موڭغۇلىيە باش مىنىستىرى ئەنكھبولدنىڭ تۈركىيىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان رەسمىي زىيارىتى داۋام قىلماقتا

0:00 / 0:00

موڭغۇلىيە باش مىنىستىرى ئەنكھبولد (Miyeegombyn Enkhbold) نىڭ تۈركىيىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان رەسمىي زىيارىتى داۋام قىلماقتا. 11-ئاينىڭ 2-كۇنى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان موڭغۇلىيە باش مىنىستىرىنى رەسمى مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالدى. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا تۈركىيە بىلەن موڭغۇلىيە ئوتتۇرىسىدا موڭغۇلىيەدىكى ئورخۇن يېنىسەي ئابىدىلىرىنى قوغداش ۋە رىمونت قىلىش ھەققىدىكى توختامنامىسى بىلەن مۇھىت ۋە مۇھىتنى قوغداش توختامنامىسىگە قول قويدى ۋە موڭغۇلىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىجارى ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.