ئۇيغۇرلاردا مىللىي مەنپەئەت ئېڭى كۈچەيمەكتە

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ئارىسىدا ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشتەك ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى `پۇل تاپسىمۇ ئۇيغۇرلار تاپسۇن`، دەپ خىتايلار ئاچقان ماگازىنلاردىن ئەمەس، ئۇيغۇرلار ئاچقان ماگازىنلاردىن نەرسە كېرەك سېتىۋېلىشتەك كەيپىيات بارغانسېرى كۈچەيمەكتە ئىكەن.

ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ خىل كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان تۇرسۇنجان، تۈركىيىدىكى تەجرىبىلىك تىجارەتچى، يىپەك يولى شىركىتىنىڭ خوجايىنى ئەيسا ئارتۇش ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى تىجارەتچى ئابدۇلقادىر ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.