
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى يېقىندا ھەر قايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا چۈشۈرگەن ئۇقتۇرۇشىدا، "كومپارتىيە ياخشى، سوتسىيالىزىم ياخشى، ۋەتەن چوڭ ئائىلىمىز ياخشى دېگەن تېمىنى مەركەز قىلىپ، پارتىيىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە ئاپتونومىيە سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا مۇۋەپپىقىيەتلىك يولغا قويۇلغانلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش كېرەك" دەپ كۆرسەتكەن.
ئالتە تەرەپنى چىڭ تۇتۇش
تەشۋىقات بۆلىمى يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلىش ئېيىدىكى پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، چوقۇم تۆۋەندىكى ئالتە تەرەپنى چىڭ تۇتۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئالتە تەرەپ: "خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ شەكسىز توغرىلىقى" ۋە " زور ھاياتى كۈچى" نى تونۇتۇش، "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتلىق يولى دېگەن ئىدىيىنى ئورنۇتۇش"، "خىتايچە سوتسىيالىزىم يولىدا چىڭ تۇرۇش"، "ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، خىتاينىڭ بىرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىش"، "خەلققە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئىلغارلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش قاتارلىقلار" دەپ كۆرسىتىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە، دوكلات بېرىش يىغىنى، مۇزاكىرە يىغىنى، زېھىن سىناش، ماقالە يېزىش مۇسابىقىسى، مەدەنىيەت كۆرىكى قاتارلىق ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇرۇپ، مىللىي ئىتتىپاقلىق تەربىيىسىنى ئىدارە- ئورگان، مەكتەپ، كارخانا ۋە يېزا -كەنتلەرگىچە ئېلىپ بېرىشنى تەكىتلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقىدىن تەھدىت ھېس قىلماقتا
خىتاي " مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" نى قانچە كۆپ تەكىتلىسە، بۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەرنىڭ شۇنچە ئىتتىپاقسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىگە تەخىر قىلغۇچىلىقى قالمىدى. ئۇلارنىڭ بولۇپمۇ خىتايلار بىلەن چىقىشىش ئىمكانىيىتى يوق. چۈنكى، ئالدى بىلەن خىتايلار ئۇيغۇرلارنى سەمىمىي دوست قاتارىدا كۆرمىدى، بەلكى ئۇلارغا بۇلاڭ - تالاڭ، ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان ئوبيېكتى قاتارىدا مۇئامىلە قىلدى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان "مىللىي ئىتتىپاقلىق" تەربىيىسى دەل ئۇيغۇر ئېلىدە كومپارتىيىنىڭ ئىلغارلىق تەربىيىسى پائالىيىتى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن. مەركىزى نيو-يوركتىكى " بېيجىڭ باھارى" ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى شۆۋىي ئەپەندى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق تەربىيىسى" نى تەكىتلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە، مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىدىن تەھدىد ھېس قىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
- خىتاي " مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" نى قانچە كۆپ تەكىتلىسە، بۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەرنىڭ شۇنچە ئىتتىپاقسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىگە تەخىر قىلغۇچىلىقى قالمىدى. ئۇلارنىڭ بولۇپمۇ خىتايلار بىلەن چىقىشىش ئىمكانىيىتى يوق. چۈنكى، ئالدى بىلەن خىتايلار ئۇيغۇرلارنى سەمىمىي دوست قاتارىدا كۆرمىدى، بەلكى ئۇلارغا بۇلاڭ - تالاڭ، ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان ئوبېيكتى قاتارىدا مۇئامىلە قىلدى. ئەلۋەتتە مېنىڭ دەۋاتقىنىم بارلىق خىتايلار ئەمەس، بەلكى خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خادىملىرى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كۈنلىكى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى بوزەك قىلىۋاتقان خىتايلار. شوڭا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي زىددىيەت بارغانسىرى كەسكىنلىشىۋاتىدۇ.
