خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى ماي ئېيىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ يىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ خىل تەربىيىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ 24 - يىلى. خىتاي كومپارتىيىسى تەشۋىقات دائىرىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تورلىرىدا ئېلان قىلىشىغا قارىغاندا بۇ ماي ئېيىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە خەلققە ئارمىيىنى سۆيۈش، ئارمىيىنى مەدھىيىلەش، خەلق بىلەن ئارمىيە ئايرىلالماسلىققا ئوخشاش خىتاي ئارمىيىسىنى ھىمايە قىلىش مەزمۇن قىلىنغان سىياسىي تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتمەكچى ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېيى باھانىسىدە سىياسىي ئۆگىنىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقى شۇنداقلا خەلققە خىتاي ئارمىيىسىنى ھىمايە قىلىش تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىنكاس قايتۇردى. د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.