ئۇيغۇرلار ھەرگىز ئۆزىنى "خىتاي" دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ
2007.01.25
"مەركىزى ئاگېنتلىقى" ، "خىتاي ۋاقىت گېزىتى" ، "بوشۈن تور بېتى" قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ھۆججەت تارقىتىپ، ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا كوممۇنىست خىتاينىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىنى ئېسىش، "ئۇيغۇر" ئىكەنلىكىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزلىرىنى "خىتاي مىللىتى" دەپ ئېتىراپ قىلىشقا، ئۆزلىرى تارىختىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تۈرك-ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى "خىتاي مەدەنىيىتى" دەپ ئېتىراپ قىلىشقا، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتىنى "شەرقىي تۈركىستان" ئىكەنلىكىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتىنىنى "خىتاي" دەپ ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلاشقا باشلىغان.
ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق بېسىم ئىشلىتىۋەرسە، ئۇيغۇرلار خىتايدىن تېخىمۇ يېراقلىشىدۇ
ئامېرىكىدا چىقىدىغان "بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلى"نىڭ مۇدىرى شۆۋېى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر سىياسىي كىرزىسكە دۇچ كەلدى، ھەتتا ھاكىمىيىتىنىڭ داۋام قىلالايدىغانلىقىغىمۇ كۆزى يەتمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ ھازىر مەملىكەت ئىچىدە خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ كەسكىن قارشىلىقىغا ئۇچراۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىرقى دەۋر دۇنيادا ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ تەۋەلىكىنى ئۆزى ئەركىن تاللايدىغان دەۋر. شۇڭلاشقا خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۇنداق بىر سىياسىي تەدبىرنى قوللىنىشقا باشلىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ئەخمىقانە تەدبىر. قانداق قىلىپ تىلى، مەدەنىيىتى، مىللىتى خىتاي بىلەن تامامەن ئوخشىمايدىغان ئۇيغۇرلار ئۆزىنى "خىتاي" دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ؟ ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق شەكىلدە بېسىم ئىشلىتىۋەرسە، ئۇيغۇرلارنى باستۇرىۋەرسە، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەر خىتايدىن تېخىمۇ يېراقلىشىدۇ. خىتاينى جاللات دەپ ھېسابلايدۇ.
"ئۈچنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش" خىتاينىڭ خام خىيالى ياۋروپادا چىقىدىغان "غەرب شامىلى" ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق قىلىپ بوي سۇندۇرۇش ھەققىدە خېلى بۇرۇنلا مۇھاكىمە قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمى ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ سىياسىي تەدبىرىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ خىتاينىڭ ئۇخلىماي كۆرگەن چۈشى، ئۇيغۇر خىتاينىڭ بۇنداق تەلىپىنى قوبۇل قىلمايدۇ. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئۇيغۇرلاردىن "ئۈچكە ئېتىبار بېرىش" نى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا
- ماۋزېدۇڭ ئوتتۇرىغا قويغان "شەرق شامىلى" قۇرۇلۇشى ئاللىقاچان بەربات بولغان، بۇنىڭدىن كېيىن غەلىبە قىلامدۇ؟
- خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ ساھەسىگە قاراتقان تازىلاش ھەرىكىتى غەلبە قازىنالامدۇ؟
- خىتاي ھۆكۈمىتى مارالبېشىدىكى توي قىلماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنى كوللىكتىپ توي قىلىشقا مەجبۇرلىدى
- ئىنتېرنېتتە ھازىر "خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتامدۇ ياكى ئۆز -ئارا بىرلىشىۋاتامدۇ؟" دېگەن تېمىدا ئەركىن مۇنازىرە باشلاندى (2)