ئىچكى موڭغۇلنىڭ قايغۇلۇق 60 يىلى(1)

0:00 / 0:00

موڭغۇل خەلقىنىڭ ئىككىنچى چوڭ ئېتنىك رايونى يەنى خىتاي چېگرىسى ئىچىگە جايلاشقان ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى 1947 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەنتەنە قىلماقتا. ئەمما بۇ كۈندە چەتئەللەردىكى موڭغۇل پائالىيەتچىلىرى بولسا يىلدىكىگە ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق نامايىشلىرىنى ئېلىپ باردى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن موڭغۇللارنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى، ئارزۇسى ھەمدە موڭغۇل پائالىيەتچىلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان دوستلۇقى قاتارلىق ئەھۋاللار ھەققىدە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە چەتئەللەردىكى بەزى موڭغۇل پائالىيەتچىلىرىنى زىيارەت قىلدى.

تارىختىن بۈگۈنگىچە

موڭغۇل مىللىتى دۇنيا تارىخىدا شانلىق سەھىپىلەرنى ياراتقان قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى. كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىگە ئىگە موڭغۇللار يەنە، ئات ئۈستىدىكى مىللەت دەپ تەرىپلىنىدۇ. موڭغۇللارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ يېقىنقى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردا تۆت مىليون 800مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. موڭغۇللار نۆۋەتتە ئاساسەن موڭغۇلىيە دۆلىتى، خىتايدىكى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، چىڭخەي، گەنسۇ، لياۋنىڭ، خېيلوڭجياڭ، ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدە بايىنغۇلىن ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بۆرتالا ئاپتونوم ئوبلاستى، شۇنداقلا رۇسىيىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا تارقاق ياشىماقتا.

13 - ئەسىردە چىڭگىزخان موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن خانلىق قۇرغان. چىڭگىزخاننىڭ قوشۇنلىرى 1219 - يىلىدا غەربكە يۈرۈش قىلىپ ھازىرقى خىتاينىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ھەتتا رۇسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسىملىرىنىمۇ ئىگىلىگەن. 1271 - يىلى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ، پۈتۈن خىتاينى ئىگىلەپ جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنى بەربات قىلغان. موڭغۇل ئىمپىراتورلىقى 1368 - يىلى زوۋاللىققا يۈز تۇتۇپ قەبىلىلەر تەرەپ‏- تەرەپكە تارقالغان.

1924 - يىلى 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى موڭغۇل خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. 1946 - يىلى تاشقى موڭغۇل يەنى موڭغۇلىيە رەسمىي مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان، ھەمدە خىتاي بىلەن بارلىق دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆزگەن. پەقەت 1989 - يىلىغا كەلگەندە ئاندىنخىتاي بىلەن نورمال مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا باشلىغان.

خىتاي چېگرىسى ئىچىدىكى ئىچكى موڭغۇلنى خىتاي ھۆكۈمىتى 1947- يىلى 1 - مايدا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ خىتايدا قۇرۇلغان تۇنجى ئاپتونوم رايون ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي، موڭغۇللار توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا بايىنغۇلىن ئاپتونوم ئوبلاستى، بۆرتالا ئاپتونوم ئوبلاستلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاست ۋە ئاپتونوم ناھىيىلەرنى قۇردى.

ھازىر خىتاي دائىرىلىرى ئىچكى موڭغۇلدا ياشايدىغان موڭغۇللارنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلماقتا. ئەمما، سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئىچكى موڭغۇلدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نوپۇسى يەرلىك موڭغۇللارنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.

بۇ كۈن، خىتايغا بايرام موڭغۇلغا ماتەم

خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى كەڭ كۆلەملىك تەبرىكلىمەكتە، ھەمدە بارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىدە ئىچكى موڭغۇلنىڭ 60 يىل جەريانىدا زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ موڭغۇل ۋە باشقا مىللەت خەلقىنىڭ باياشات ياشاۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا.

ئەمما چەتئەللەردىكى موڭغۇللار بۇ كۈندە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىغا يىغىلىپ خىتاينىڭ موڭغۇللارغا قاراتقان باستۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

1-ماي كۈنى شۋېتسىيە پايتەختى سىتوھكولۇمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن قايتقان، شىۋېتسىيە موڭغۇل كومىتېتى رەئىسى ئېلاتو ئەپەندىنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بۇ ئاتمىش يىلنىڭ موڭغۇل خەلقىنىڭ تۇپرىقىنىڭ ئىشغال قىلىنغان، خەلقنىڭ باستۇرۇشقا ئۇچراشقا باشلىغان قايغۇلۇق بىر كۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى:

ئېلاتو ئەپەندى يەنە بۈگۈنكىدەك ھەر يىلى 1-مايدا موڭغۇل خەلق پارتىيىسى، موڭغۇل ئەركىن دىمۇكراتىيە ئىتتىپاقى قاتارلىق موڭغۇل تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇردى.

ئېلاتو ئەپەندى، ئىچكى موڭغۇل ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا جايلاشقان موڭغۇل ئوبلاستى ھەم ئاپتونوم ناھىيىلەردىكى موڭغۇل خەلقىنىڭمۇ ئوخشاشلا بارلىق ھوقوقلىرىدىن مەھرۇم ھالدا خىتاينىڭ سىياسىي ھەمدە مەدەنىيەت، تىلۋە باشقا ھەر جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشگىردابىدا ياشاۋاتقانلىقىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى، بارلىق موڭغۇللارنىڭ بىرلىشىپ ئۆز مەدەنىيىتى، ئۆز تۇپرىقىنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش ئارزۇسىنىڭ بارلىقى، ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېلاتو ئەپەندى يەنە، "موڭغۇل خەلقى بىلەن خىتاي بېسىۋالغان ئۇيغۇر ھەمدە تىبەت خەلقى بىزگە ئوخشاش تەقدىردىكى مىللەتلەر، بۇ ئاق كۆڭۈل خەلقلەر خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئالدىشىغا ئۇچراپ كەلمەكتە. باستۇرۇشىغا ئۇچراپ كەلمەكتە. ئۇلاردا نارازىلىق بولسىمۇ خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇشى بىلەن ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتالماي كەلمەكتە. شۇڭا بىز چەتئەلدىكى موڭغۇل، ئۇيغۇر ھەمدە تىبەت پائالىيەتچىلىرى خىتايغا قارشى بىرلىكتە پائالىيەتلىرىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك ھەم شۇنداق قىلماقتىمىز " دېدى.

ئېلاتو ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا يەنە، موڭغۇل خەلقى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختىن بۇيان چوڭقۇر دوستلۇققا ئىگە مىللەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: "ئۇيغۇرلار بىلەن موڭغۇللار ئوخشاشلا چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئەۋلادى. بىزنىڭ دوستلۇقىمىز ئۇزاق تارىختىن باشلانغان. موڭغۇللار گەرچە خىتاينىڭ بېسىمىغا 60 يىلدىن بېرى ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولساقمۇ، چەتئەللەردىكى دېموكراتىك پائالىيىتىمىز تېخى 10 يىل ئىلگىرى باشلاندى. بىز موڭغۇللار چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك، بولۇپمۇ رابىيە ئانىمىزنى ھەممىمىز قوللايمىز، بىز ئۇلاردىن ئۈلگە ئېلىشىمىز كېرەك. "دېدى.

چەتئەللەردىكى موڭغۇل، ئۇيغۇر ھەمدە تىبەت تەشكىلاتلىرى تەقدىرداش مىللەتلەر سۈپىتىدە خىتاينىڭ ئۆزلىرىگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى نامايىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش دېموكراتىك، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. (گۈلچەھرە)