خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان مەدەنىيەت ساھەسىدىكى سىياسىتى مۇتەخەسىسلەرنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

خىتايدا كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى، مىللىي توقۇنۇش خىتاي پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدا كۈندىن- كۈنگە چوڭىيىۋاتقان تاپاۋەت پەرقىنى، خىتاينىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن جىددىي تەھدىت دەپ قاراۋاتقان خىتاي ھۆكۈمەت ئەربابلىرى، بۇ مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن چارە ئىزدەشكە باشلىغان.

كانادادا چىقىدىغان Globe and Mail گېزىتىدە مەزكۇر گېزىتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى جېفرى يورك تەرىپىدىن ئېلان قېلىنغان ماقالىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى مىللىي توقۇنۇشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، داۋاملىشىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش ۋە ئىناق بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن، كانادانىڭ تەجىربىلىرىدىن پايدىلىنىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىمەكتە.

خىتاي مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا كانادادىن ئۆگنىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت

خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مۇشۇ مەقسەت بىلەن يېقىندا بېيجىڭدا بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يېغىنغا كانادالىق مۇتەخەسسىسلەر ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. يىغىندا خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى، كانادالىق مۇتەخەسىسىسلەرنىڭ، كانادادىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى توغرسىدىكى دوكلاتلىرىنىڭ ئاڭلاپ، بۇنىڭدىن خىتايدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قانداق پايدىلىنىش كېرەكلىكى مەسىلىسىنى مۇنازىرە قىلغان.

خىتايدىكى كانادا تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ بىڭ يېغىندا قىلغان سۆزىدە، "خىتاي كانادادىن ئۆگنىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت. بولۇپمۇ خىتاي بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا مىللىي مەسىلىلەردە نۇرغۇن ئورتاقلىقلار بار، ئېتنىك مىللەتچىلىك ۋە مىللىي توقۇنۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە بىزنىڭ كانادا بىلەن ئوخشايدىغان نۇرغۇن تەرەپلىرىمىز بار. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش بىز ئۈچۈن ناھايتى مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن ئازسانلىق مىللەتلەر مەسىلسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا ئادالەتلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. مېنىڭچە كانادا مىللىي مەسىلىسىنى ناھايىتى ياخشى بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ. بىز توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ تەجىربىلەردىن پايدىلىنشىمىز كېرەك" دېگەن.

جېفرى يوركنىڭ ماقالىسىدە بىلدۈرۈلىشىچە، يېغىنغا قاتناشقان خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە تىل ۋە مەدەنىيە ساھەلىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسەتلەرنى تەنقىد قىلىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. مەسىلەن خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەزاسى خاۋ شىيۈئەن يىغىندا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئېتنىك ۋە مەدەنىي پەرقلىقلەرنى ئۆزىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن چوڭ بىر غەزىنە دەپ ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىنى ھەمدە مەدەنىيەتتىكى ئوخشىماسلىقنىڭ توقۇنۇشقا سەۋەب بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر پاتونۇم رايونى ۋە تىبەت ھەقىقى قوش تىللىق بولۇشى كېرەك

خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن بېيجىڭدا ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىندا سۆز قىلغان خىتاي مەركىزى پىلان ئىدارىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى يان خۇئا، كانادانىڭ قوش تىللىق سىياسىتىنىڭ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ۋە تىبەتكە ياخشى بىر ئۈلگە بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن" قانۇن بويىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەتتە قوش تىل ئىشلىتىلىشى كېرەك. لېكىن بۇ رايونلاردىكى ھۆكۈمەت ئەربابلىرى بۇنىڭغا يېتەرلىك ئەمەل قىلمايۋاتىدۇ.

جېفرى يوركنىڭ ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، يان خۇئا، يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان بىر زىيارىتىدە ئايروپىلاندا ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشلارنىڭ پەقەت خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە ئېلان قىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەقىقى خەلقى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدا ئېلان قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ "ۋەھالەنكى ئايروپىلاندىكى يولوچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار ئىدى. ئايروپىلاندا ھېچقانداق چەتئەللىك بولمىغان بولسىمۇ ئۇقتۇرۇش، ئۇيغۇرچە ئەمەس ئىنگلىزچە ئېلان قىلىندى. ئەگەر مەن بىر ئۇيغۇر بولغان بولسام، ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن ئەپسۇسلىناتتىم. ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسەتنى بەلگىلەيدىغانلارنىڭ ئاساسلىقى خىتايلار، ئۇلار بۇ مەسىلىلەرگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەيدۇ"، دېگەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېغىنغا قاتناشقان كانادالىق مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي دائىرىلىرىگە مەسىلىلەرنى بېسىم ۋە قاتتىق قوللۇق بىلەن ئەمەس، دىئالوگ ۋە سەبىرچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى دىپلوماتىك تىل بىلەن ئۇقتۇرۇشنى ئۈمىت قىلىغان. لېكىن خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ بۇ تەۋسىيەلىرىگە قۇلاق سېلىپ -سالامايدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. (قانات)