مىللىي ئارمىيىنىڭ مارشلىرى (1)

بۇنىڭدىن 65 يىل ئىلگىرىكى 8 - ئاپرېل كۈنى قۇرۇلغان مۇنتىزىم شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار مارشلىرى ۋە تۈرلۈك ھەربىي ناخشىلىرىغا ئىگە ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.05.08
atliq-esker-200 ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA File

مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى جەڭچى - ئوفىتسېرلارنىڭ ھەربىي پاراتلار، ھەربىي يۈرۈشلەر، ئۇرۇش مەيدانلىرى ھەمدە باشقا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك پائالىيەتلەردە بىر تۇتاش كوماندا بويىچە ھەربىي مارش ۋە ناخشىلارنى ئېيتىشنى مىللىي ئارمىيىنىڭ ھەربىي تۈزۈمى دائىرىسىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر مارشلار مىللىي قوشۇننىڭ جەڭگىۋار روھىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان.

مەزكۇر ھەربىي ناخشىلاردا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ جەڭ قىلىشتىكى تۈپ نىشانى، مۇددىئاسى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئازادلىق كۈرىشى يولىدىكى باتۇر ۋە قەيسەر روھى ئىپادىلەنگەن.

مىللىي ئارمىيە ئېيتقان ناخشىلارنىڭ تۈرلىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە "مىللىي قوشۇن بىز"، "خەلق ئەسكىرى"، "سالام رەھبىرىمىز" قاتارلىق ناخشىلار مارش تۇسىنى ئالغان بولۇپ، دائىم ئېيتىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مىللىي ئارمىيىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئېيتقان ناخشىلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.