كومپارتىيىنىڭ ھەر مىللەت قەلبىدىكى ئوبرازى ناچارلاشماقتا
شۆۋېينىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھەر مىللەت خەلقى كۆڭلىدىكى ئوبرازى بارغانسىرى ناچارلىشىپ، ئۇنىڭغا قارشى كەيپىياتلار كۈچەيمەكتە. خىتاي كومپارتىيىسىگە ئىشەنچىسى قالمىغان چەتئەلدىكى نەچچە يۈز مىڭ خىتاي كومپارتىيە ئەزالىرى بۇ سەۋەپتىن پارتىيىدىن چىكىنمەكتە. بۇنداق شارائىتتا، خىتاي كومپارتىيىسى مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش " مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش"، " پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش" دىگەندەك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنماقتا.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ۋە كۆچمەن قۇرۇلۇشى
مىللەتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق تەبىئىي ھالەتتە بولۇشى كېرەك. سىياسىي بېسىم ياكى زوراۋانلىق ئارقىلىق دوستلۇق پايدا قىلىشقا ئۇرۇنۇش، ئەسلى دوست بولاي دېگەن مىللەتنى دۈشمەنگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.
مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاينىڭ "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش تەربىيىسى" تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشى ئەمەلىيەتتە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى سىياسىي ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ ھەرىكەت، گەرچە شەكىل جەھەتتە خىتاي ۋە ئۇيغۇرلارغا تەڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسىي ھەرىكەت ئىكەن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان كۆچمەن يۆتكەش ۋە باشقا سىياسەتلىرى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل نارازىلىقلارنى باستۇرۇش، شۇنداقلا يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھۆرمەت قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن " مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" تەربىيىسىنى كۈچەيتمەكتە ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا 1982 - يىلىدىن بېرى، ھەر يىلى 5 - ئايدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارماقتا. ئۇنداقتا بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاشتا ھەقىقەتەن رول ئوينىدىمۇ؟
دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە ئۆز كۆز- قارىشىنى بايان قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتىنىڭ ئەمەلىيەتتە مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى، مىللەرلەر ئارىسىدىكى دوستلۇقنىڭ سىياسىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئەمەس بەلكى ئەمەلىيەت جەريانىدا پەيدا بولىدىغانلىقىنى، زوراۋانلىق ئارقىلىق دوستلۇق ھاسىل قىلىشنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىگانلىقىنى بىلدۈردى.
شۆۋىي: خىتاي كومپارتىيىسى مەۋجۇتلا بولسا، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەل بولمايدۇ
بېيجىڭ باھارىنىڭ باش مۇھەررىرى شۆۋىي ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يولى ئۇيغۇرلارغا ئالىي ئاپتونومىيە بېرىش ئىكەن.
- خىتاي كومپارتىيىسى ئالدى بىلەن قوشۇنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىن چىكىندۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ئىدارە قىلىشىغا يول قويۇش كېرەك. ئۇيغۇرلارغا ئالىي ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشى كېرەك. خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن كونترول قىلىنمايدىغان، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا قارىمايدىغان ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئۆي ماكانىنى قۇرۇشىغا يول قويۇش كېرەك. مانا مۇشۇنداق بولغاندا، ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ ئۆزلىرىگە ياخشى نىيەتتە بولغانلىقىنى سېزىپ، ئۇلار بىلەن ھەقىقىي دوستلۇق ئورنىتالايدۇ.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى مەۋجۇتلا بولغان شارائىتتا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇش ئىمكانىيىتى يوق بولۇپ، خىتايدا پەقەت دېموكراتىك، ئەركىن، قانۇن بويىچە ئىش بىجىرىدىغان ھۆكۈمەت ھاكىمىيەت ئىگىلىگەندە، ئاندىن ئۇيغۇرلار ئۆز - ئۆزىگە ئىگىدارچىلىق قىلالايدىكەن. (ئارزۇ)