قۇدرەتلىك كۈچلەر ئارىسىدىكى موڭغۇلىيە

0:00 / 0:00

دۈشەنبە يەنى 22-ئۆكتەبىر كۈنى موڭغۇلىيە پرېزىدېنتى نامبارىن ئېنكبايار ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئاق سارايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ " يېڭى ئەسىردىكى ۋەزىپىلەر لايىھىسى" ناملىق تەرەققىي قىلىشقا ياردەم بېرىش پروگراممىسى رامكىسى ئاستىدا 285 مىليون دوللار ياردەمگە ئىگە بولۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرگە قول قويۇش بىلەن موڭغۇلىيە ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر ياردىمىگە ئېرىشىۋاتقان 15 دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلاندى. مەزكۇر 285 مىليون دوللار بەش يىلغا بۆلۈپ بېرىلىش قارار قىلىنغان بولۇپ، بۇ پۇللار ئاساسلىقى موڭغۇلىيىنىڭ تۆمۈر يوللىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش، قۇرۇلۇش ۋە مائارىپ ئىشلىرىغا سەرپ قىلىنىدىكەن.

ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئەسىردىكى ۋەزىپىلەر لايىھىسى

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ "يېڭى ئەسىردىكى ۋەزىپىلەر لايىھىسى" 2004-يىلىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھازىرچە موڭغۇلىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 دۆلەت بۇ ياردەمدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان بولۇپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان مەملىكەتلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، كېلەر يىلى تانزانىيە قاتارلىق ئۈچ ئافرىقا دۆلىتى مەزكۇر لايىھىگە قاتنىشىدىكەن.

يېڭى ئەسىردىكى ۋەزىپىلەر لايىھىسى ئاساسىدا ياردەم پۇلى ئالغان دۆلەتكە بىر قاتار شەرتلەر قويۇلىدۇ. يەنى بۇ دۆلەتلەردە ئاشكارىلىق تۈزۈمى بولۇشى، پۇلنىڭ كىرگۈزۈلۇشى ئۈچۈن بانك تىزىملاش سىستېمىسى مەۋجۇت ۋە مۇستەھكەم پارىخورلۇق يوق بولۇشى كېرەك. پۇلنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى تەكشۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئەگەردە قالايمىقان ۋە نامۇۋاپىق ئىشلىتىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ياردەم دەرھال توختىلىدۇ.

نېمە ئۈچۈن موڭغۇلىيە بۇ ياردەمگە ئېرىشتى؟

موڭغۇلىيە رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئارىسىغا جايلاشقان نوپۇسى ئاز، يەر مەيدانى چوڭ، يەر ئاستى ۋە ئۈستى بايلىقلىرى كەمچىل ھەم ئىقتىسادىي ئارقىدا قالغان بىر دۆلەت بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى ئىككى يېرىم مىليوندىن ئاشىدۇ.

موڭغۇلىيە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ دەسلىۋىدە مەنچىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ يوقىلىشى بىلەن تەڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان ھەمدە 20-يىللاردا سۇخباتۇر، چويبالسان قاتارلىق موڭغۇل كوممۇنىستلىرى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. 1945-يىلى، 2-ئايدىكى يالتا يىغىنىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى روزۋېلت، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى چېرچىل موڭغۇلىيە مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن موڭغۇلىيىنىڭ مەۋجۇت ھالىتىنى ساقلاشقا كېلىشكەن ھەمدە شۇ يىلى يەنە سوۋېت-خىتاي دوستلۇق شەرتنامىسىنىڭ روھىغا، موسكۋانىڭ بېسىمى ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسى ھەققىدە ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئۆتكۈزگەندە موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقى قوللاشقا ئېرىشىلگەن. بىراق، خىتاي مىللەتچىلىرى ۋە سىياسىيونلىرى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىزچىل تۈردە ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال موڭغۇلىيە خەلقىنى رۇسىيىگە تايىنىپ، خىتاينىڭ ئۆزلىرىنى بېسىۋېلىشىدىن مۇداپىئە كۆرۈش يولىنى تۇتۇشىنى تاللىشىغا سەۋەب بولدى.

