ئۆگىنىش ۋاقتى گېزىتى: جۇڭگودا مىللەتلەر مۇناسىۋىتى يېڭى رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە

0:00 / 0:00
oil-bugur-nefit.jpg
2003-يىلى 13-سېنتەبىر كۈنى بۈگۈر ناھىيىسىدىكى بىر نېفىتلىكتە تارتىلغان رەسىم. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى "ئۇيغۇرلار ئاپتونومىيىدىن بەھرىمان بولىۋاتىدۇ" دەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ تەشۋىقاتىنى ئىنكار قىلماقتا.

خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئورگان مەجمۇئەسى "ئۆگىنىش ۋاقتى گېزىتى" يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتايدا مىللەتلەر مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان ھەر خىل زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارنىڭ كۈچىيىشكە باشلىغانلىقىنى ۋە كومپارتىيە يەرلىك دائىرىلىرىنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى سەۋەنلىكلىرىنى پاش قىلدى. ماقالىدە خىتايدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆتكۈرلىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىنى جۇڭگودىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا، دەپ ئەيىبلىگەن. لېكىن بەزى كۆزەتكۈچىلەر، مەسىلە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ سىياسىتىدىكى خاتالىقتا، دەپ كۆرسەتتى.

"دۈشمەن كۈچلەر" ئاساسلىق رولدا

خىتاي مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئورگان مەجمۇئەسى "ئۆگىنىش ۋاقتى گېزىتى" نىڭ ئەسكەرتىشىچە، مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىر تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، تىبەت، گۇاڭشى قاتارلىق ئېتنىك مىللەتلەر رايونلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، خىتايدا مىللەتلەر مۇناسىۋىتى 4 چوڭ يېڭى رىقابەتنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ 4 يېڭى رىقابەت ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۆملۈكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ماقالىدە ئىقتىسادى تەرەققىيات ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى رىغبەتلەندۈرۈش مۇناسىۋەتنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىشى مۇمكىن، دەپ تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ۋە باشقا "دۈشمەن كۈچلەر" كىشىلىك ھوقۇقنى ۋە دىننى باھانە قىلىپ، جۇڭگونى كونترول قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ شۇنداقلا دۆلەتنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىگەن.

ئۆگىنىش ۋاقتى گېزىتىدىكى ماقالىدە ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە تەھدىت سېلىۋاتقان 4 يېڭى رىقابەتنىڭ بىرىنچىسى، ئاتالمىش خەلقئارا دۈشمەن كۈچلەرنىڭ "تىبەت مەسىلىسى" ۋە "شىنجاڭ مەسىلىسى" نى كۈچەيتىپ، ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن دالاي لاما گۇرۇھى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى قوللاۋاتقانلىقىدۇر.

تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق

جۇڭگو كومپارتىيىسى پارچىلاپ ئىدارە قىلىش مىللىي سىياسىتىنى يولغا قويماقتا. نامدا جايلارنىڭ مىللىي ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقى تەكىتلەنسىمۇ، لېكىن پۈتۈن نەرسە كومپارتىيە رەھبەرلىكى ئاستىدا... پۈتۈن مىللىي ئاپتونوم رايونلارنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى خەن مىللىتى شۇنداقلا چوقۇم كومپارتىيە ئەزاسى. مىللىي ئاپتونومىيە، دېگەن پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ. شۇڭا بۇ خىل ۋەزىيەت ئاستىدا مىللىي زىددىيەت كۈچىيىدۇكى، ھەرگىز يۇمشىمايدۇ.

ماقالىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ ئومۇمى تەرەققىيات سەۋىيىسى بىلەن شەرقتىكى رايونلارنىڭ بىر قەدەر زور تەرەققىيات پەرقى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە تەھدىت سېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى، دەپ تەكىتلىگەن. ماقالىدە تەكىتلىشىچە، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆتكۈرلىشىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقان ئامىللارنىڭ يەنە بىرى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى سەۋەنلىكى بولۇپ، مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشالمايۋاتقانلىقىدۇر. ماقالىدە "خەلقئارا ۋە مەملىكەت ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر جۇڭگونىڭ ئېتنىك مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزمەكتە" دەيدۇ.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى خىتاينى ئېتنىك مىللەت رايونلىرىغا بولۇپمۇ تىبەت بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش ئارقىلىق بۇ رايونلارنى تېخىمۇ چىڭ كونترول قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە ئىدى. " ئۆگىنىش ۋاقتى گېزىتى"، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئېتنىك مىللەتلەرنى قوغداش يولىدا تەدبىر ئېلىش ۋە قانۇن چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى.

مەسىلە خىتاينىڭ سىياسىتىدە

كۆزەتكۈچىلەر "ئۆگىنىش ۋاقتى گېزىتى" نىڭ ماقالىسىدىكى مەسىلىلەرگە ئوخشىمىغان پىكىرلەردە بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكىدىكى خىتاي زىيالىيسى ليۇ شاۋبونىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى مىللىي مەسىلە ھەرگىز غەربتىكى ئاتالمىش "دۈشمەن كۈچلەر" كۈشكۈرتىۋاتقان مەسىلە ئەمەس. بەلكى سىياسەتتىكى خاتالىقنىڭ ئاقىۋىتىدۇر.

