ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىكى ئوخشاش نۇقتا ‏-‏ ئەركىن پىكىر بايان قىلالماسلىق ۋە مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچراش

0:00 / 0:00

گەرچە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كەچۈرمىشلىرىدە بىردەك ئوخشايدىغان نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ، ئەركىن پىكىر بايان قىلالماسلىق، مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچراشتىن ئىبارەت. ھازىر شىۋېتسىيەدە تۇرۇۋاتقان نىجات ئەپەندىنىڭ كەچۈرمىشلىرىمۇ مۇشۇنداق بىر رىئاللىقنى دەلىللەيدۇ.

نىجات ئەپەندى 2000 ‏- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، گەرچە ناھايىتى ياخشى ئوقۇغان، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان بولسىمۇ، ئۇ پەقەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاۋازىنى يېزىپ چىقىپ، مەكتەپ رەھبەرلىرىگە تەلەپ ئورنىدا سۇنغانلىقى ئۈچۈنلا مەكتەپتىن چىقىرىۋېتىلگەن. ھازىر شىۋىتسىيىدە تۇرۇۋاتقان نىجات ئەپەندى ئەينى يىللاردىكى كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

نىجات ئەپەندى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىغا خىلاپ ھالدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قىلغان زورلۇقى ياكى مىللىي كەمسىتىشى دەپ ھېس قىلغان ئۈچ ۋەقەنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ھازىر شىۋېتسىيەدە تۇرۇۋاتقان نىجات ئەپەندى ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەپ ۋە كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى خاتا قىلدى دەپ قارىغان مەسىلىلەرنى سۆزلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ساۋاقداشلىرىغا، دوستلىرىغا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا قويىدىغان تەلەپ - ئارزۇلىرىنى بايان قىلدى. (ۋەلى)