1950-يىلى ماۋ زېدوڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. موڭغۇلىيە جايلاشقان ئورنىغا ئاساسەن 19-ئەسىردە چار رۇسىيە بىلەن مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى تالىشىش نۇقتىسى بولغان، مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى ئاستىدا بولۇپ، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى موسكۋاغا باغلىدى. موڭغۇلىيە ئەمەلىيەتتە، 60 يىلىدىن ئارتۇق ۋاقىت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 16-ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىدەك ھالغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، سوۋېت -خىتاي مۇناسىۋەتلىرى جىددىيلەشكەن 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت جەريانىدا موسكۋا ئۆزىنىڭ مىليون كىشىلىك زور قوشۇنىنى موڭغۇلىيە لىنىيىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي شىمال، ئوتتۇرا خىتاي رايونلىرىغا تەھدىت سالدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ مەسئۇلى ئالىم سېيتوفنىڭ قارىشىچە، 1992-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن موڭغۇلىيىمۇ ئەركىنلىككە ئېرىشتى ھەمدە ئوخشاشلا بۇ دۆلەتتە كوممۇنىستىك تۈزۈم ئەمەلدىن قېلىپ، دېموكراتىك تەرەققىياتقا يول ئېچىلدى. ئەركىن سايلام، دېموكراتىك ئاساسىي قانۇن ھەمدە كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈم يولغا قويۇلدى. بىراق، موڭغۇلىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بويۇنتۇرىقىدىن قۇتۇلۇپ، دېموكراتىيە ھۆرلۈكىگە ئېرىشكىنى بىلەن يەتتە يىلدىن بەرى ئۆزىنىڭ مىللىي دۆلەتلىك مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشتىكى تايانچىسىدىن ۋە ياكى ھىمايىچىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. چۈنكى، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا خىتاي خىرىس قىلىپ تۇراتتى، نەتىجىدە، موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلىكىنى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەسىلىسىدە يېڭى ئويلىنىش ۋە تاللاش ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ، خىتاي ۋە رۇسىيە ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتەك تاشقى سىياسەت بېكىتىلدى. ئەلۋەتتە، موڭغۇلىيە رۇسىيە بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى مۇناسىۋەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە خىتاي بىلەنمۇ دوستانە ئۆتۈش ھەم ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە تايىنىشقىمۇ ئەھمىيەت بەردى. بىراق، بۇ يەردە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىيىشى، خىتاينىڭ تېز قۇدرەت تېپىشى بىلەن ئۇنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرى ئاستىغا چۈشۈپ قېلىشتەك تۈرلۈك ئەھۋاللار موڭغۇلىيىلىكلەرنى خەۋپسىزلەندۈرۈپ، بىر تەرەپتىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلاشسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا باشلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈردى.

ئالىم سېيتوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي ھەرىكىتى باشلانغاندا، موڭغۇلىيە ئامېرىكىنى قوللاپ، 100 كىشىلىك قوشۇنىنى ئىراققا ئەۋەتتى. ئۇلانباتور ئىستراتېگىيىچىلىرى رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بۇنىڭغا ئامېرىكىنىڭ ئېلىپ كىرىش ئارقىلىق، ئۆز تەسىرىنى ئاشۇرۇش، جۈملىدىن ئامېرىكىنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش سىياسىتىنى بەلگىلەپ، ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە مۇناسىۋەتلەرگە بەكرەك ئەھمىيەت بەردى.

ئامېرىكا موڭغۇلىيىنىڭ دېموكراتىك تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بەرمەكتە

2005-يىلى پرېزىدېنت بۇش تارىختىكى تۇنجى ئامېرىكا پرېزىدېنتى سۈپىتى موڭغۇلىيىنى قىسقا ۋە سىمۋول خاراكتېرلىق زىيارەت قىلدى شۇنىڭدەك موڭغۇلىيىنىڭ ئامېرىكىنى قوللىشىغا رەھمەت ئېتىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ دېموكراتىك تەرەققىياتىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، موڭغۇلىيىنىڭ كۈندىن-كۈنگە پىشىپ يېتىلىۋاتقان ھەم مۇقىم دېموكراتىك دۆلەت تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئالغا بېسىۋاتقانلىقىنى مەدھىيىلىگەن ئىدى.

ئالىم سېيتوفنىڭ قارىشىچە، موڭغۇلىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى دۆلەتلەر ئىچىدە بۈگۈنكى كۈندە دېموكراتىك تەرەققىيات ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا ئۇنى باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە ئۈلگە قىلىشنى ئويلاشقان بولۇشى مۇمكىن.

22-ئۆكتەبىر كۈنى موڭغۇلىيە پرېزىدېنتى نامبىر ئېنكبايار ۋاشىنگتوندا ئامېرىكىنىڭ 285 مىليونلۇق ئىقتىسادىي ياردىمىنىڭ موڭغۇلىيىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنى ئازلىتىش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،" مەن بۈگۈن ۋاشىنگتوندا بۇ مۇراسىمغا قاتنىشىپ، ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن ناھايىتى شەرەپلىك ھېس قىلدىم، بۈگۈنكى بۇ مۇراسىم موڭغۇلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ يېڭى مۇھىم ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ باشلىنىشىدۇر" دېگەن.

پرېزىدېنت بۇش مەزكۇر ياردەم سوممىسىنىڭ دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن تەستىقلىنىشىنى ئىلگىرىلىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەزكۇر لايىھىنى ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى مۇھىملىقىنى چۈشىنىشى لازىملىقى، ئۇنىڭ ھازىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۈنۈمگە ئېرىشىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە موڭغۇلىيىدىمۇ ئۈنۈمگە ئېرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. (ئۈمىدۋار)