ليۇ شاۋبو، "بۇ ماقالىدە مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقى پاش قىلىنغان. كومپارتىيە بۇ يىللاردا ئادالەتسىزلىكنى كۆپ قىلىۋاتىدۇ. مەسىلىنىڭ تۈپكى سەۋەبى بۇ. ئەمەلىيەتتە سۇ بايلىقىنىڭ يېتىشمەسلىكى ۋە ئىقتىسادى مەنپەئەت توقۇنۇشى دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە مەۋجۇت مەسىلە. لېكىن بۇ مەسىلىنى كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە قانۇن - تۈزۈم رامكىسى ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش مۇمكىن. بۇ ماقالىدە مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى بايقىغان شۇنداقلا مېنىڭچە ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان چارە - تەدبىرلەرنى خاتا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. لېكىن جۇڭگودىكى مىللىي مەسىلە ھەرگىز غەربتىكى كۈچلەر قوزغاۋاتقان مەسىلە ئەمەس. بەلكى جۇڭگونىڭ سىياسەت جەھەتتىكى خاتالىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ مەسىلە بىلەن يۈزلەشمىگىچە ئۇنى ھەل قىلىش پۈتۈنلەي مۇمكىن ئەمەس. تىبەت بىلەن شىنجاڭنى شۇنداقلا شىمالدىكى چېگرا رايونلارنى ئايرىۋەتسەك مەسىلە ھەل بولغان بولامدۇ ؟ بەلكى مەسىلە تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن" دەپ كۆرسەتتى.

لېكىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ يەردىكى مەسىلىنىڭ تۈپ نېگىزى خىتاينىڭ مىللىي سىياستى دىكىخاتالىقلار ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ‏- ئۆزىگە خوجا بولۇش ئىستىگىدۇر.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەممەت توختى بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

مىللىي ئاپتونومىيە، دېگەن پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ

"ئۆگىنىش ۋاقتى گېزىتى" دىكى ماقالىدە ئەسكەرتىشىچە، يېقىنقى يىللاردا مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغان ھەر خىل زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلار شۇنداقلا تاسادىپىي يۈز بەرگەن مىللىي ۋەقەلەر كۆپەيگەن بولۇپ، ماقالىدە بۇ خىل تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ مەملىكەت مىقياسىدا قانچە قېتىم يۈز بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن 1998 - يىلدىن بېرى يۈننەن ئۆلكىسىدە 52 قېتىم "زور كۆلەملىك مىللىي ۋەقە" يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكىدا خىتايچە چىقىدىغان "جۇڭگو مەسىلىلىرى" ئىسىملىك ئىنتېرنېت ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ۋۇ فەن ئەپەندى، خىتايدا مىللىي زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئامىللار توغرىسىدا باشقىچە ئويلايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇنىڭ ئەسكلەرتىشىچە، مەركىزى پارتىيە مەكتىپى ئېلان قىلغان بۇ ماقالىدە خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچىدە مىللىي زىددىيەت ئۆتكۈرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بىر رېئاللىقنى ئاشكارىلىغان. ۋۇ فەن ئەپەندى، "جۇڭگو كومپارتىيىسى پارچىلاپ ئىدارە قىلىش مىللىي سىياسىتىنى يولغا قويماقتا. نامدا جايلارنىڭ مىللىي ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقى تەكىتلەنسىمۇ، لېكىن پۈتۈن نەرسە كومپارتىيە رەھبەرلىكى ئاستىدا. كومپارتىيىنىڭ ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئەمەلدارلار بىلەن سودىگەرلەر تىل بىرىكتۈرۈش، ئەمەلدارلارنىڭ خىيانەتچىلىكى قاتارلىقلار ئوت ئۈستىگە ياغ چاچماقتا. پۈتۈن مىللىي ئاپتونوم رايونلارنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى خەن مىللىتى شۇنداقلا چوقۇم كومپارتىيە ئەزاسى. مىللىي ئاپتونومىيە، دېگەن پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ. شۇڭا بۇ خىل ۋەزىيەت ئاستىدا مىللىي زىددىيەت كۈچىيىدۇكى، ھەرگىز يۇمشىمايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

ئۆگىنىش ۋاقتى گېزىتى" دىكى ماقالىدە يەنە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى خىتايغا چېگرالىنىدىغان دۆلەتلەر چېگرىدا جىددىي ۋەزىيەت پەيدا قىلىش، خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدە پاھىشە سودىسى، قىمار ۋە زەھەرلىك چېكىملىك تىجارىتى ئېلىپ بېرىش شۇنداقلا مياۋ مىللىتىنى خىتايغا قارشى كۈشكۈرتۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن. (ئەركىن)