكازلىقلار، خىتايلار ۋە باشقا چاچلىق مىللەتلەرنى قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا. بۇ مىللەتلەر دائىم رۇس مىللەتچىلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، بۇلاڭ تالاڭ قىلىنىش ھەتتا ئۆلتۈرۈلۈش ئەھۋاللىرىغا دۇچ كەلمەكتە. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تېخى يېقىندىلا رۇس مىللەتچى ياشلىرى رۇسىيىنىڭ ۋورونجە شەھىرىدىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر قانچە ئوقۇغۇچىنى يارىلاندۇرغان ۋە بىر نەپەر لاتىن ئامېرىكىسىلىق ئوقۇغۇچىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. "ئايپاڭ باشلار" دەپ ئاتىلىپ، چاچلىرىنى قىردۇرۇپ يۈرۈيدىغان رۇس مىللەتچى ياشلىرى رۇسىيىنىڭ موسكۋا قاتارلىق چوڭ-كىچىك شەھەرلىرىدە قارا چاچلىق مىللەت كىشىلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئىش بولۇپ، رەڭگى روھى رۇسلاردىن پەرقلىنىدىغان قارا چاچلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئۆزلىرىدىن ئەنسىرەپ، خاتىرجەم يۈرەلمەسلىك ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن.
رۇسىيە فاشىستلىرىنىڭ ئىدىيىسى
رۇسىيە ئانالىزچىلىرىنىڭ يېزىشىچە، رۇسىيىدىكى بۇ خىل فاشىزم ئەمەلىيەتتە رۇس شوۋىنىزىمىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى "رۇسىيە پەقەت رۇسلار ئۈچۈنلا" دېگەندىن ئىبارەت. مەزكۇر يېڭى رۇس فاشىزىمىنىڭ نەزىرىدە رۇسىيە تۇپرىقىدىكى بارلىق باشقا مىللەتلەر يوقۇلۇشى، بۇ جايدا رۇسلارلا ياشىشى ۋە ياكى ئۇلار ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەك.
رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ھېسابلىشىچە، ھازىر پۈتۈن رۇسىيىدە "ئايپاڭ باشلار" دەپ ئاتىلىدىغان فاشىست ياشلار گۇرۇپپىسى ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ 50 مىڭ ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئەزاسى بار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
رۇس مىللەتچىلىكى زىيالىيلار ۋە مەمۇرىيلار قاتلىمىدىمۇ مەۋجۇت
رۇسىيىدە يېقىندىن بۇيان رۇس شوۋىنىزىمىنىڭ كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ھەقتە دوكلات تەييارلىغان. يېقىندا رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ئۆتكەندە ئىسرائىلىيىنى زىيارەت قىلغاندا، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى رۇسىيىدىكى يەھۇدىلارغا قارشى كەيپىياتنىڭ ئەۋجى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، رۇس مىللەتچىلىكى يالغۇز يۇقىرىدا ئېيتىلغان بىر قىسىم ياشلاردىلا ئەمەس، بەلكى ئومۇمىي يۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلانماقتا.
يەھۇدىلارغا قارشى تۇرۇش، باشقا مىللەتلەر بولۇپمۇ، ئاسىيالىقلارنى يەكلەش رۇسىيىنىڭ ھەممە قاتلاملىرىغا سىڭىشكە باشلىغان. رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىدىن www.newsru.com دا كۆرسىتىلىشىچە، موسكۋادا 20 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 500 ئاتاقلىق ئەرباپ رۇسىيە دۆلەتلىك باش تەپتىشىگە مۇراجەتنامە يېزىپ، بارلىق دىنىي بىرلىكلەر ۋە يەھۇدىلارنىڭ دىنىي بىرلىكلىرىنى چەكلەشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇلار خېتىدە ئاشكارا ھالدا "يەھۇدىلارنىڭ دىنىنى" ئەيىبلىگەن ئىكەن.
رۇسىيىدىكى ئىنسان ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش تەشكىلاتلىرى رۇسىيىدە كۈچىيىۋاتقان بۇنداق باشقا مىللەت ۋە ئىرقنى چەتكە قېقىش، ئۇنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرۈشتەك فاشىزمنىڭ راۋاجلىنىشىغا يول قويۇشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئەگەر بۇنى قاتتىق جازالىمىغاندا رۇسىيىگە تېخىمۇ زور بالايى-ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رۇسىيىدە چەتئەللىكلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالماقتا
- رۇسىيىدە فاشىستلىق ھەرىكەتلەر كۈچەيمەكتە
- "مۇقەددەس - 6" خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈنمۇ ياكى كوممۇنىست پارتىيە ئۈچۈنمۇ؟
- "خۇاشا مەدەنىيىتى" نىڭ ئىگىسى ھېچكىم
- ئامېرىكىنىڭ "بايقاش" ناملىق ئالەم كېمىسى ئالەم بوشلۇقىدا رىمونت قىلىنماقتا
- خىتايدىكى مىللەتچىلىك ئامېرىكىنى ئەندىشىگە سالماقتا